مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قرىمئوغلۇ
مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇمۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ71 يىللىق ھاياتىنى يا كۈرەش قايناملىرى ياكى ئېغىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرى ۋە ياكى زەي زىندانلاردا ئۆتكۈزگەن مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ 1943-يىلى نويابىر ئېيىنىڭ 13-كۈنى قىرىمنىڭ بوزكۆي (قىرىمنىڭ شىمالىدىكى ۋادىلارغا بېرىلگەن نام) رايونىدا دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى ئابدۇلجەمىل بىلەن ئانىسى مەغفۇرە ستالىن دەۋرىدە سۇداقنىڭ ئايسەرەز يېزىسىدىن پومېشچىكنىڭ بالىلىرى دېگەن باھانە بىلەن ئۇرالغا سۈرگۈن قىلىندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خۇپىيانە ھالدا قىرىمغا قايتقان ئائىلە قىرىمنىڭ چۆل قىسمىدىكى بوزكۆيگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئاكىلىرى ھەنەفى ۋە ھەسەن، ئاچىلىرى شەۋقىيە ۋە ۋەسفىيەلەر بىلەن بىرلىكتە ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان مۇستاپا 1944-يىلى 18-مايدا بارلىق قىرىم تاتارلىرىغا ئوخشاشلا قىرىمدىن رەھىمسىزلەرچە سۈرگۈن قىلىندى. يېنىدا ئانىسى بار ئىدى. ئاتىسى بولسا، سۈرگۈندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى باشقا قىرىم تاتارلىرىغا ئوخشاش كۆرۈلگۈسى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تۇتۇپ كېتىلگەنىدى. ئۇلار ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان رايونىغا سۈرگۈن قىلىندى. كىچىك قېرىندىشى دىلئارا سۈرگۈندە دۇنياغا كۆز ئاچتى. بالىلىق مەزگىلى بۇ يەردىكى بىر يېزىدا ئۆتكەن قىرىمئوغلۇ، 1955-يىلى تاشكەنتكە يېقىن يەردىكى بىر بازارغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. 1959-يىلى رۇس تىلىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئىلتىماس سۇندى، لېكىن، «قىرىم تاتارلىرىنى، يەنى سوۋېتقا سادىق بولمىغان بىر مىللەتنىڭ مەنسۇپلىرىنى بۇ فاكۇلتېتقا قوبۇل قىلالمايمىز» دەپ، ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن بىر زاۋۇتتا ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى. تاتارلارنى سۈرگۈن بەخشەندە قىلغان سەرسانلىق، سەرگەردانلىق ھاياتتىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە 1961-يىلى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «قىرىم تاتار مىللىي ياشلار تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ چىقتى. ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتمەيلا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى تۇتۇلۇپ قالدى، قىرىمئوغلۇ ئىشتىن ھەيدەلدى.
1962-يىلى تاشكەنت يېزا –ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە سۇغىرىش ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى. لېكىن، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى KGBنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «مىللەتچىلىك قىلىش، كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە سوۋېت دۆلىتىگە قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ‹قىرىمدا 17 ۋە 18-ئەسىرلەردىكى تۈرك مەدەنىيىتى› ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تارقىتىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ مەكتەپتىن قوغلاندى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئەسكەرلىككە چاقىرىلدى. ئۇ «مىللىتىمنى نەزەرگە ئالمايدىغان، ئېتىراپ قىلمايدىغان بىر دۆلەتكە ئەسكەر بولمايمەن» دەپ، قىزىل ئارمىيەگە ئەسكەر بولۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
1968-يىلى موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چىخىسلوۋاكىيەنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن بىر تۈركۈم جەسۇر زىيالىينىڭ ئارىسىدا ئۇمۇ بار ئىدى. 1969-يىلى سوۋېت دۆلىتىگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەق–ھوقۇقلىرى ھەققىدە مەكتۇپ–ماقالىلەرنى يېزىش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە داغ چۈشۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى. ئوخشاش ئەيىبلەشلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن موسكۋالىق يەھۇدىي شائىر ئىليا گاباي ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مەشھۇر گېنېراللىرىدىن پىيوتر گرىگورېنكومۇ قولغا ئېلىنىپ تاشكەنتكە ئېلىپ كېلىندى. لېكىن گرىگورېنكونى ئۇلاردىن ئايرىپ نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا قاماپ قويۇشتى. شۇنداق قىلىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ بۇ مەشھۇر گېنېرالى پەقەت قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق–ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈنلا 5 يىل بويىچە نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىن چىقالمىدى. قىرىمئوغلۇ بىلەن ئىليا گاباي 3 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ 1974-يىلى ئۈچىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىندى ۋە بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىبىرىيەدىكى ئېغىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا سۈرگۈن قىلىندى. جازا مۇددىتى توشۇشقا ئۈچ كۈن قالغاندا، لاگېرداشلىرى ۋە ئۇرۇق–تۇغقانلىرىغا مەكتۇپ يېزىش ئارقىلىق سوۋېت دۆلىتىگە قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە تۆھمەت قىلىش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن قىرىمئوغلۇ ئاچلىق ئېلان قىلىپ، 303 كۈن داۋاملاشتۇردى. ئاچلىق ئېلان قىلىش جەريانىدا مەجبۇرى ۋە تاياق–توقماقلار ئاستىدا ئوزۇقلاندۇرۇلدى. داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئاندرىي ساھاروۋ گېنېرال پىيوترغا ئوخشاش سوۋېت زىيالىيلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشلىرى، بۇ يولدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، ئىسلام دۇنياسىغا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا قىلىنغان مۇراجىئەتلەر، يېزىلغان مەكتۇپلار ئارقىلىق قىرىموغلۇنىڭ نامى ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ مەسىلىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلدى. شۇ يىللاردا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، دېگەن نام بىلەن شۆھرەتكە ئېرىشكەن قىرىمئوغلۇنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن تۈركىيەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنلار چاقىرىلدى، نارازىلىقلار بىلدۈرۈلدى، ئاچلىق ئېلان قىلىندى. سوۋېت دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىغا پىسەنتمۇ قىلماستىن ئۇنى سىبىرىيەدىكى ئومسك شەھىرىدە سوتلاپ، ئىككى يىللىق ئېغىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. نە تۇغقانلىرىنىڭ نە ئۇنى ئاقلاش ئۈچۈن ئومسك شەھىرىگە كەلگەن ئاندرىي ساھاروۋ بىلەن رەپىقىسى يېلېنا بوننېرنىڭ سوت زالىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى. ئوچۇق سوتتا ئاڭلىغۇچىلار ئولتۇرىدىغان يەرنى سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەنسۇپلىرى تولدۇرغانىدى. قىرىمئوغلۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پرىموراكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا يوللاندى. قاماق جازاسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېلىندى. شەھەردىن چىقىشى، كەچ سائەت 8 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە ئۆيدىن چىقىشى، بازار، چايخانا، كىنوخانا دېگەندەك كىشىلەر توپلىنىدىغان ئاممىۋىي سورۇنلارغا بېرىشى مەنئى قىلىندى ۋە ھەپتىدە بىر قېتىم ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋەزىپىسى بېرىلدى، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ، يەنە بىر ئوچۇق تۈرمىگە كىرگەندەكلا بولدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوچۇق نازارەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بەشىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىندى. تاشكەنتتە ئېچىلغان سوت زالىغا ئاندرىي ساھاروۋ، باشقا دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرى كىرگۈزۈلمىدى. شۇ قېتىملىق يېپىق سوتتا قىرىمئوغلۇ ياقۇتىستاندىكى زىريانكا بازىرىغا 4 يىللىق سۈرگۈن قىلىندى. مەكتۇپ يېزىشىش ئارقىلىق تونۇشقان قىرىم تاتار قىزى سافىنار بىلەن زىريانكادا ئۆيلەندى، ئوغلى ھايسەر زىريانكادا سۈرگۈندە دۇنياغا كەلدى. ياقۇتىستاندىن قايتىپ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قىرىمغا كەلگەن قىرىمئوغلۇ، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆزبېكىستانغا يوللاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى يول بازىرىدا ئولتۇراقلىشىپ ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى.
1983-يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا ئالتىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىندى ۋە تاشكەنتتە ئېچىلغان سوتتا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېغىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا يوللاندى. قىرىمئوغلۇ ئەنئەنىگە ئايلانغان ئەيىبلەشلەر يەنى سوۋېت دۆلىتىنىڭ ئىچكى–تاشقى سىياسىتىگە تۆھمەت قىلىش، سوۋېت دۆلىتىگە قارشى چىقىش، ئاندرىي ساھاروۋ ۋە بىر قاتار زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىش دېگەندەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى. ئۇنىڭ يەنە 1983-يىلى كراسنودار رايونىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتىسىنىڭ جىنازىسىنى چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي قىرىمغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىشقا ئۇرۇنۇش؛ بۇ جەرياندا ساقچى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن چىققان توقۇنۇشلارغا باشلامچىلىق قىلىش دېگەندەك قوشۇمچە «جىنايەت» لىرىمۇ بار ئىدى. ماگاندا شەھىرىگە جايلاشقان لاگېردىكى قاماق جازاسى مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا ئازلا قالغاندا قىرىمئوغلۇنىڭ ئۈستىدىن يېڭى بىر دەۋا ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن 1986-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ماگاندادا سوتلىنىپ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. لېكىن سوتلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن تەڭلا تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى ۋە ئىسلاندىيەنىڭ رېيكياۋىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گورباچېف–رېگان ئۇچرىشىشىدا، رېگاننىڭ ئالدىنقى شەرت سۈپىتىدە قىرىمئوغلۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە ‹سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق، شۇغۇللانغان تەقدىردە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىنى تارتىدىغانلىقى› شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى. قىرىمئوغلۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قىرىم تاتار مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇس گۇرۇپپىلىرى مەنسۇپلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، مىللىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە 1987-يىلى قىزىل مەيداندا سوۋېت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان قىرىم تاتار نامايىشىنى ئۆتكۈزدى. بۇ نامايىشلار مەيلى سوۋېت مىقياسىدا مەيلى ئەركىن دۇنيادا بولسۇن، كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى ۋە تەرەپلەرنىڭ دىققەت–ئېتىبارىنى قىرىم تاتارلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە ئاغدۇردى، قىرىم تۈركلىرىنىڭ قىرىمغا قايتىشىنىڭ يولىنى ئاچتى.
قىرىمئوغلۇ 1989-يىلى مايدا تاشكەنتتە چاقىرىلغان قىرىم تاتار مىللىي ھەرىكىتى تەشەببۇس گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي يىغىنى جەريانىدا قۇرۇلغان قىرىم تاتار مىللىي ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلامچىلىقىدا 1991-يىلى سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم تاتارلىرى ياشايدىغان بارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىك سايلاملار نەتىجىسىدە، ئىككىنچى نۆۋەتلىك قىرىم تاتار مىللىي قۇرۇلتىيى 1991-يىلى 26-ئىيۇندا ئاق مەسچىتتە چاقىرىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا قىرىمئوغلۇ قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە ئورگىنى قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.
1998-يىلى 29-مارتتا قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا قىرىم تۈركلىرىگە ۋاكالىتەن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سايلاملاردا ئۇدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، پارلامېنتتىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 1998-يىلى ئۆكتەبىردە خەلقىنى تىنچ ئۇسۇل ۋە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىش ئارقىلىق سۈرگۈندىن ۋەتەنلىرىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقى ئۈچۈن، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ نانسېن مېدالىغا ئېرىشتى. تۇنجى قېتىم 1954-يىلى ئېلېئانور روسسېۋېلتقا بېرىلىش بىلەن باشلانغان بۇ مېدالنى ئالغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ۋالېري گىسكارد (1979)، پادىشاھ بىرىنچى جان كارلوس (1987)، رىچارد ۋون (1992) دېگەندەك پىرېزىدېنتلارمۇ بار. 2003-يىلى قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى بولغان مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى كۈرەشلىرى، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن شەرەپ دىپلومىغا لايىق كۆرۈلدى. يەنە شۇ يىلى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە بىۋاسىتە تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ياروسلاۋ مۇدرىي مېدالىغا لايىق كۆرۈلدى. قىرىم تاتار پارلامېنت ئەزاسى ۋە قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى 2006-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان يىغىندا دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى. مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ خەلقىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى. قىرىمئوغلۇ بىر گۇرۇپپا غەربلىك زىيالىي ۋە ئالىملار تەرىپىدىن 2011-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى.