مۇسىبەتتە مەھمۇد ۋەتىنى

ئورنى Wikipedia

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەتتۇرسۇن ئىبراھىمى خاتىرىسىگە

1. مەھرۇم قەشقەر تۇغلۇق زىيالىلار، مەشئەل كەبى يول ئاچقۇچى پىشىۋالارغا مۇھتاج كۈنلىرىمىزنىڭ بىر قارا سائىتىدە ئۇستازىمىز مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى ۋاپات بولدى. تېخى ئىككى ھەپتە ئالدىدا ئانا تىلنى ۋەتەن تۇغى قىلىپ سەھنىمىزدە جەۋلان قىلغان بايراقدار ئاتىمىزنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويدۇق. يېتىملىك ۋە چارەسىزلىك ئەسلىدىنلا ئاسان كۆتۈرۈلمەيدىغان كەيپىياتىمنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىرلىققا مۇپتىلا قىلدى. كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، تېخى ئون نچچە كۈن بۇرۇن قەشقەردىكى تۆھپىكار ئانىلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەش، ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش، ئانا تىلدا نۇتۇق، يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا پاراڭلاشقانىدۇق. ئۇستازىمىز قەشقەردە قۇرۇلماقچى بولغان ئانا تىل مەكتىپىنى نوربېشىدىكى بىكار قىلىنغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە بولسا دېگەن ئۈمىدتە بولغانىدى.

مەزكۇر باشلانغۇچ ئەسلى بىر بۇتخانا بولۇپ 1930-يىللاردا قوزغالغان قەيسەر، ھىممەتلىك بوۋىلارنىڭ قولىدا چېقىلىپ يېڭىچە پەننىي مەكتەپكە ئايلاندۇرۇلغانىكەن. مەكتەپ ۋە ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى پاراڭ قىزىغانچە رەھمەتلىكنىڭ ئاۋازى يۇقىرىلاپ بارغانچە ياشىرىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنگەنىدى كۆزۈمگە.

5-مارت، ئۇستازدىن مەھرۇم قالغان كۈنى قەشقەر ماڭا تېخىمۇ بىچارە، تېخىمۇ ناتىۋان، تېخىمۇ مەھبۇستەك تۇيۇلدى. قەشقەردە ياشاۋاتقىنىم بىلەن ئۆزەمنى بۇ شەھەردىكى ھاياتنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقاندەك، شەھەر قوينىدا ئوزىنى ئىستالمىغان يېتىمدەك ھىس قىلىمەن. بىر يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ، قەشقەرگە قايتتىم، لېكىن ئۇنىڭ مېنى سېغىندۇرغان باغرىدا ئېرىپ باقمىدىم، ئۇنىڭ قەدىناس كوچىلىرىدا ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ ئېزىپ باقمىدىم، ئۇنىڭ مېھىرلىك قوچىقىغا قېنىپ باقمىدىم. ماڭا قەدىناس بىلىنىدىغان قەشقەرنىڭ ھەممە يېرى ئۆزگەرتىلگەن، ھەممە يېرى پەردازلانغان، ھەممە يېرىدە نىقاپ. ماڭا سۆۈيۈملۈك تۇيۇلىدىغان قەشقەرنىڭ چىرايىدا تەشۋىش، غېرىپلىق ۋە تەگىسىز بىر سۈكۈت. قەشقەر ھاياتتا يۈز بېرىۋاتقان ھەممە نەرسىگە تولىمۇ سوغۇق، بىپەرۋا، ئامالسىز بىر نەزەردە قاراپ قويىدۇ. ئالتۇندەك باغرى ئالتۇن ئۈچۈن تىلىنىۋاتقان، مۇھەببەتلىك قۇچىقى تاش تاملار بىلەن قاشالىنىۋاتقان، سېخى باغلىرى سانائەت ئەخلەتخانىلىرىغا ئايلىنىۋاتقان بۇ زېمىنغا كۆزنىڭ، تىلنىڭ ۋە قۇلاقنىڭ ھاجىتى يوق. ئەي مەھكۇم قەشقەر! كۆرۈپ كۆرسەتمە بېرەلمىسەڭ، ئاڭلاپ ئاڭلىتالمىساڭ، سۆزلەپ تۈزىتەلمىسەڭ تىرىكلىڭدە نېمە مەنا، نېمە خىسلەت، نېمە قىممەت بار؟ بۇ ئاتمىش يىللىق ھاياتىڭدا نېمىنى قارار قىلالىدىڭ، نېمەڭگە ئىگە بولالىدىڭ؟ سەن سۈكۈت، بويسۇنۇش ۋە مەھرۇملۇق بەدىلىگە مەۋجۇدلۇققا ئېرىشتىڭ قەشقەرىم.

قەشقەرنىڭ قىسماقلاردا قىسىلغان يۈرىكىگە ھۆرلۈكتىن باشقا يارىدەممۇ، يۆلەشمۇ، ياشارتىشمۇ كار قىلمايدۇ. ھاياجاندىن يىراق قەشقەر خۇددى سەھنىدە رول ئېلىشقا مەجبۇرلانغان ئارتىسقا ئوخشايدۇ. قەشقەر ئىكرانلاردا كۈلۈشكە مەجبۇر، قەشقەر مىھمغانلارنى كۈتۈشكە مەجبۇر، قەشقەر ياسىنىشقا-پەردازغا مەجبۇر. مەن ھارغىن قەشقەرنىڭ غەمكىن يۈزىدىن ’ماڭا ئەركىمنى بەر، مېنى ئارامىمغا قوي‘ دېگەن بىرلا جۈملىنى ئوقۇيمەن دائىم…كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇردۇم، نېمە قىلىشىمنى، نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم. قەلبىمدىكى يېتىملىك، چارەسىزلىك، قارارسىزلىق، ناتىۋانلىق بوغۇزۇمغا پۈتمەس ھەسرەت بولۇپ قاپلاشتى. يەنە مەھرۇم قالدىڭ قەشقەرىم، سېنى سۆيگەنلەرنى سۆيگەن، ساڭا پەرۋانىلەرنى كۈيلىگەن، پەرزەنتلىرىڭنى ھىدايەت يولىغا باشلىغان، ئەۋلادلىرىڭنى نادانلىق، قۇللۇق پاتقىغىدىن مەرىپەت، ھۆرلۈك مەنزىلىگە يېتەكلىگەن غەمگۇزارىڭدىن ئايرىلدىڭ.

ئۇستاز مۇھمەتتۇرسۇن ئىبراھىمىنىڭ تەرىپىنى 1996-يىلى بېيجىڭدا ئاڭلىغانىدىم. شۇ يىللىق نورۇزنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىۋاتقان چېغىمىزدا دوستۇم مۇتەللىپ بىزگە ئۆزى بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپتە نورۇزغا قاتناشقان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. مەرھۇم ئۇستازىمىز ھەر يىلى پارات، ساما، چېلىش، دېكلاماتسىيە، زېھىن سىناش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن نورۇزنى تەبرىكلىگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەن، مىللەت مۇھەببىتنى ئويغاتقان، ئۇلارنى ئەجداتلاردىن سۆيۈنىدىغان روھتا تەربىيىلىگەن ئىكەن. شۇندىن كېيىن بۇ ئۇستازنىڭ تەرپىنى كۆپ ئاڭلىدىم. قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقان، ئەلگە كەسپىدىن نەپ بېرىۋاتقان، يۇرت ۋە ئەل جامائەتنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىغا ھەمدەمدە بولۇۋاتقان ئۈمىدلىك دوستلۇرۇم ئۆزىنىڭ مۇھەممەتتۇرسۇن مۇئەللىمدىن دەرس ئالغانلىقىنى ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش ئىچىدە ئەسلىشەتتى. 42 يىللىق مۇنبەر ھاياتىدا مىڭلىغان ئون مىڭلىغان بوغۇننىڭ قەلبىنى يورۇتقان ئۇستازىمىز ئارامغا چىققاندىن كېيىن شاگىرتلىرىنىڭ تون كىيگۈزىشىگە مۇشەررەپ بولغانىكەن. ئوقۇتقۇچى بولغانلار كۆپ، ساپالىق شاگىرىت تەربىيىلىگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئەمما ئۇستازىغا تون كىىيگۈزۈشنى بىلىدىغان، ئىززەتنى لايىقىدا يەتكۈزۈش قۇربىتىگە ۋە دىتىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش مەرھۇم ئۇستازدەك ئىستىدات ئىگىلىرىگە خاس قابىلىيەت بولسا كېرەك.

دوستۇم دىلمۇراتنىڭ ئانىسىنىڭ سۆزلىرى ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە ’مەرھۇم قەشقەردىكى شاگىرىتلىرىنىڭ ئۈلگىسى، ئىپتىخارى ئېدى. مەن ئۆزۈم مۇھەممەتتۇرسۇن مۇئەللىمدە ئوقۇغان. بالىلىرىمنى شۇ ئۇستازدەك بىلىم دېسە تەلەپكارلىرىنىڭ دىلىدىكى تۈگۈچلىرىنى يېشەلەيدىغان، پەزىلەت دېسە دېگەن سۆزى ۋە قىلغان ھەرىكىتى بىلەن شاگىرىتلىرىغا ئۈلگە بولالايدىغان بىر تەربىيىچىنىڭ قولىدا ئوقۇتالىغانلىقىمغا ئالەمچە خوشلۇقۇم بار. مەن تۆرت بالامنى ئوقۇتتۇم شۇ مۇئەللىمدە، ھەممىسى ئۇستازىنى تارتىپ دىلىدا ھەق سۆيگۈسى بار، ئاغزىدا ھەق سۆزى بار، قولىدا نەق ھۈنىرى بار ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.‘ ئانىنىڭ ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتى، مېھرى مەرھۇمنىڭ ھەتتا كىينىش ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ تەرىپلەشكە بېرىپ يەتتى. ئۇستازنىڭ كىچىك ئوغلى لۇتپۇللاھ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداى بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بىر يىلچە بۇرۇن قەشقەردىكى داڭلىق بىر دوختۇرخانىنىڭ بالىلار كېەسسلىكلىرى بويىچە داڭلىق بىر دوختۇرىنىڭ ئالدىغا قىزىنى داۋالاتقىلى ئېلىپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا بالىلار بۆلۈمدە بىر ھوقۇقدار خەنسۇنىڭ خوتۇنى ئۆچۈرەتنى بۇزۇپ دوختۇر ئىشخانىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋاپتۇ ۋە دوختۇرغا ئېرىنىڭ ھوقۇقىنى پەش قىلىپ ئۆچۈرەتتە تۇرۇشنى رەت قىلىپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى دوختۇر ئۇ ئايالنى كېسەللەرنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىگەن پېتى ئىشخانىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. لۇتپۇللاھ بۇ ئىشنى دادىسىغا سۆزلەپ بەرگەنىدە ’داداڭدەك ئۇستازنىڭ شاگىرتى دېگەن شۇنداق بولىدۇ‘ دېگەنىكەن. شۇنداق، قەشقەر مىڭلىغان شاگىرتقا ئۈلگە بولغان، ئۇلارنىڭ قايللىقى، سۆيگۈسى ۋە دۇئاسىغا نائىل بولغان ئۇستازدىن مەھرۇم قالدى. ئۇستازنىڭ قەشقەردىكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە ھەتتا دۇنيانىڭ جاي جايلىرىدىكى شاگىرىتلىرى بىر يېتەكچىسىدىن، مەنىۋىي يول باشچىسىدىن ۋە غايىۋىي ئۈلگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

2. ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە بۇرۇچ ئۇستاز بىر بۆلۈك ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا ئەۋج ئالغان تىرىك چېغىدا ھىچ كىمنىڭ قەدرىنى، تەرىپىنى ۋە ئىززىتىنى قىلماي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن خوش ياقا خوش ياقماس مەدھىيە سۆزلىرىنى ياغدۇرىۋېتىدىغان خۇينىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان ئېدى. ئۇستازنىڭ ’تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ‘ دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ بىلدىمكى، مەرھۇم ئەل ئۈچۈن يۇمغاق سۈتنىڭ ئۇرىغىچىلىك بىر ئىش قىلغان، يۇرت ئۈچۈن بىر ئېغىز ياخشى سۆز ۋە پايدىلىق كىچىككىنە ھەرىكەتتە بولغان بىر كىشىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي خاتىرلەپ چىقىپتۇ. مەزكۇر كىتاب قارىماققا تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد ئوسمان ھاجىمنىڭ ئىزدىنىش ۋە كىشىلىك ھاياتىغا بېغىشلانغاندەك قىلسىمۇ ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىگە تەر تۆككەن بارلىق ئىخلاسمەنلەرنىڭ، ئۇيغۇرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇرغان بارلىق پىشىۋالارنىڭ ھاياتىنى بەزىدە تەپسىلى، بەزىدە قىستۇرۇپ بايان قىلىنىپتۇ. بولۇپمۇ ئۇستازلاردىن يۈسۈپ زىيا، ئىبراھىم مۇتئى، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئابدۇرەشىد قارىھاجىم سابىت، ئىمىر ھۈسەيىن قازى، ئابدۇرەھىم ھاشىم، ئابدۇرەھىم سابىت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلمى دوكىلاتلىرى، سۆھبەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق ۋە سۆيۈنىش بىلەن بايان قىلىنىپتۇ.

كىتابتا 1980-يىللاردىن كېيىنكى قەشقەرنىڭ ئىلمىي ھاياتى، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرى ۋە ئەلسۆيەر رەھبەرلەرنىڭ ئەجداتقا ۋارىسلىق قىلىش يولىدىكى غەيرەتلىرى مېغىزلىق قەلەمگە ئېلىنىپتۇ. 30-يىللاردىكى مۇنەۋۋەر يولباشچىمىز مەرھۇم مەھمۇت موھىدىنىڭ قەشقەردىكى مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى تەسىرلىك ھىكايە قىلىنىپتۇ. كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەن ئىككى نەرسىنى ئويلۇدۇم. بىرى ئۇستاز بىزگە مىللەت ۋە ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپتۇ. يەنە بىرى بىجانىدىل مېھنەت قىلىشنىڭ، سەمىمىي تىرىشچانلىقنىڭ ئىنسان ھاياتىنى مەنىگە ۋە مەمنۇنىيەتكە چۈمدۈرىغان ئامىل ئىكەنلگىنى تەكىتلەپتۇ. ئۇستازنىڭ قەلبىدىكى ۋەتەنگە ۋە ئۇنىڭ ھەقداسى بولغان مىللەتكە بولغان مۇھەببەت ئۇنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى ۋە مېلىنى پىدا قىلغان كىشىلەرنىڭ تۆھپىلىرىنى ئىنچىكە يېزىپ چىقىش ۋەتەننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقالىرىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى ھەققىدە تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇشلىرىدا ئەكىس ئېتىپتۇ. مەرھۇمنىڭ تۆھپىكار ئۇستازلىرى، دوستلىرى ۋە شاگىرىتلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىدا بالقىپ تۇرغان ئىجادىيەت، مېھنەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان ئالقىشلىق ھىسسىيات بىزنى ئۇستازنىڭ ئادىمىيلىك مىزانىغا ۋە ھايات يولىغا باشلاپ كىرىدۇ.

ئۇستازىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىماننىڭ جۈملىسىدىن دەپ ياشىغانلىقى ئۇنىڭ قەشقەرگە كەلگەن ۋە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن ھوسۇللۇق، ئەلسۆيەر زاتلاردىن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائىي، ئەمىر ھۈسەيىن قازى، قاتارلىقلار ھەققىدىكى خاتىرىلەر ۋە باشقا تۆھپىكارلارنىڭ ھاياتى ۋە تۆھپىلىرى ھەققىدە يېزىلغان ’چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار‘ ناملىق ئەسلىمە كىتابىدا ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇستاز ئۇيغۇر يېزىقىدا پەرزەنتلەرنى ماھارەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزگەن ’چىرايلىق ئىملا مەشقى ۋە قائىدىسى‘ دېگەن كىتابىدا ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ ۋارىسى بولغان ئەۋلاتلارغا بولغان بۇرۇچ تۇيغۇسى چاقناپ تۇرىدۇ. قەشقەر شەھرى ۋە قەشقەر ئۇيغۇرلىرى قايتا چۇۋۇپ توقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇستازىمىز يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان قەدىمكى مەدرىس ئىزلىرى ۋە مەرىپەت ئوچاقلىرىنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ قولىغا قەلەم ئالغان. بەلكىم ئۇستاز يەر يۈزىدىن، توپراقلىرىمىزدىن يوقۇتىلىۋاتقان ئەجدات ئىزلىرىنى قەلبىمىزگە مۆھۈرلەش ئارزۇسىدا قولىغا قەلەم ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇستازنىڭ ئەجىر مىۋىسى ۋە مىللەتنىڭ تارىخىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ مىۋىسى بولغان ’قەشقەردىكى مەكتەپ ۋە مەدرىسلەر‘ دېگەن كىتاب بىزنى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بىزگە مەلۇم بولغان ۋە بولمىغان مەرىپەت تارىخىنىڭ شانلىق ۋە قانلىق سەھىپىلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ.

3. ’قورقما، شىردەك داداڭ بار بالام‘ مەرھۇم ۋاپات بولۇپ 3-كۈنى ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى لوتپۇللاھ بىلەن مۇڭداشتۇق. لوتپۇللاھ دادىسى ھەققىدە مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەردى. لوتپۇللاھ قىزى نەزىرە ۋە مەرھۇم دادىسىنى ئېلىپ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئايلانغىلى بېرىپتۇ. ئۇلار جانۋارلارنى كۆرۈپ مېڭىپ شىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. لوتپۇللاھنىڭ ئېسىگە نېمىدۇر كېچىپ شىرغا قاراپ خىيالەن تۇرۇپ قاپتۇ. شۇ ئاندا شىر تۇيۇقسىز غەزەپلىنىپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. لوتپۇللاھ قورققىنىدىن شىرنىڭ قەپەزدە ئىكەنلىگىنى، ئۆزىنىڭ يەتمىش ياشلارغا كىرىپ قالغان دادىسى بىلەن تۇرغىنىنى ئۇنتۇپ، دادىسىغىمۇ قارىماي كەينىگە نەچچە قەدەم چېكىنىپتۇ. قارىغىدەك بولسا دادىسى ھاسىسىنى شىرغا دەڭلەپ بىر قەدەم چېكىنمەي تىك تۇرغىدەك. ئوغلىنىڭ قورققىنىدىن تامدەك تاتىرىپ كەتكەنلىگىنى كۆرگەن مەرھۇم ئۇنىڭغا ’بالام شىر ھۆركىرىسە ماڭىمۇ قارىماي قاچىسەنغۇ، قورقما، شىردەك داداڭ بار سېنىڭ‘ بۇ گەپلەرنى قىلىۋېتىپ لوتپۇللاھ يەنە تۆكۈلۈپ كەتتى. ئىچىمدە ’مەرھۇم ئۇستازىمىز بەلكى ئوغلىغا شەھىدلەر ئارىسلانى لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىسىمىنى قويدۇم دەپ سۆيۈنگەن بولغىيدى. ئىسىم بىلەن جىسىمدىكى بۇ ماس كەلمەسلىككە قانچە ئېزىلگەندۇ شۇ چاغدا‘ دەپ ئويلاپ خۇرسىندىم.

دېمىسىمۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم ئىچىدە ’بىسىمىللاھ‘ دېيەلمەيدىغان بالىلارنىڭ ئىسىمى ئەلھەمدۇ. ئۇيغۇرچىنى چېلىپ سۆزلەيدىغان بىرىنىڭ ئىسىمى تەۋپىق، دەرستە ئەڭ كەينىدە ئولتۇرىدىغان، بىر تەتىل ئوقۇپ ساۋادى چىقمىغان بىر بالىنىڭ ئىسمى فارابى ئېدى. مېنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى بىر ئاي ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن فارابى ئىسىمىنى داۋاملىق فالابى دەپ خەنسۇچە دەيتتى. لوتپۇللاھنىڭ ھەسرەت، پىغانىنى قايتا-قايتا قوزغىماسلىق ئۈچۈن سۆھبەتنى توختاتتىم. قەلبىمدە دادىسىنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىگە ۋە قابىلىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىغان بۇ ئائىلىگە ئاللاھتىن سەبىر تىلىدىم. قۇلۇغۇمغا مەن تولا ئاڭلايدىغان ’قەشقەردە ھۈنەرۋەن قالمىدى‘ دېگەن سۆز قايتا جاراڭلىغاندەك بولدى. ئاتىسىنىڭ ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئاتا مىراس ھۈنەرنى تەۋەرۈك بىلىپ ئەتىۋارلاريدىغان روھنىڭ ئورنىغا كادىرلىقنى ئەتىۋارلايدىغان روھ ئالماشسا قەشقەردە ھۈنەرۋەن قالمايدۇ-دە! ئاتىلار ھۈنەرۋەن ئېدى، ئانىلار تۇرمۇشنىڭ سەنئەتكارلىرى ئېدى، ئەسلى. قاچان جەمئىيەتتە ھۈنەرگە تايىنىپ ياشاشنىڭ ئورنىغا مۇئاشقا، كادىرلىققا بېقىنىپ ياشاش ئەۋج ئالدى، شۇندىن كېين ھالاللىق، لىللاھلىق، بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ قورقۇنچى بولمايدىغان كىشىلەر ئازلاپ شىردەك ھۆركىرەيدىغانلار قالمىغىلى تۇردى. قارىغاندا نېمىگە تايىنىپ، تىلىنىپ ياشىساق شۇنىڭ بەندىسىگە ئايلىنىپ، شۇنىڭدىن قورقۇپ ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايمىز. شىردەك ئاتىلاردىن ئايرىلدۇق، ئاللاھ ئۇستازىمىزنىڭ، شىر سۈپەت ئاتىلىرىمىزنىڭ ھاياتلىغىدا ئانا تىلىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغاي، ئۇلۇغ رەببىمىز بىزنى شىردەك دوستلار بىلەن قۇدرەتلىك قىلغاي، شىردەك ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە نىسىپ قىلغاي، ئاللاھ قەلبىمىزنى ئاللاھ قورقۇنجىدىن باشقا بارلىق ۋەھىمىدىن ئازاد قىلغاي، ئامىن.



ئالدىنقى: ئىكراندىكى نورۇز ۋە زاماندىكى نورۇز

كـىيىنكى: دىن ئەندىشىسى ۋە مۇنازىرەسى بىھۇدەدۇر