مۇسەللەس

ئورنى Wikipedia

مۇسەللەس

ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق ھاياتىدىن باشلاپ ھەرخىل ئىچىملىكلەرنى ياساپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. يىلقا (ئات) سۈتىنى تۇلۇمدا ئېچىتىپ قىمىز ياساپ ئىچكەن، تېرىقنى يارما قىلىپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا ئۈندۈرمە قىلىنغان بۇغداينى سوقۇپ سېلىپ، بىرقانچە كۈن تۇرغۇزۇپ، تېرىق سۇيۇقلۇقى قايناپ كۆپۈك چىقىرىپ پىشقاندا ئۇنى سۈزۈپ سۈيىنى ئېلىپ بوخسۇم (<بوزا> ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› 1 – توم 631 – بەت) قىلىپ ئىچكەن. يەنە بۇغداي يارمىسىدىن يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ‹‹ئاغاتقۇ››، ‹‹پىشماق›› دېگەندەك ئىچىملىكلەرنىمۇ ياسىغان.

خەلقىمىز شەھەرلەشكەندىن كېيىن، ئۈزۈمدىن مۇسەللەس(مەي) ياساپ ئىچكەن. مۇسەللەس ياساش ئۇسۇلى: ئۈزۈم پىشقاندا ئۇ پاكىز يۇيۇلۇپ، سىقىپ تىرىپى ۋە دۇغلىرى سۈزۈپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھېچقانداق ئېچىتقۇ سېلىنماي قازاندا قاينىتىلىدۇ (مۇسەللەس قىزارسۇن دېيىلسە، قاينىغاندا بىرنەچچە تال تازىلانغان ئالما سېلىنىدۇ)، قازانغا ئۈچ چېلەك ئۈزۈم سۈيى قۇيۇلغان بولسا، ئۇ بىر چېلەك قالغىچە قاينىتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۈزۈم سۈيى شىرنىگە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئىككى چېلەك سۈزۈك سۇ قۇيۇلۇپ، يەنە قاينىتىلىپ، قول كۆيمىگۈدەك سوۋۇغاندا قۇرۇق، پاكىز كۈپكە ئېلىنىپ، كۈپنىڭ ئاغزى ھاۋا كىرمەيدىغان قىلىپ ئېتىلىپ، ھاۋاسى تەڭشەلگەن جايغا قويۇپ قويۇلىدۇ، كۈپتىكى ئۈزۈم سۈيى ئىككى كۈندىن كېيىن بۇلدۇقلاپ قايناشقا باشلايدۇ، مۇسەللەسنىڭ يۈزى كۆپۈكلىشىدۇ، پىشقاندا كۆپۈك يوقايدۇ. پىشقان مۇسەللەس قۇرۇق چۆمۈچ بىلەن چەينەككە ئېلىنىپ پىيالىدە كەملەپ ئىچىلىدۇ.

خەلقىمىز مۇسەللەسنى ھەرگىزمۇ باشقا ئىچىملىكلەرگە ئوخشىتىپ ئىچمەيدۇ. مۇسەللەسنىڭ تەبىئىتى ئىككى خىل بولۇپ، ھۆل ئۈزۈمدە ياسالغىنى سوغۇققا مايىل بولغاچقا، ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرگە پايدا قىلىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈمدە ياسالغىنى ياكى ئېچىتقۇ سۈپىتىدە ئىسسىقلىق دورا – دەرمانلار ۋە كەپتەر باچكىسى سېلىنىپ تەييارلانغان مۇسەللەس ئىسسىق تەبىئەتلىك بولۇپ، سوغۇقچان، ھۆل مىجەز كىشىلەرگە باپ كېلىدۇ. مۇسەللەس قانچە ئۇزاق تۇرسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئۇنى ئىقلىمى ئىسسىق جايلاردا كۈپ بىلەن كۆمۈپ ساقلاشقا بولىدۇ. خوتەندە ياسىلىدىغان ‹‹مەيزاب›› مۇسەللەسنىڭ بىر خىلى.