مۇغىرە ئىبنى شۇئبە

ئورنى Wikipedia

مۇغىرە ئىبنى شۇئبە (الْمُغِيرَةُ بْنُ شُعْبَةَ الثَّقَفِيّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مۇغىرە ئىبنى شۇئبە ئەسسەقەفىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. بۇرۇن 20 – 50 / م. 602 – 670) زېرەكلىكى ۋە پەم - پاراسىتى بىلەن تونۇلغان شىجائەتلىك، قەيسەر ساھابىلەردىن. ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئىتى»گە ۋە بارلىق غازاتلارغا، شۇنداقلا شام ۋە «ئىراق فەتھى»گە قاتناشقان، ھەزرىتى ئۆمەر زامانىدا بەسرەگە ۋالىي بولغان، بەزى يۇرتلارنى فەتىھ قىلغان قوماندان.