مۇنازىرە:Heqiqi Eysa Chérkawi

Page contents not supported in other languages.
ئورنى Wikipedia

«ھەقىقى(چىن) ئەيسا چېركاۋى» مۇستەقىل چېركاۋ بولوپ 1917 -يىلى جوڭگو بىيجىڭدا قۇرۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە ئالتە قىتەدىكى 45 دۆلەتتە تەخمىنەن 1.5 نىليوندىن 2.5 مىليوڭھىچە ئەزاسى بار. بۇ چېركاۋ 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە بارلىققا كەلگەن خىرستىئان دىنىنىڭ پەنتىكوستال مەژىپىدىن شاخلىنىپ چىققان. بۇ چېركاۋ 1949 -يىلىدىكى كوممۇنىستلار ھاكىميىتىدىن بۇرۇن جۇڭگودا مەۋجۇت بولغان ئۈچ يەرلىك جۇڭگوچە چېركاۋنىڭ بىرى بولوپ ھىسابلىنىدۇ. چېركاۋنىڭ مەقسىدى ئەيسا دۇنياغا قايتا كىلىشىدىن بۇرۇن ھەممە ئىنساڭھا چىنلىقنى تەرغىپ قىلىشتىن ئىبارەت. مەزكۇر چېركاۋ روجدىستىۋا بايرىمىنى ئۆتكۈزمەيدۇ.خەلقارا ھەقىقى ئەيسا چېركاۋ جەميىتى 1967-يىلى لوس-ئانجىلىستا قۇرۇلدى.

چېركاۋنىڭ 10 خىل ئاساسى ئىتقادى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئىلاھى روھ: تىل بىلەن سوزلەش ئارقىلىق ئىسپاتلاڭھان ئىلاھى روھنى قۇبۇل قىلىش جەننەتتە بولوشىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر.
  2. يۇيۇندۇرۇش: سۇ ئىچۇرۇش بولسا گۇناھنى يۇيۇش ۋە قايتا تۇغۇلۇش ئۇچۇن قىلىڭھان ئىبادەتتۇر.سۇ ئىچۇرۇشتە چوقۇم ھالال تەبى سۇ ئىشلىتىش يەنى دەريا، دىڭىز ياكى ئىرىق سۇلىرى دىگەندەك.سۇ ئىچۇرگۇچى سۇ ئىچرۇشنى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ نامى بىلەن قلىشى كىرەك.سۇ ئىچۇرۇشنى قۇبۇل قىلغۇچى چوقۇم بىشىنى سۇغا تولوق چوكتۇرۇشى ھەم يۇزىنى توۋەڭە قارىتىشى لازىم.
  3. پۇت يۇيۇش: پۇتىنى يۇيۇش ئىبادىتى شۇ كىشىنى ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا يىقىن قىلىدۇ.بۇ ئىبادەت شۇنداقلا بىراۋغا مۇھاببەت، ئەۋلىيالىق، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئەپۇچانلىقتەك پەزىلەتلەرگە ئىگە بولوشىنى داۋاملىق ئەسكەرتىپ تۇرغۇچىدۇر.ھەر قانداق بىر سۇ ئىچۇرۇشنى قوبۇل قىلغان ئادەم چوقۇم ئەيسا ئەلەيھىسسالام نامى بىلەن پۇتىنى يۇيۇشى كىرەك.ئوزارا پۇت يۇيۇش قائىدىگە توغرا كەلگەن ھەرقانداق ۋاقىتتا بولسا بولىدۇ.
  4. ئىلاھى تەشكىلات: ئىلاھى بىرلەشمە پەيغەمبەر ئەيسانىڭ ۋاپاتىنى خاتىرلەيدىغان ساۋابلىق ئىبادەت.ئۇ بىزنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۆش ۋە قىنىغا قىتىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇ ئارقىلىق بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىرىشتۈرىدۇ ۋە جەننەت ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئىبادەت قانچە كۆپ قىلىنسا شۇنچە ياخشى. پەقەت خىمىرتۇرۇچ ئىشلىتىلمىگەن بولكا بىلەن ئۈزۈم شەربىتىلا ئىشلىتىلىدۇ.
  5. سەببات: ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۇنى يەنى شەنبە كۇنى خۇدا بۇيرىغان ئاسايىشلىق ئۇلۇغ كۇن.بۇ پەيغەمبەرنىڭ ياراتقۇچى خۇداغا بولغان مىننەتدارلىقى شۇنداقلا مەڭگۇلۇك ھاياتقا بولغان ئۇمىدۋارلىقىدا كورۇلىدۇ.
  6. خىرستوس ئەيسا: ئەيسا، ھاياتلىققا ئىرىشكەن بىر سۆز، گۇناھكارلانىڭ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن كىرىستتا مىخلاندى،ئۈچىنچى كۈنى ھاياتقا قايتا تۇغۇلۇپ جەننەتكە چىقىپ كەتتى.ئۇ ئىنسانيەتنىڭ بىردىنبىر قۇتقازغۇچىسى، جەننەت ۋە زىمىننىڭ ياراتقۇچىسى، بىردىنبىر ھەققى خۇدا.
  7. ئىنجىل: كونا ۋە يىڭى كىتاپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىل خۇدانىڭ ۋەھيىسى،ئۇ بىردىنبىر روھى ھەقىقەت بولوپ خىرىستىئان ھايات يولىنىڭ ئاساسى بەلگۈلىمىسى.
  8. سەدىقە: كەچۇرۇم شەپقەتلىك خۇداغا قىلىڭھان ئىتقات ئارقىلىق ئىرىشىلىدۇ.ئىشەڭۇچى چوقۇم ئىلاھى روھقا ئەگىشىپ ئەۋلىيالىققا ئىنتىلىشى، خۇدغانى ھورمەتلەپ ئىنساننى سويۇشى كىرەك.
  9. چېركاۋ: ھەققى ئەيسا مەژىپى(چىركاۋى) پەيغەمبەر ئەيسا تەرىپىدىن قۇرۇلغان، لاتتەر رائىن ۋاقىتلىرىدا ئىلاھى روھقا چۆمۈلۈپ، ھەقىقى ئاپوستولىك چىركاۋى ۋاقتىدا قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى.
  10. ئاخىر زامان: ئاخىرقى كۈندە پەيغەمبەرنىڭ ئىككىنچى قىتىم جەننەتتىن يەر يۇزىگە چۈشىدۇ ۋە ھەق-ناھەقنى سورايدۇ: ئادىللىق مەڭۈلۈككە ئايلىنىپ رەزىللىك جاجىسىنى يەيدۇ.



ئاخىرقى كۈندە پەيغەمبەرنىڭ ئىككىنچى قىتىم جەننەتتىن يەر يۇزىگە چۈشىدۇ ۋە ھەق-ناھەقنى سورايدۇ: ئادىللىق مەڭۈلۈككە ئايلىنىپ رەزىللىك جاجىسىنى يەيدۇ.