مۇيەسسەر توختى

ئورنى Wikipedia
مۇيەسسەر توختى
ھازىرقى ئورنى-
مىللىتىئۇيغۇر
كەسپى-
خىزمىتى-

كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق ياش ئارتىس- مۇيەسسەر توختى 1968 - يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ لوپ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1985 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ كىنو، تېلېۋىزىيە-تىياتىر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ 1989 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، ئۆزى ئوقۇغان فاكۇلتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان.

مۇيەسسەر توختى 15 يىلغا يېقىن سەنئەت ھاياتىدا <يىراق يېزىغا مۇھەببەت>، <تىمتاس گۇگۇم>، <گۇاڭجۇغا كەلگەن شىنجاڭلىق بالا>، <سۈت ساتقۇچى ئايال>، <ئاخىرقى كۆل>، <سەھرادىن كەلگەن دادا>، <تەنھا يۈرەكلەر>، <شىنجاڭ قىزلىرى>، <قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى> قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىنو، تېلېۋىزىيە - تىياتىرلىرىدا ئۆزىگە خاس رول ئېلىپ، پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە مۇرەككەپ خاراكتېرىنى چىن ۋە تەسىرلىك يورۇتۇپ بېرىشتەك بەدىئىي ماھارىتىنى نامايان قىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى.

مۇيەسسەر توختى 2000 - يىلى 9 - ئايدا بېيجىڭ تىل - مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فرانسۇز تىلى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ بۇ يەردە ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ھازىر دۆلەت خىراجىتى بىلەن فرانسىيىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان.