مۇھەررىر

ئورنى Wikipedia

مۇھەررىرنىڭ ۋەزىپىسى كەسپىي مۇخبىر، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئەۋەتكەن ماقالىلەرنى «ئاخىرقى قېتىم بىر تەرەپ قىلىش» ئارقىلىق، مۇكەممەل، ئۆلچەملىك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا، مۇھەررىرلەردىن بىرقەدەر يۇقىرى نەزەرىيە، سىياسىي سەۋىيىسى، پىشقان كەسپىي قابىلىيەت، ئەستايىدىل خىزمەت ئىستىلى بولۇش، شۇنداقلا نامسىز قەھرىمانلىق روھى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

گېزىت مۇھەررىرى، رادىئو مۇھەررىرى، تېلېۋىزىيە مۇھەررىرلىرىنىڭ ئاساسىي ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. گېزىت مۇھەررىرى ماقالە زاكاز قىلىش، ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش، ماقالە تاللاش، ماقالە تۈزىتىش، ماۋزۇ قويۇش، بەت لايىھىلەشكە ئوخشاش ئىشلارنى قىلىدۇ. كەچلىك ئىسمېنا مۇھەررىرى يىل بويى كېچىدە ئىشلەيدۇ. مۇھەررىرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ئازراقلا بىخەستىلىك قىلىنسا، خاتالىق كۆرۈلۈپ گېزىتكە چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىنتايىن جىددىي ئىشلەيدۇ. رادىئو ئىستانسىسىدا خەۋەر پروگراممىسىنىڭ مۇھەررىرى شۇ كۈنى ئاڭلىتىلىدىغان خەۋەرلەرنى ۋە گېزىتلەردىن ئېلىنىدىغان ئۈزۈندىلەرنى تەييارلايدۇ، مەخسۇس پروگرامما مۇھەررىرى مۇقىم پروگراممىلارنىڭ ماقالىلىرىنى تەھرىرلەيدۇ. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇھەررىرى خەۋەرلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەھرىرلىگەندىن باشقا يەنە كۆرۈنۈشلەرنى تەكشۈرۈپ، تېلېۋىزىيە خەۋەر فىلىملىرىنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتكۈزىدۇ. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا يەنە مەخسۇس فىلىم مۇھەررىرىمۇ بولىدۇ، ئۇ مەخسۇس فىلىملەرنىڭ چۈشۈندۈرۈشى ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى تەكشۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈرەت (گۈزەل سەنئەت) مۇھەررىرىمۇ بولىدۇ، ئۇ گېزىت سۈرەتلىك بەتلىرىنىڭ ۋە مەخسۇس سۈرەتلىك ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

مەملىكىتىمىزدە مۇھەررىرلەر كەسىپ تەرتىپىگە قاراپ، كۈندۈزلۈك ئىسمېنا مۇھەررىرى، كېچىلىك ئىسمېنا مۇھەررىرى، ئىچكى ئىشلار مۇھەررىرى دېگەنگە ئوخشاش تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؛ كەسپىگە قاراپ سىياسىي ماقالىلەر مۇھەررىرى، ئىقتىسادىي ماقالىلەر مۇھەررىرى، مەدەنىيەت - مائارىپ ماقالىلىرى مۇھەررىرى، گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى دېگەنگە ئوخشاش تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە مۇھاكىمە ماقالىلىرى مۇھەررىرى، ئالاھىدە مۇھەررىر دېگەنگە ئوخشاش تۈرلىرىمۇ بولىدۇ.