مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەت ئىلاجىم شاڭخەي قەشقەر شەھرى جانقورغانلىق كاتتا سودىگەر تۇردى ئاخۇننىڭ 3- ئوغلى بولۇپ،ئۇ 1870- يىلى تۇغۇلغان ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن دىنىي بىلىم ئالغان .1898-يىللاردىن باشلاپ،ئاكىسى ئەبراز باي ،ئەسىرابايلار بىلەن بىرگە چارروسىيىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغان .كېيىن قەشقەرلىك ئاخۇنباينىڭ نەۋرىسى كېرەم ئاخۇن ھاجىنىڭ (كېرەم ئاخۇن بايۋەتچە)نىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سىچۇئەن، چىڭدۇ، خاڭجۇد ا تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىللىرى بىلەن ئىچكى ئكلكىلەرگە سودا قىلىپ كىرگەن.

كېيىن كېرەم ئاخۇننىڭ سۇجۇ ،خاڭجۇدىكى سودىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغان ھەم ئۆزى يەككە تىجارەت قىلغان . ئۇ سۇجۇدىن شاڭخەيگە قاتناپ سودا قىلىش جەريانىدا شاڭخەي شەھرىنىڭ ھازىرقى فۇجۇلۇ دېگەن يېرىدىكى پاكىستان مەسچىتى يېنىدىن ئىككى پارچە يەر سېتىۋېلىپ،سودا-- ساراي ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقان.بۇ كۈنلەردە پاكىستانلىقلار بىجىرىپ بەرگەن ۋېزا بىلەن ئىچكىرىسىنىڭ يىپەك توقۇلمىلىرىدىن تاۋار، دۇردۇن خام يىپەك، ۋە شىنجاڭدىن ئېلىپ كىرگەن بۇغا ،بۆكەن مۈڭگۈزى، ئەلتىرە (مارىيە )،كۇچا كۆرپىسى قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ دېڭىز يولى بىلەن تۈركىيىگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ سودا قىلغان ۋە تۈركىيىدە بىر تۈرك ئايالغا ئۆيلەنگەن .كېيىن ياپونىيە ئارقىلىق نەنجىڭگە قايتىپ كەلگەن . نەنجىندە كىچىك تىپتىكى سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە سوپۇن زاۋۇتى قۇرۇپ كارخانا باشقۇرغان ۋە شاڭخەيدىكى سودا سارىيى ۋە ئاشخانىسىنىن ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭ ۋە چەتئەللىك مۇسۇلمان سودىگەرلەرنى جەلپ قىلغان .1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، شىنجاڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغاندىن كېيىن ،ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشكە ئامالسىز قالىدۇ. 1937- يىلى كېرەم ئاخۇنھاجىنىڭ ئىنىسى ئۆمەر باي ھاجى ئاىۇنبايوۋ ۋە ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئەبراز باي ،ئەسىرا بايلارمۇ شېڭشىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. شۇڭا ئۇ نەنجىن ۋە شاڭخەي ئارىلىقىدا تىجارەت قىلىدۇ. ياپون باقۇنچىلىرى شاڭخەي ۋە نەنجىننى بېسىۋالغاندا ھەر ئىكككى قايدىكى مال-مۈلكى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىنىپ ئۆزى ئامان قالىدۇ. شاڭخەي ئازات قىلىنغاندىن كېيىن ئاندا -ساندا تىجارەت قىلىپ ،1949-يىلى ئۆلكە ئازات بولۇش ئالدىداد شىنجاڭغا قايتىپ قەقشقەرگە كېلىدۇ. 1950-يىلى تۈركىيە ،ياپونىيىدە سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەل جاسوسى دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنىپ 15 يىل كېسىلىپ كېتىدۇ. 1952-يىلنىڭ ئاخىرىدا كېسەل بىلەن 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي بىزگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە سودا ساراي قۇرغان تۇنجى ئۇيغۇر سودىگىرى ئىدى. ئۇنىڭ شاڭخەي فۇجۇلۇدا قۇرغان سودا --سارىيى 100يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ چۈشىدىغان سودا سارىيى .اۇجۇلۇدىكى ھازىرقى خۇيزۇلار باشقۇرغان ئاشخانا ئۇيغۇرلار (مۇسۇلمانلار )ئاشخانىسى ئىدى.

پېشقەدەملەر ۋە ھازىرغىچە شاڭخەيگە بارغان مەيلى سودىگەر، مەيلى ساياھەتچىلەر بولسۇن بۇ كىشىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي ئاتاپ كەلمەكتە.

مەنبە: < شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر > --شىرىپ خۇشتار