مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە (ئەرەبچە: محمد أبو زهرة؛ توغۇلغان: ھ. 1316، 6 - زۇلقەئدە/م. 1898، 29 - مارت — ھ. 1394، 6 – زۇلقەئدە/م. 1974، 12 – ئاپرېل) ئ‍ۆتكۈر پىكىرلىك ئەللامە، مۇجتەھىد فەقىھ، شەيخ. تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇستافا ئەبۇ زەھرەدۇر.

ئۆمۈر بايانى[تەھرىرلەش]

مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قاراشلىق مىسىر ھىدىۋلىكىدە، بۈگۈنكى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى غەربىييە ئۆلكىسى مەھەللەكۇبرا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ھ. 1331/م. 1913 – يىلى تانتادىكى ئەھمەدىي مەدرەسەسىگە كىرىپ تەربىيەلىنىپ، «قۇرئان كەرىم» يادلىغان ۋە دەسلەپكى بىلىملەردىن ساۋات ئالغان. ھ. 1334/م. 1916 – يىلى ئۆزىدىن چوڭلار بىلەن بىرگە ئىمتىھان تاپشۇرۇپ، ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن غەربىييە ئۆلكىلىك شەرئىي قازىلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە ھ. 1343/م. 1924 – يىلى يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، شەرئىي قازىلىق دوكتورى ۋە ئۇستازلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا يەنە دارۇلئۇلۇمنىڭ دىپلوم ئېتىراپنامىسىگىمۇ ئېرىشكەن.

دارۇلئۇلۇم، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئاساسىي بىلىملەر (ئۇسۇلىددىن) فاكۇلتېتى، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتلىرىدا شەرىئەت ۋە ئەرەب تىلى بىلىملىرى پەنلىرىدە لېكتورلۇق قىلغان. ھ. 1354/م. 1935 – يىلى شەرىئەت بۆلۈمى مۇدىرى، قانۇن فاكۇلتېتى ۋە ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھ. 1352 – 1361/م. 1933 – 1942 – يىللىرى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەزھەبلەر تارىخى، سېلىشتۇرما دىنلار تارىخى ۋە خرىستىيان دىنى تارىخى قاتارلىقلاردىن دەرس بەرگەن. ھ.‍1377/ م. 1958 – يىلى 60 يېشىدا دەم ئېلىشقا چىققان، ھ. 1382/م. 1962 – يىلى سابىق «بۈيۈك ئۆلىمالار ھەيئىتى» ئاساسىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان «ئەلئەزھەر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەسى»نىڭ ئەزالىقىغا تاللانغان. قاھىرەدىكى «ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتى»نى قۇرۇشقا قاتناشقان. ھ. 1394، 6 – زۇلقەئدە/م. 1974، 12 – ئاپرېل كۈنى 76 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

كىشلىكى[تەھرىرلەش]

شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە (ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنىڭغا بولغاي) ئىلىمگە ھېرىسمەن، دەرس ئۆتۈشكە ماھىر، يېزىقچىلىققا ئامراق ئىدى. لېكسىيە – يىغىنلاردىن قالمايتتى. ئۇ شۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن مىسىردىلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن يىغىن – قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەرلىرىدىن سانىلاتتى.

ھەقنى جاكارلاشتىكى باتۇرلۇقى، ئىسلامنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ئىسلام دەۋەتچىلىرىنى قوغداشتىكى شىجائىتى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ زەھرە غۇرۇرلۇق، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان، ھەقتە چىڭ تۇرۇپ، ھەق سۆزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغان؛ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۈچلۈك، ھازىرجاۋاب، ئىجادچان، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، رەقىبلەر بىلەن يېتەرلىك ھۆججەت، يارقىن پاكىت بىلەن مۇجاھىدانە جەڭ قىلىدىغان، ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىدىغان پەزىلەتلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان.

ئۇ نوقۇل ئىلىم بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، سىياسىيونلارنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش تۇتىدىغان بولۇمسىز ئالىملاردىن ئەمەس، بەلكى زۇلۇم – ئىستىبدات ئالدىدا ھەر زامان مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى ئېنىق زات ئىدى. ئۇ جامال ئابدۇنناسىر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مىسىر قرالى فارۇق دېگەن زالىم ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال مۇھەممەد نەجىب رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭ بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەندە، خۇشاللىقىم كۆككە يەتكەن ئىدى. ‹ئادالەت ئەمەلىيلەشتى، پات – پۇرسەتتە زېمىنىمىزنى قايتۇرۇۋالىمىز، ئەركىنلىك قۇياشى يۇرتىمىزغا قايتىدىن قۇچاق ئاچىدىغان بولدى› دەپ ئويلاپتىكەنمەن. كىشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان ئىشلار تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى. ھاۋايى ھەۋەس ۋە شەخسىيەتچىلىك غالىب كېلىپ، يېڭى بىر زالىم جامال ئابدۇنناسىرنىڭ قوماندانلىقىدا قوزغىلاڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئايلىنىپ كەتتى ۋە بۇ يېڭى زالىم ئەل – يۇرتقا بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى».

ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان ئالىملار قاتارىدا قاتناشقان بىر خەلقئارالىق قۇرۇلتايدا، ساھىبخان دۆلەتنىڭ مۇتەئەسسىبلىكى، ئۆكتەملىكى بىلەن تونۇلغان، «تەسىرى» كۈچلۈك رەئىسى سۆز ئېلىپ، قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «يېگانە ھەقىقەت» بولمىش «ئىسلامىي سوتسىيالىزم»نى ياقىلاپ پىكىر قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، نۇرغۇن ئالىملار بۇرۇقتۇرۇملۇق ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە بىر – بىرىگە قارىشىپ قالىدۇ. دەل شۇ پەيتتە شەيخ ئەبۇ زەھرە دادىللىق بىلەن سۆز تەلەپ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ مۇنداق دەيدۇ:

«شۈبھىسىزكى، بىزلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىلاھىي ھۆكۈملىرىنى بىلگەندەك، دۆلەت مەسىلىلىرىدىكى ھۆكمىنىمۇ بىلىدىغان ئىسلام ئالىملىرىدۇرمىز. بىز بۇ يەرگە بىلىدىغانلىرىمىزنى جاكارلاش ئۈچۈن كەلدۇق. دۆلەت رەئىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەددىنى بىلىپ، ئىلىمنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرغايكى، ئىلىم ئىگىلىرى ھەق سۆزنى ياڭراتسۇن. سەن ئالىملارنى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن چاقىردىڭ، ھەرگىزمۇ ئۇلار توغرا تاپمايدىغان پىكرىڭنى جار سېلىپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ھەققىدە ئاللاھتىن قورقايلى!»

ساھىبخان دۆلەت رەئىسى چۆچۈپ كېتىدۇ ۋە شەيخكە قارشى پىكىردىكى بىرەر ئالىمنى ئىزدەپ ئەتراپقا باقىدۇ – يۇ، ئۆزىگە ھەمپىكىر ھېچكىمنى تاپالمايدۇ. باشقىلارنىڭمۇ غۇرۇرى ۋە ۋىجدانى بار – دە، ئەلبەتتە. سورۇندىكى ئالىملار ساھىبخاننىڭ ئۈمىدىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ شەيخ ئەبۇ زەھرەنى قوللايدۇ. بۇ ئەھۋال ئالدىدا ساھىبخان دۆلەتنىڭ رەئىسى ئۆزىگە بىر قارا بوراننىڭ يۈزلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي، ئۇھ تارتقانچە ئاچچىقلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە يىغىنمۇ شۇ بىرىنچى نۆۋىتىدىلا تارقىتىۋېتىلىدۇ[1].

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

بۈيۈك ئەللامە ئەبۇ زەھرە 80 پارچىگە يېقىن كىتاب يازغان بولۇپ، كۆپىنچىسى مەنبە خاراكتېرلىك چوڭ كىتابلاردىندۇر. ئەللامەنىڭ يەنە ئېلان قىلغان نۇرغۇن ماقالە ۋە پەتۋالىرى بار بولۇپ، بۇلار تېخى بىرەر كىتابقا توپلانمىغان. ئەگەر توپلىنىپ قالسا، نەچچە توملۇق كىتاب بولاتتى. تۆۋەندە بىز بۇ ئىلىم پىداكارى ۋە زامانە فەقىھىنىڭ بىر قىسىم كىتابلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتىمىز. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. خاتم النبيين (پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى) (3 قىسىم)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1393.

2. المعجزة الكبرى القرآن الكريم (ئەڭ چوڭ مۇئجىزە ــ قۇرئان كەرىم)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1390/م. 1970.

3. تفسير القرآن الكريم ــ زهرة التفاسير (قۇرئان كەرىم تەفسىرى ــ تەفسىرلەرنىڭ گۈلى)، (قۇرئاننىڭ بېشىدىن 27/«نەمل»: 73 – ئايەتكىچە) (10 قىسىم) دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، نەشر يىلى يوق.

4. تاريخ المذاهب الإسلامية (ئىسلامىي مەزھەبلەر تارىخى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، 1 – باسمىسى، ھ. 1396/م. 1976؛ 2 – باسمىسى، ھ. 1417/ م. 1996؛ 3 – باسمىسى، ھ. 1430/م. 2009.

5. العقوبة في الفقه الإسلامي (ئىسلام فىقھىسىدىكى جازالار)، مەتبەئەتۇ ئەلئەنجىلۇ ئەلمىسرىييە، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1375؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1998

6. الجريمة في الفقه الإسلامي (ئىسلام فىقھىسىدىكى جىنايەتلەر)، مەتبەئەتۇ ئەلئەنجىلۇ ئەلمىسرىييە، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1375؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1998.

7. الأحوال الشخصية (ئائىلە ئەھكاملىرى)، مەتبەئەتۇ مۇخەيمىر، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1367؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، 2005.

8. أبو حنيفة ــ حياته وعصره ــ آراؤه وفقهه (ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ــ ھاياتى ۋە دەۋرى، قاراشلىرى ۋە فىقھىسى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1366؛ 2 – باسمىسى، ھ. 1369/م. 1947.

9. مالك ــ حياته وعصره ــ آراؤه وفقهه (ئىمام مالىك ــ ھاياتى ۋە دەۋرى، قاراشلىرى ۋە فىقھىسى)، مەتبەئەتۇ ئەلئەنجىلۇ ئەلمىسرىييە، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1365؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1371.

10. الشافعي )شافىئىي)، مەكتەبەتۇ ۋەھبە، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1364؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە ھ. 1367.

11. ابن حنبل (ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1366.

12. الإمام زيد (ئىمام زەيد)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1378.

13. ابن تيمية (ئىبنى تەيمىييە)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1371.

14. ابن حزم (ئىبنى ھەزم)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1373.

15. الإمام الصادق (ئىمام سادىق)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە.

16. أحكام التركات والمواريث (مىراس ئەھكاملىرى)، مەتبەئەتۇ مۇخەيمىر، 1 – باسمىسى، قاھىرە، ھ. 1368؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1383/م. 1963.

17. أصول الفقه (ئۇسۇلۇلفىقھ)، ، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1377/م. 1958.

18. محاضرات في الوقف (ۋەقفكە ئالاقىدار لېكسىيەلەر)، 1 – باسمىسى، مەئھەدۇددىراساتۇل ئەرەبىييە ئەلئالىيە، قاھىرە، م. 1959؛ 2 – باسمىسى دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1391/ م. 1971.

19. محاضرات في عقد الزواج وآثاره (نىكاھ توختامى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە لېكسىيەلەر)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، 2 – باسمىسى، ھ. 1391/م. 1971.

20. الدعوة إلى الإسلام (ئىسلامغا دەۋەت)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1992.

21. مقارنات الأديان (دىنلار ھەققىدە سېلىشتۇرما)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1385/م. 1965.

22. محاضرات في النصرانية (خرىستىيانزم ھەققىدە لېكسىيەلەر)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1381/ م. 1966.

23. تنظيم الإسلام للمجتمع (ئىسلامنىڭ جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىشى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1385/1965.

24. الولاية على النفس (ۋەلىيلىك ھەققىدە)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، 1 – باسمىسى، ھ. 1401/م. 1981؛ 2 – باسمىسى، دارۇررائىد ئەلئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1389.

25. الملكية ونظرية العقد (مۈلۈكدارلىق ۋە توختام نەزەرىيەسى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. ھ. 1417/ م. 1996.

26. تاريخ الجدل (مۇنازىرە تارىخى)، مەتبەئەتۇل ئۇلۇم، ھ. 1353؛ دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1362.

27. تنظيم الأسرة وتنظيم النسل (ئائىلە ۋە نەسىلنى تەرتىپكە سېلىش)، 1 – باسمىسى، مەجمەئۇل بۇھۇسىل ئىسلامىييە، ھ. 1385؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1396/م. 1976.

28. شرح قانون الوصية (ۋەسىيەت قانۇنى شەرھى)، 1 – باسمىسى، مەتبەئەتۇ ئەلئەنجىلۇ ئەلمىسرىييە، قاھىرە، ھ. 1366/م. 1947؛ 2 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 2001.

29. الوحدة الإسلامية (ئىسلامىي بىرلىك)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1396/م. 1976.

30. العلاقات الدولية في الإسلام (ئىسلامدىكى دۆلەتلەرئارا ئالاقىلەر)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، ھ. 1415/1995.

31. التكافل الإجتماعي في الإسلام (ئىسلامدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1991.

32. المجتمع الإنساني في ظل الإسلام (ئىسلام سايىسى ئاستىدىكى ئىنسانىي جەمئىيەت)، 1 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە. نەشر يىلى يوق؛ 2 – باسمىسى، ئەددارۇسسەئۇدىييە، رىياد، ھ. 1401/ م. 1981.

33. المیراث عند الجعفریة (جەئفەرىيلەردىكى مىراس)، 1 – باسمىسى، معهد الدراسات العربية العالية قسم العلاقات الدولية، قاھىرە، ھ. 1955؛ 2 – باسمىسى، منظمة الإعلام الإسلامي، ئىران، ھ. 1404؛ 3 – باسمىسى، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە.

34. موسوعة الفقه الإسلامي (ئىسلام فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى)، جەمئىييەتۇ ئەددىراسات ئەلئىسلامىييە، قاھىرە، م. 1967. (ئىككى قىسىم چىقىپ توختاپ قالغان)

35. بحوث في الربا (ئۆسۈم ھەققىدە تەتقىقات) دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 1999.

36. الخطابة أصولها وتاريخها (نۇتۇق ــ ئۇسۇلى ۋە تارىخى)، مەتبەئەتۇلئۇلۇم، قاھىرە، ھ. 1353/م. 1934.

37. العقيدة الإسلامية كما جاء بها القرآن الكريم (قۇرئان كەرىم ئېلىپ كەلگەن بويىچە ئىسلامىي ئەقىدە)، مەشەيخەتۇل ئەزھەر ئەششەرىف ۋە مەجلىسۇ ھۆكەمائىل مۇسلىمىين، 1 – باسمىسى، ھ. 1444/2023.

38. أصول الفقه الجعفري (جەئفەرىي فىقھىسىنىڭ ئۇسۇلى)، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاھىرە، م. 2010.

39. نظرية الحرب فى الإسلام (ئىسلامدىكى ئۇرۇش نەزەرىيەسى)، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، ھ. 1380/م. 1961.

40. الفقه الإسلامى والقانون الروماني (ئىسلام فىقھىسى ۋە رىم قانۇنى)، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، ھ. 1380/م. 1961.

41. المنتخب في تفسير القرآن الكريم (قۇرئان كەرىم تەفسىرىدە تاللانغان جەۋھەرلەر) (مۇئەللىفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 چوڭ ئۆلىمادىن تەشكىللەنگەن ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن تۈزۈلگەن) مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، 21 – باسمىسى، ھ. 1427/م. 2006.

مەيدانى[تەھرىرلەش]

غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيە – شوئارلىرى ۋە يالغان – ياۋىداقلىرىدىن تەسىرلىنىپ، گويا شاتۇتىدەك شەرقشۇناسلار ۋە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قۇيرۇقلىرى نېمە دېسە شۇنى دەيدىغان ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئىسلام بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇش نىشان قىلىنغان ئىسلام بىرلىكى پىكىرلىرىگە قارشى تۇرىدىغان بىر قىسىم «مۇسۇلمانلار»نىڭ مەغلۇبىيەتلىك روھى توغرىسىدا شەيخ ئەبۇ زەھرە مۇنداق دېگەن:

«ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇتەپەككۇرلار ئىسلام بىرلىكى قۇرۇپ چىقىشنى ئويلاشقان. نەتىجىدە ياۋروپالىق يازغۇچىلار ھەرىكىتىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئالدىن پىلانلانغان سىياسىي ئويۇنلىرى ۋە مەلۇم غايىلىرىگە بىنائەن، دۆلەتلەرنىڭ دىنىي پرىنسىپلار ئۈستىگە قۇرۇلمايدىغانلىقى، بەلكى تىل، ئىرق ياكى جۇغراپىيە بىرلىكى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى ۋە ئەۋۋەلا بۇنى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىسىدا تارقاتتى. ئۇلار باشتا بىزنىڭ ھۆكۈمدارلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىزنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن، ياشلارنىڭ ئوي – پىكرىنى تىزگىنلىدى. ئۇلار قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئىغۋا ئۇرۇقلىرىنى چاچتى – دە، ئاخىرىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى ئىسلام بىرلىكى دەۋىتىگە كۆنمەيدىغانلا بولدى. نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزى بىر يەردىن چىقماس بولدى. ‹دۆلەتلەرنىڭ بەرپا بولۇش ئاساسلىرى مۇشۇ، مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىن بىرلىكىگە ئاساسەن ئىسلام بىرلىكىنى تەلەپ قىلغانلار مەۋجۇدىيەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ۋە دۆلەت قۇرۇش تەبىئىيىتىگە خىلاپ ئىش قىلغان بولىدۇ› دەپ قانائەتلىنىدىغان ۋە قانائەتلەندۈرىدىغان كىشىلەر بارلىققا كەلدى. ۋەھالەنكى، ھەقىقىي رېئاللىق ئېتىقاد بىرلىكىگە ئاساسەن دۆلەت قۇرۇشتۇر. ئۇنىڭ مىساللىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت. مەسىلەن، ياۋروپادا بەزى دۆلەتلەر پروتېستانت، يەنە بەزىلىرى كاتولىك ئېتىقادى ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر».

شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ھاكىمىيەتتىن ئىسلام شەرىئىتىنى يىراقلاشتۇرۇش ياكى ئۇنى ھۆكۈمدارلارنىڭ خاھىشىغا ماسلىشىشچان قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆزلەيدىغان زالىم ھاكىمىيەتكە قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتاتتى. ئۇ بۇ يولدا نەچچە قېتىم شىددەتلىك جەڭلەرگىمۇ كىرگەن ۋە ھەممىسىدە ئۇتۇپ چىققانىدى.

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۇغۇت چەكلەش پىلانىغا ئۆكتە قوپقان؛ نىكاھ، تالاق ۋە مىراس قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تۈزمە قانۇنلارغا قارشى چىققان؛ ئىسلامنى سوتسىيالىزم بىلەن بۇلغاشقا قارشى تۇرغان؛ يەنە جازانىنىڭ مەلۇم بىر تۈرىگە پىچىلغان مۇباھ «پەتۋا»سىنىڭ باتىللىقىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا يەنە يازغۇچى – ئەدىبلەر ۋە تۈرلۈك تاراتقۇ مەنسۇبلىرى ئىچىدىكى دەھرىيلىك (دىنسىزلىق) ۋە شەھۋانىيلىق تەمسىلچىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت نەچچە قېتىملاپ گاھ يۇمشاق، گاھ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ پايدىسى بولمىغان. چۈنكى، ئۇ دىنى ئۈچۈن سودىلاشمايتتى، دىنىنى پۈچەك دۇنياغا سېتىۋەتمەيتتى.

كەلتۈرۈلدىلەر[تەھرىرلەش]

  1. «فەقىھ ئەللامە مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە» ناملىق ماقالە، «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» دىن ئېلىندى. م. 2018. 10. 27. كۈنى. https://sajiya.biz/?p=1683