مۇھەممەد رەھىم ئەمىن

ئورنى Wikipedia
Muhammed rehim emin
مۇھەممەد رەھىم ئەمىن

قىسقىچە تەرجىمىھالى:

1989- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئوقۇش ئەھۋالى:

2003- يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا قۇرئان مەدىرىسگە كىىرپ قۇرئان يادلاشقا باشلىغان.

2004- يىلى ئاخرىدا قۇرئاننى تاماملاپ، ئۈرۈمچىگە چىقىپ 2013- يىلغىچە يېتىشكەن، ئالىي مەلۇماتلىق دىنى ئۇستازلاردا ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئىلىملىرى ئوقۇغان.

2013- يىلى ئوقۇش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ. مەدىنە مۇنەۋۋردىكى ھەرەم ئىنىستوتىنىڭ شەرىئەت ( ئىسلام پىقسىھى)پاكۇلتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ 2018- يىلى  ئوقۇشنى تاماملىغان.

2016- يىلدىن 2017 يىل ئاخىرغىچە سەئۇدى فىقھىشۇناسلىق جەمئىيتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان 18 ئايلىق فىقھى سالاھىيەت يىتىلدۈرۈش پىروگىراممىسىنى تاماملىغان.

ھازىرغىچە مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلغان ۋە داۋاملىشىۋاتقان خىزمەتلىرى:

2007- يىلى ۋەتەندە ئوقۇغىن چايخانىسدا  ئەرەب تىلى ئۆگىتىشنى باشلىغان.

2016-  يىلى مەدىنىدە ئوقۇش جەرياندا تايبە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام بىلىملىرى تور مائارىپى تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، 2018 - يىلى 2-ئاينىڭ 12 -كۈنى رەسمى ئېلان قىلىپ توردا ئەرەب تىلى ۋە ئىسلامىي ئىلىملار ئۆگىتىشنى باشلىغان.

ھازىرغىچە بۇ مائارىپ تورىغا ئەرەب تىلىغا ئالاقىدار 180 قىسىم دەرس يوللانغان بولۇپ، تايبە دەرسخانىسدا 110 نەپەر ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئۇقۇۋاتىدۇ.

مۇھەممەد رەھىم ئەمىن ئەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرەب تىلى ئۈگىنىشگە قۇلايلىق يارتىش مەقسىىدە "ئاسانلاشتۇرۇلغان مورفولوگىيە ئىلمى"، "ئاسانلاشتۇرۇلغان گرامماتىكا ئىلمى"، "ئەرەب تىلى تەرجىمە مەشىق قوللانمىسى" " ئاسانلاشتۇرۇلغان ئەرەب تىلى ئىستىلىستىكا" قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارغا سۇنغان.

بۇنىڭلىق بىلەنلا قانائەت قىلىپ توختاپ قالمىغان مۇھەممەد رەھىم ئەمىن 2018- يىلى 6- ئايدىن باشلاپ يىڭىچە دەۋەت ۋە ئىددىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە نۇر ئېكرانىنىنى قۇرۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزى سىنارست، ئۆزى كامىراچى، ئۆزى لايىھەچى، ئۆزى مونتاژچى، ئۆزى رول ئالغۇچى بولۇپ، 50 قىسىمدىن ئارتۇق تەربىيە خارەكتىتلىك دىنى فىلىملەرنى ئىشلىگەن ۋە كۆپ قىسمىنى تارقىتىپ كۆرۆرمەنلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن.

تىرىشچانلىق بولمىسا، تالانتمۇ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. "ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ ئۆگەنمىسە، تالانتلىقلارمۇ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ". دېگەن خارۋادنىڭ ئىلھامبەخىش ھېكمىتىنى ئۆزىگە قىبلەنامە قىلغان بۇ ياش تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشنى بىر كۈنمۇ توختاتماي داۋام قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئىلمىدىن باشقىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە، ھېچ نەرسە تەلەپ قىلماستىن تىرىشماقتا.

ئاۋانگارت ياش مۇھەممەد رەھىم ئەمىن ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن  ياشلارنىڭ تىرىشسىلا ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، ياشلارنىڭ جانلىق ئۈلگىسىدۇر.

مۇھەممەد رەھىم ئەمىن نۆۋەتتە تايبە مائارىپى ۋە نۇر ئىكرانىدا خىزمەت قىلماقتا، ئەينەك خەۋەر سەھىپىمىز تىرىشچان ھەم تالانتلىق مۇھەممەد رەھىم ئەمىننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەش بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭمۇ بۇ ياشنى قوللاپ مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! سەھىپىمىز بۇ ياشنىڭ خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئەمەلىي شەكىلدە قوللاشقا تىرىشىمىز!

تايبە مائارىپى تور بېتى

نۇر ئېكرانى يۇتيۇب قانىلى