مۇھەممەد ڧۇئاد كۆپرۈلۈ

ئورنى Wikipedia
مەھمەد ڧۇئاد كۆپرۈلۈ

Mehmet Fuad Köprülü

Mehmet Fuat Köprülü.jpg
شەخسىي ئۇچۇرلار
توغۇلۇش


4- كۆنەك 1890

ئىستانبۇل، ئوسمانلى دەۋرى

قايتىش


28- سەپەر 1966

ئىستانبۇل، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

پارتىيە




ج خ پ (1935-1945)

دېموكراتىك پارتىيە (1946-1955)
ھۆررىيەت پارتىيسى (1955-1966)

كەسپى سىياسىئون، پروڧ.در. تارىخشۇناس

مۇھەممەد فۇئاد كۆپرۈلۈ (تۈركچە: Mehmet Fuad Köprülü، ت. 4- كۆنەك 1890، ئىستانبۇل28- سەپەر 1966)، بولسا 20- ئەسىر تۈرك ئوردىناريۇس پروڧېسسور تارىخشۇناس. تۈركولوگ، تاشقى ئىشلار مىنىستېرى بولغان سىياسەتچى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، سوتسيال پەنلەر ساھەسىدە يىتىشكەن يېتۈك ئالىم. كۆپرۈلۈنىڭ نەسەبى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى مەھمەد Ⅳ كە باش ۋەزىر بولغان كۆپرۈلۈ مەھمەد پاشاغا تاقىلىدۇ.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

فۇئاد كۆپرۈلۈ ھاياتىدا بىر تەرەپتىن ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۈركىيەدە تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەشھۇر مۇتەپەككۇر زىيا گۆكئالپنىڭ چۆرىسىگە ئويۇشقان زىيالىلار قاتارىدا «مىللىي ئەدەبىيات ئېقىمى» ۋە «تۈركچىلىك ئېقىمى»نى يارىتىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پىكرىي ساھەدە ئاكتىپ رول ئوينىغان.

تۇنجى شېئىرى 15 يېشىدا ئىلان قىلىنغان كۆپرۈلۈ 1908- يىلىدىن كېيىن يازغان بىر يۈرۈش ئەدەبىي ۋە پىكرىي ئەسەرلىرى بىلەن تۈركىيەدە تىزلا داڭق چىقىرىشقا باشلىغان. 1909- يىلى ھوقۇق فاكۇلتېتتىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە تارىخ ساھەسىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ھەمدە ئىستانبۇلدىكى مەكتەپلەردە دەرس بەرگەن. 1913- يىلى ئىلان قىلغان «تۈرك ئەدەبىياتى تارىخىدا ئۇسۇل» دېگەن ماقالىسىدا تۈرك ئەدەبىيات تارىخىنى يېزىشنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ۋە مېتودلىرىنى كۆرسىتىپ تۈركىيەدە زور تەسىر قوزغىغان ۋە شۇ يىلى 23 ياشلىق كۆپرۈلۈ ئىستانبۇل دارۇلفۇنىنىڭ پروفېسسورلىقىغا تەيىنلەنگەن. تۇغما تەتقىقات ئىقتىدارىغا، كۈچلۈك غەيرەت ۋە ئىشتىياق بىلەن ئىزدىنىش روھىغا ئىگە كۆپرۈلۈ 1919- يىلى ئىلان قىلغان تۇنجى چوڭ ئەسىرى «تۈرك ئەدەبىياتىدا دەستلەپكى مۇتەسەۋۋۇپلار» دېگەن كىتابى بىلەن تۈركىيەدىن ھالقىپ ياۋروپادىمۇ زور شۆھرەتكە ئىرىشكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەشھۇر ماجار ئالىمى پروفېسسور گ. نېمىت، پروفېسسور ج. خ. مورېدمانن، پروفېسسور. ك. خۇئارت قاتارلىقلار ھەم فۇئاد كۆپرۈلۈنى ھەم تۈركىيەنى قىزغىن تەبرىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ ئەسەرلىرى چەتئەللەردىكى ئىلىم ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. 1924- يىلى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن كۆپرۈلۈ شۇ يىلى مۇستاپا كەمالنىڭ تەۋسىيەسى ۋە مىنىستىرلار ھەيئىتىنىڭ قارارى بىلەن تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنى قۇرغان ھەم تۈرك تارىخ ئەنجۇمەنىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. بۇ مەزگىللەردە ئۇ ئىلاھىيەت فاكۇلتىتىدا(1924) تۈرك دىنى تارىخى، ئىستانبۇل مۈلكىيە مەكتىبىدە(1923-1929) سىياسىي تارىخ ، سانائىي نەفىسە مەكتىبىدە(1926-1929) مەدەنىيەت تارىخى دەرسلىرىنى ئۆتكەن. 1926- يىلى ئىلان قىلغان «تۈرك ئەدەبىيات تارىخى» دېگەن ئەسىرى بىلەن دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مەشھۇر ئەدەبىياتشۇناسلاردىن پروفېسسور ف. كرائېلىتز بۇ ئەسەرگە مۇنداق باھا بەرگەن :«بۇ ئەسەر ئادرىياتىك دېڭىزى ساھىلىرىدىن جۇڭگۇ چېگرىسىغا قەدەر كەڭ دائىرىدە تارقالغان تۈرلۈك تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدۇر… بۇ ئەسەر يالغۇز تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە بۇ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرى بىلەن يېقىندىن ئالاقىدار بولغان ھەركىم ئۈچۈن لازىملىق بىر قوللانمىدۇر.»

1933- يىلى ئىستانبۇل دورۇلفۇنۇنى ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن كۆپرۈلۈ 1935- يىلى مۇستاپا كەمالنىڭ تەيىنلىشى بىلەن مىللەت ۋەكىلى – پارلامېنت ئەزاسى بولدى. قوشۇمچە ئەنقەرە ئۈنىۋېستىتىدە تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوتتۇرا ئەسەر تۈرك تارىخىدىن، سىياسىي بىلىملەر مەكتىبىدە مۇئەسسىسەلەر تارىخىدىن دەرس ئۆتكەن. ھەر قايسى تۈركىي تىل شىۋىلىرىنى ۋە قەدىمكى تۈركچىنى پىششىق بىلگەندىن باشقا ئەرەبچە، پارسچە، فرانسۇزچە، ئالمانچە(گېرمانچە) رۇسچە ۋە ئەنگلىزچە قاتارلىق كۆپ خىل تىللارنى ياخىشى بىلىدىغان فۇئاد كۆپرۈلۈ 20- يىلاردىن باشلاپ تۈركىيەگە ۋاكالىتەن خەلقارالىق نۇرغۇن ئىلمىي قۇرۇلتايلارغا ئىشتىراك قىلغان، فرانسىيەدىكى سوربون ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا لىكسىيە سۆزلىگەن. 1930 – يىلىدىن كېيىن «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1940- يىللاردىن باشلاپ تۈركچە نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىىسى» گە 71 پارچە ئەسەر يازغان. بۇنىڭ ئىچىدە «چاغاتاي ئەدەبىياتى» ۋە «ئەزەرى ئەدەبىياتى» دېگەن ئەسەرلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. كۆپرۈلۈ 1941- يىلىدىن كېيىن سىياسىي خىزمەتلەرنىڭ زۆرۈرىيىتى بىلەن ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن قول ئۈزگەن بولسىمۇ، تەتقىقات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. 1945- يىلى جەلال بايار، ئادنان مېندېرېس ۋە رەفىك كورالتان قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە دېمۇكراتىك پارتىيەنى قۇرغان. 1950- يىلى بۇ پارتىيە سايلامدا غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، فۇئاد كۆپرۈلۈ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان. تۈركىيەنىڭ 1952- يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(NATO)غا قوبۇل قىلىنىشىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان كىشى كۆپرۈلۈدۇر. مۇشۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭغا گېرمانىيە، فرانسىيە، يۈگۈسلوۋىيە ۋە ئارگېنتېنا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن سەككىز قېتىم شەرەپ ئوردېنى بىرىلگەن. 1956- يىلى دېىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىستىپا بەرگەن كۆپرۈلۈ 1957- يىلىدىن كېيىن سىياسىي ساھەدىن ئاساسەن قول ئۈزگەن.

ئىلمىي ئەمگەكلەر[تەھرىرلەش]

فۇئاد كۆپرۈلۈ تۈركىيەدە بىر مۇنچە ئىلمىي ژورناللارنى تەسىس قىلغان ياكى ئۇنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇلاردىن «مىللىي تەتقىقاتلار ژورنىلى»(1915)، «تۈركىيات مەجمۇئەسى»(1925)، «تۈرك ھوقۇق ۋە ئىقتىساد تارىخى مە‏جمۇئەسى»(1931)، «ئۈلكۈ»(1936)، «تۈرك ھوقۇق تارىخى ژورنىلى»(1944) قاتارلىقلار تۈركىيە ئىلىم ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ژورناللار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ ھەر خىل ئەسەرلىرىنىڭ سانى 1500 دىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلمىي ئەسەرلىرىگە نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، بۇ خىل ئەسەرلىرىنىڭ مول مەنبەگە، ئىلغار مېتودقا، كۈچلۈك دەلىلگە، ئەستائىدىل تەتقىقاتقا ۋە مەنتىقىلىق تەھلىلگە تايانغانلىقى رۇشەن كۆزگە چېلىقىش بىلەن بىرلىكتە ئېتنىك ۋە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ، شۇنىڭدەك تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مىللەتنىڭ تارىخى ۋە ئىدىئولوگىيە ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغانلىقى بىلىنىدۇ. بۇ يەردە بىز پەقەت ئۇنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە بەزى كىتاپلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز: بۇلار «ھاياتى فىكرىيە»(1909)، «نەسرەددىن خوجا»،(1918)، «تەۋفىق فىكرەت ۋە ئۇنىڭ ئەخلاقى»(1918)، «تۈركىيە تارىخى»(1923)،«بۈگۈنكى ئەدەبىيات»(1924)، «تۈرك تارىخى دىنى»(1925) ، «مىللىي ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ دەسلەپكى خەۋەرچىلىرى ۋە دىۋانى تۈركى باسىت»(1928)، «قېيىقچى قۇل مۇستاپا ۋە يىگىت ئوسمان ھېكايىسى»(1930)، «تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار»(1934)، «قەدىمكى شائىرلىرىمىزنىڭ دىۋان ئەدەبىياتى ئانتولوگىيەسى»(1934)، «ئوسمانلى ئىمپېراتورلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى»(پارىژ، 1935)، «ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى»(1940)، «تۈرك ساز شائىرلىرى ئانتولوگىيەسى-Ⅱۋە Ⅲ»(1940، 1941) ، «دېموكراتىيە يولىدا»(1964)، «ئەدەبىيات تەتقىقاتلىرى»(1966)، «ۋىزانتىيە مۇئەسسىسەلىرىنىڭ ئوسمانلى مۇئەسسىسەلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى»(1981) «ئىسلام—تۈرك ھوقۇق تارىخى تەتقىقاتلىرى ۋە ۋەھپە مۇئەسسىسەسى»(1983) قاتارلىقلاردۇر.

فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ ئىلىمگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 1933- يىلى ئەڭ ئالى ئىلمىي سالاھىيەتنى ئىپادە قىلىدىغان ئوردىناريۇس ئۈنۋانىنى بەرگىنىدەك، باشقا مەملىكەتلەردىكى ئىلمىي ئورگانلاردىن تۆت ئورۇن دوكتۇر ۋە سەككىز ئورۇن مۇخبىر ئەزاسى ياكى شەرەپ ئەزاسى دېگەن ئۈنۋانلارنى بەرگەن. مەسىلەن، 1925- يىلى مەشھۇر رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن ۋ.ۋ. بارتولد، كراچكوۋسكىي ۋە ئولدېنبۇرگ قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق تەكلىبى بىلەن كۆپرۈلۈ سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1927- يىلى گېرمانىيەدىكى ھېيدېربېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرى دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى بىرىلگەن. 1929- يىلى چېخوسلوۋاكىيە شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇخبىر ئەزالىقىغا تەيىلەنگەن. 1937- يىلى ئافىنا ئۇنىۋىرسىتېتى، 1939 – يىلى سوربون ئۇنېۋىرسىتېتى پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى بەرگەن. 1939-يىلى يەنە ماجار(ھۇنگرىيە) پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1947- يىلى ئامېرىكا شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ شەرەپ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەندىن سىرىت يەنە 1953-يىلى ھۆر ئوكرائىنا ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا،1956- يىلى كاراچى ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق بويىچە پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن. 1959- يىلى ئامېرىكا تارىخ جەمئىيىتىنىڭ شەرەپ ئەزالىقىغا، 1964- يىلى شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇخبىر ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

سوڭغى ھاياتى[تەھرىرلەش]

تۈرك مائارىپىنىڭ غۇرۇرى، مۇتەپەككۇر، ئالىم، تۈركولوگ، ئەدىب، تەنقىدچى، ژورنالىست، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ۋە سىياسىيون فۇئاد كۆپرۈلۈ 1965- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئەنقەرەدە قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان. 1966- يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدىكى بالتا لىمانى سۆڭەك دوختۇرخانىسدا ئالەمدىن ئۆتكەن. بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان «ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» دېگەن ماقالە 1927- يىلى «تۈرك يۇرتى» ژورنىلىنىڭ 5- جىلت، 27- سانىدا ئىلان قىلىنغان. شۇ ۋاقىتقا قەدەر ھەر قايسى ئەللەردە ئىلان قىلىنغان ئەلىشىر نەۋائىگە دائىر ماقالىلار ياكى تولىمۇ يۈزەكى، ياكى بىر تەرەپلىمە، ياكى ئىلمىيلىكى يوق، ياكى ئەھمىيەتسىز ماقالىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ماقالىلارنى بىرمۇ بىر كۆزدىن كەچۈرگەن فۇئاد كۆپرۈلۈ بۇ خىل قاراشلارغا رەدىيە بىرىش سۈپىتىدە ۋە ئەلىشىر نەۋائىي ھەققىدە ھەقلىق گەپ قىلىش مەقسىتىدە مەزكۇر ماقالىسىنى ئىلان قىلىش ئارقىلىق ئەلىشىر نەۋائىي تەتقىقاتىدا بىر بۇرۇلۇش ياسىغان. بۇ قىسقا ماقالىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. كۆپرۈلۈ 1934- يىلى مەزكۇر ماقالىسىنى «تۈرك تىلى ۋە ئەدبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار» دېگەن كىتابىدا قايتا ئىلان قىلغاندا، ئەلىشىر نەۋائىي ھەققىدە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر يۈرۈش ئىلمىي ئەسەرلەر ھەققىدىمۇ تەنقىدىي قارىشىنى ئىزاھات شەكلىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى دەل مۇشۇ نۇسخىغا ئاساسەن ئىشلەندى. ئاخىرىدا مېنى كۆپرۈلۈنىڭ بۇ ئەسەرى بىلەن، ھەم ۋ.ۋ. بارتولد، ئې.ئې . بېرتېلس، ئا.ن. بولدىروۋ، ئا. زەكى ۋەلىدى توغان، ئا.جافەرئوغلۇ، س.ل.ۋولىن، يانۇس ئېكمانن ۋە باشقا ئالىملارنىڭ نەۋائىي ھەققىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن تۈركىيە غازى ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئىلياس دوغانغا، ئەگە ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر زەكى كايمازغا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى ئەمەك ئۈشەنمەزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرلار تورى، مەشھۇر شەخسلەر