مۈلۈك ۋارىسلىقى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوغۇل، قىز، ئايال ھەممىسى مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما، ئەمەلىي تەقسىماتتا ئوغۇلغا قارىغاندا قىزغا ئىككىدىن بىر ئۈلۈش؛ ئايالغا تۆتتىن ياكى سەككىزدىن بىر ئۈلۈش تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلى يوق بولغان تەقدىردە مۈلۈك قىزلار ئوتتۇرىسىدا تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ھېچقانداق پەرزەنتى يوق، ئەمما قانداش تۇغقان ۋە ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ شۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈلۈشتىن تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ باشقا ھېچقانداق يېقىنلىرى بولماي، پەقەت ئۆگەي ئاكىسى، ئاسراندى پەرزەنتى بولسا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقى شۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. مۇنداق پەرزەنتلەردىن بىردىن ئوشۇق بولغان تەقدىردە ئۇلارغا تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۆلگۈچى يەككە - يېگانە بولسا، ئۇنىڭ مۈلكى جامائەتنىڭ كېڭىشى بىلەن جامائەت خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا مال - مۈلۈكنىڭ مەلۇم قىسمىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بىرەرىگە ياكى ئايالىغا (ئۆگەي ۋە ئاسراندى پەرزەنتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بەخشەندە قىلىپ بەرگەن ياكى شۇنداق قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، مۈلۈكنىڭ شۇ قىسمى تەقسىماتقا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ئۇيغۇرلارمۇ قىز بالا ياتلىق قىلىنغاندا بىر يۈرۈش تويلۇق ۋە باشقا سەرەمجانلار بىلەن ئۇزىتىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا مۈلۈك ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. تۇرمۇشلۇق بولمىغان ئوغۇل قىزلارغا مۈلۈك تەقسىماتىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە توي ئىشلىرىنىڭ خىراجىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تېگىشلىك ئەنئەنىۋى نىسبەتتىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق مۈلۈك قالدۇرۇلىدۇ.