مېخانىك ھەرىكەتنىڭ ئۈچ خىل ئاساسىي شەكلى

ئورنى Wikipedia

تەبىئەتتە جىسىملار ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ھەرىكىتى مېخانىك ھەرىكەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرىلىمە ھەرىكەت، ئايلانما ھەرىكەت ۋە تەۋرىنىش بولسا مېخانىك ھەرىكەتنىڭ ئۈچ خىل ئاساسىي شەكلىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن جىسىملار بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل شەكىلدىكى ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ. بۇنى تاشيولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلدىن كۆزىتىۋالغىلى بولىدۇ.

ئىلگىرىلىمە ھەرىكەت[تەھرىرلەش]

بىر خىلى، ئاپتوموبىلدىكى يۈك بىلەن كوزۇپنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ ئىلگىرىلىمە ھەرىكەت دەپ ئاتىلىدۇ. يۈك مەيلى كوزۇپنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە قويۇلسۇن ياكى ئاستىنقى قەۋىتىگە قويۇلسۇن، مەيلى كوزۇپنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن ياكى كەينىگە قويۇلسۇن، ھەممىسىدە كوزۇپ بىلەن بىرلىكتە ئاپتوموبىلنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى بويىچە پاراللېل يۆتكىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئارىلىقلىرى تەڭ بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەرىكىتىنىڭ تېز - ئاستىلىقى ۋە يۆنىلىشلىرىمۇ ئوخشاش بولىدۇ، مەسىلەن، بىر سېكۇنت ئىچىدە ھەممىسى 10mئارىلىققا پاراللېل يۆتكىلىدۇ. بۇنداق شەكىلدىكى ھەرىكەت ئىلگىرىلىمە ھەرىكەت دەپ ئاتىلىدۇ. ياغاچچى ياغاچ تاختىنى رەندىلىگەندىكى رەندىنىڭ ھەرىكىتى، سلېسار دېتالنى ئېكەكلىگەندىكى ئېكەكنىڭ ھەرىكىتى، تارتما (سىيرتما)نى ئۈستەلدىن تارتىپ چىقارغاندىكى تارتمىنىڭ ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىلىمە ھەرىكەتكە تەۋە بولىدۇ.

رەندە، ئېكەك، تارتمىنىڭ ھەرىكىتى تۈز سىزىق بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ خىل ئىلگىرىلىمە ھەرىكەتلەر تۈز سىزىقلىق ھەرىكەتتىن ئىبارەت بولىدۇ. بەزى جىسىملارنىڭ ئىلگىرىلىمە ھەرىكىتى ئەگرى سىزىق بويلاپمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەر يۈزىگە ئۆرە قويۇلغان چاماداننى ئۆرە پېتى كۆتۈرۈپ ئۈستەل ئۈستىگە ئالسىڭىز، چاماداننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ئوخشاش بولۇپ، پەقەتلا ئەگرى سىزىق بويلاپ قىلىنغان ھەرىكەتتىن ئىبارەت بولىدۇ.

ئايلانما ھەرىكەت[تەھرىرلەش]

يەنە بىر خىلى قۇمچاقنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئايلانما ھەرىكەت دەپ ئاتىلىدۇ. چاق ئوقىدىن باشقا، چاقتىكى ھەرقايسى نۇقتىلار ئوقنى چۆرگىلەپ چەمبەر بويلىما ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئاپتوموبىل رولىنىڭ ھەرىكىتى، ئىشىك، دېرىزە، سائەت ئىسترېلكىلىرىنىڭ ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايلانما ھەرىكەت بولىدۇ

تەۋرىنىش[تەھرىرلەش]

ئۈچىنچى خىلى ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ گاز سىلىندىرىدىكى پورشېننىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ تەۋرىنىش (تەۋرەنمە ھەرىكەت) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، جىسىم ھامان مەلۇم بىر مەركىزىي ئورۇندىن بېرىپ - كېلىپ ئۆتۈپ قايتىلىما ھەرىكەت قىلىدۇ. سائەت ماياتنىكىنىڭ ھەرىكىتى، ئىلەڭگۈچنىڭ ھەرىكىتى، رەندىلەش ئىستانوكىدىكى رەندىلەش تىغىنىڭ ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەۋرىنىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.