مېدىيا ۋە سىياسەت

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: مۇستافا ئاكداغ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرگۈچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

مېدىيا ئومۇمىي نەزەرىيە بولۇش بىلەن بىرگە پۈتۈن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ (تانكارىت، 6:1994). قىسقىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىستېمالچىلار ئارىسىدا تەسىر پەيدا قىلىشىنى مەقسەت قىلىدىغان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى؛ ھاكىم ئىدېئولوگىيىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۈچلۈك ۋاسىتە دەپمۇ قارىلىدۇ (يەنگىن، 6:1996). شۇڭلاشقا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا خىتاب قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلارنى مەلۇم بىر مەھسۇلاتنى ئىستىمال قىلىشقا يۈزلەندۈرۈش، ئۇلارغا سۇنۇلغان مەلۇم بىر كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىنى ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە تارقىتىش قىلىدىغان مېدىيا(يايلاگۈل، 15:2008)ئاممىنى خەۋەرلەندۈرۈش، ئۇلارنى يېڭىلىقلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇش، ۋاقىتلىرىنى مەناغا ئىگە قىلىش قاتارلىق ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ.

(تاشكېران، 18:2007) ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېنىقلىما بېرىشتە، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ: ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر تارقاتقۇچىلار تەشكىلىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، كەسپىي خادىملار ئىستىمالچى (كۆرۈرمەن، تىڭشارمەن، ئوقۇرمەن) ئاممىغا سىموۋول خاراكتېرلىق مەزمۇنلارنى سۇنىدۇ. ئىستىمالچى ئامما بولسا تارقاق، كۆپ خىل ۋە بىر-بىرىدىن پەرقلىق ساھە ۋە قاتلاملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى تارقىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۆرۈرمەن ئاممىغا سىموۋوللۇق مەزمۇنلارنى (پروگراممىلارنى) تارقىتىدۇ، بۇ ۋاسىتىلەر ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى دەپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان مەتبۇئات (گېزىت، ژۇرنال)، رادىئو، تېلېۋىزور، كىنو قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىستېمالچىلار بولسا شەخسلەردىن ئىبارەت دېگەن خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى قىسقىغىنە ۋاقىتتا جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە بىرىنچى دەرىجىلىك ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ، سىستېمىدا ناھايتى زور ئىمتىيازغا ئېرىشتى ۋە بۇ ئىمتىيازغا تايىنىپ جەمئيەتتە يېڭى تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى (كايا، 3:1985). بۇ ئاكتىپ رولنىڭ كۈچىنى تونۇپ يەتكەن شوپۇرلار بۇ كاتىگورىيەدە بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە:

– مېدىيا قايسى ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ ۋە ئورۇندىشى كېرەك؟

– ئاساسى ۋەزىپىسنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھۆكۈمەتتىن قانچىلىك يول يورۇق ئېلىشى كېرەك؟ ياكى ھۆكۈمەتتىن خالىي بولالىشى مۇمكىنمۇ؟

-مېدىيا قايسى دەرىجىدە ئەركىن بولۇشى كېرەك؟ ئەگەر ئەركىن بولالمىسا، مېدىيانىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى يوقالغان بولامدۇ؟ ئەگەر ئەركىن بولالىسا، بۇ ئەركىنلىكنىڭ چېگرىسى بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر بولۇشى كېرەك بولسا، ئۇ چېگرانى كىملەر، نېمىگە تايىنىپ ۋە قانداق بەلگىلەيدۇ؟ (2004: 105-106).

بۇ جەھەتتىن مېدىيا ۋە سىياسەت: خەلقچىل خىزمەت قىلىدىغان، جەمئىيەت تەرىپىدىن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن ئالتېرناتىڧسىز (ئورنىنى باشقا بىرى تولدۇرالمايدىغان) سىستېمىدۇر. بۇ نۇقتىئىنەزەرگە ئاساسلىنىپ ھەر ئىككىلا ساھە قىلغان خىزمەتلىرىنى «خەلق ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز»، دېيىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن مۇقەررەر دىئالىكتىك مۇناسىۋەت ئىچىدە بولىدىغان ساھەلەرنى، جەمئىيەت سىستېمىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش، بىر-بىرىگە بولغان كۆز قاراش ۋە جەمئىيەت تەسىرى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ (داملاپىنار،13:2017).

مېدىيا خەۋەر مەنبەسى ۋە ماددى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە تايىنىدۇ. ئىش-پائالىيەتلىرىنى تارقىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭمۇ مېدىياغا ئىھتىياجى چۈشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن دىئالىكتىك مۇناسىۋەت پەرقلىق تۈس ئېلىشقا باشلىغاندا، ھەر ئىككىلا ساھە غايە ۋە مەقسەتلىرىدىن ئېغىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. مېدىيانىڭ فۇنكسىيىسىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىشىغا باغلىق.

بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسى مەقسىتى: ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە قايسى ئەھۋاللاردا بىرتەرەپنىڭ يەنە بىرتەرەپكە مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن ئىبارەت.

1. مېدىيا ۋە سىياسەتنىڭ مۇناسىۋىتى

مېدىيا ۋە سىياسەت مۇناسىۋىتى «ئورتاق ياشاش مۇناسىۋىتى»، دەپ شەرھلىنىدۇ. مېدىيا سىياسەتنى خەۋەر مەنبەسى دەپ قارايدۇ؛ سىياسەتچىلەر پىكىر ۋە پوزىتسىيىلىرىنى خەلقكە يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇ مەنىدىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى ئومۇمەن ماسلىشىشچانلىققا ئىگە (يۈكسەل، 146:2001). ئەلۋەتتە، بۇ مۇناسىۋەت ئۆز-ئارا بولىدۇ. ئەمما جىددى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگۈچى تەرەپ يەنىلا سىياسىي تەرەپ؛ شۇڭلاشقا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سىياسىي تۈزۈم قانداق بولسا مېدىيامۇ شۇنىڭغا قارىتا تەرەققىي قىلىدۇ. ھېچقانداق بىر مېدىيا سىستېمىسى ھەرگىزمۇ سىياسىي تۈزۈمدىن مۇستەقىل بولالمايدۇ (ئاراباجى، 109:2004).

ئاممىنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە مۇشۇ مەقسەتنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېتەكچىلىك خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان مېدىيا بىلەن بۇ فۇنكسىيىلەر ئۆز ماھىيىتىدە ئەكىس ئېتىدىغان ۋە سىياسىي سىستېمىدىن ئالىدىغان سىياسەت ئوتتۇرىسىدا دائىم دېگۈدەك ھەمكارلىق ۋە توقۇنۇش مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەر ئىككىلا كۈچ خەۋەرلەندۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش (يۈزلەندۈرۈش، تەشۋىقات قىلىش) كۈچىنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشىنى تالىشىدۇ ۋە پات-پات تارقاتقان خەۋەرلىرى ئارقىلىق بۇ كۈچنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالىدۇ. ئەمما بۇ ھەركەت بەزى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېدىيا سىياسەتنى قول ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ؛ ئوخشاش شەكىلدە سىياسەتمۇ مېدىياغا نىسبەتەن شۇنداق تۇيغۇلاردا بولىدۇ (ھازار، 254: 2008).

مېدىياغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇشتۇر.  بۇ كۈچ جامائەت پىكرىدە كۈچلۈك بولۇش، ھەقىقىي بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. جامائەتنى يېڭىلىقلاردىن خەۋەرلەندۈرۈش، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خاھىشى بويىچە (مەقسەتلىك) ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، مېدىيانىڭ سىياسەت ئۈستىدىكى نوپۇزىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

گۈزنىڭ قارىشىچە، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇستەقىل ۋە چەكلىمىسىز پائالىيەت قىلالىشى، جەمئىيەتنىڭ بۇ ۋاسىتىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ۋە سىياسىي سىستېمىدا بۇ ۋاسىتىلارغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلالىشى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇستەقىل ۋە ئوبيېكتىپ ھەركەت قىلالمايدىغان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئىشىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

«ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ تارقىتىش ئېلىپ بارالمىدى»، دېگەن چۈشەنچە؛ سىياسىي سىستېمىنىڭ ساغلام ھەرىكەتلىنىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن. دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەردە سىياسىي سىستېمىلارنىڭ نورمال ئايلىنىشى، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى تەرتىپلىك مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەتبىقلىنىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەرەپبازلىق بىلەن خەۋەر بېرىشىگە دائىر چۈشەنچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى؛ بۇ ۋاستىلارنىڭ سىياسەتچىلەر، سىياسىي ئورگانلار ياكى سىياسىي ئاپپاراتلارغا مۇناسىۋەتلىك بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭمۇ ئىشەندۈرۈش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىشكە سەۋەپ بولىدۇ (گۈز، 88:2005)

بۇرتۇن، مېدىيا بىلەن سىياسەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇلار ئىگە بولغان كۈچ سەۋەپلىك بىر-بىرى بىلەن قىزغىنىش ئىچىدە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. سىياسەتچىلەر، ۋەكىللىك قىلىپ تۇرۇۋاتقان خەلق ئۈچۈن؛ مېدىيانىڭ ئۆز ئىختىيارى بويىچە سۆزلىشىنى ۋە خالىغانچە پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنىدۇ؛ بۇ چاغدا مېدىيامۇ خەلقكە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ بېسىم كۈچلەردىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىلىرىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ (يۆتكىگەن، يۈكسەل، 144-145:2001):

قانۇن: بەلگىلىك قانۇن رامكىسىدا ئۆزىنىڭ ئۇچۇر ۋە پائالىيەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن مېدىيا ۋە ئۇنىڭ خەۋەر تارقىتىش ھوقۇقى توقۇنۇش ئىچىدە بولىدۇ.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش: ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مېدىيا خادىملىرىنىڭ ئاساسلىق خەۋەر مەنبەسىدۇر. بۇ جەھەتتىن مۇخبىرلار خەۋەر قىممىتى بار ئۇچۇرلارغا ئىھتىياجى چۈشكەندە ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ.

لوبيىچىلىق پائالىيەتلىرى: سىياسىي گۇرۇپپىلار مېدىيا مەنسۇپلىرىنىڭ ئاچچىقى كېلىدىغان بۇ مېتۇدقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۆزىگە يېقىن مېدىيا خادىملىرىنى پات-پات چاقىرىپ تۇرىدۇ.

مالىيە: مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىش، تامۇژنىدا ئىتبار بېرىش، قەغەز ياردىمى بېرىش قاتارلىق قوللاشلىرى ئارقىلىق مۇھىم ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

بىۋاستە كونترول قىلىش: ھۆكۈمەت ھەرخىل ئورگانلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق  مېدىيانىڭ مەزمۇنلىرىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ.

ۋاستىلىق كونترول قىلىش: ئادەتتە ئىزاھلاش ۋە ئىسپاتلاش قىيىن ئەھۋال بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ۋە مېدىيا ئوتتۇرىسىدا بىرەر زىددىيەت بولۇپ قالغان مەزگىللەردە ئۇچرايدىغان ئۆزگىرىش سەۋەپلىك  ۋاسىتىلىق كونتىرول قىلىش ئۇسۇللىرىدىن مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

مېدىيادا نامايان بولۇش: ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ مېدىيادا نامايان بولۇشى بۇ ئىككى ساھەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى بىر مىسال بولالايدۇ. خەۋەر تارقاتقۇچىلار خەۋەر مەنبەلىرىنى چىنلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىياسەتچىلەرگە، سىياسەتچىلەرمۇ پارتىيىلىرىنى سايلىغۇچىلار نەزىرىدە ئېتىبارغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مېدىياغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

پارتىيىلەرنىڭ سىياسىي خەۋەرلىرىنى تارقىتىشى: سىياسىي پارتىيىلەر بۇنى ئۆزىنىڭ ھەققى دەپ تەلەپ قىلالايدۇ. سايلام مەزگىللىرىدە تېلېۋىزورلاردا تارقىتىلىدىغان سۆھبەت ياكى خەۋەر ۋاقتىنىڭ تەقسىملىنىشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

شۇڭلاشقا مېدىيا جامائەت پىكرى ۋاستىسى بىلەن سىياسەتكە ئارىلىشىدۇ. باشقا ئىپادە بىلەن دېگەندە، بارلىق دېموكراتىك سىستېمىلاردا جامائەت پىكرى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆپلۈكنى ئاساس قىلدىغان دېموكراتىك سىستېمىلاردا جامائەت پىكرى كۆپتەرەپلىمە تەسىرلەر ئاستىدا بارلىققا كېلىدۇ ۋە ئىدارى قىلغۇچىلارنىڭ قارارلىرىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەقەت دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر جامائەت پىكرىنى تاق يۆنىلىشلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەرپ قىلىدۇ. مۇستەبىت دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇخىل رېجىمدە جامائەت پىكرى ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلىدۇ (تاشدەلەن، 195:1997). شۇڭلاشقا دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق سىياسىي رېجىملار ۋە بۇ رېجىملاردىكى مېدىيا سىستېمىلىرىغا قاراپ چىقىشقا توغرا كىلىدۇ.

2. مېدىيا ۋە سىياسەت مۇناسىۋىتىدىكى نەزەرىيىلەر:

نورماتىف (ئۆلچەملىك) مېدىيا نەزەرىيىلىرى دەپمۇ نام بېرىلگەن بۇ نەزەرىيىلەر مېدىيانىڭ ۋەزىپىلىرىنى قانداق ئورۇندايدىغانلىقىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا چىققان. مكلۇخان بۇلارنى؛ مۇستەبىت، ھاكىممۇتلەقلىق، لىبېرالىزىم، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، تەرەققىيات ۋە دېموكراتىك ئىشتىراكچى نەزەرىيىسى دەپ ئالتە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان.

ئا: مۇستەبىت نەزەرىيىسى

مېدىياغا چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن ھاكىمىيەتكە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىپ بېرىدىغان بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى قانۇن-تۈزۈملەرگە ياكى مەۋجۇت ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدىغان پروگراممىلارنى تارقىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

مېدىيا ئۆزىنى كونترول قىلىۋاتقان كۈچكە  سادىق بولۇشى كېرەك.

مېدىيا سىياسىي ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملەرگە ھەمدە كۆپسانلىق ئەگىشىدىغان ئېقىمغا قارشى چىقماسلىقى كېرەك. نەزەرىيىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، قائىدە-قوراللارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مېدىيانى نازارەت ئاستىدا تۇتۇشقا بولىدۇ.

مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش، قوللىغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتنى تەنقىدلەش ياكى ئەخلاقىي قىممەت ئۆلچەملىرىگە ھاقارەت قىلىش جىنايەت دەپ قارىلىدۇ. ئاخباراتچىلار پەقەت ئۆزىنىڭ مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى دائىرىسىدىلا مۇستەقىل بولالايدۇ.

ب. ھاكىممۇتلەقلىق نەزەرىيىسى

1917-يىلى رۇسىيە ئىنقىلابى سەۋەپلىك يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشىچى سىنىپنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك جەمئيەتتە سىنىپىي توقۇنۇش مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن مېدىيامۇ شۇنىڭغا قارىتا ھەركەت قىلىدۇ؛ شۇنداقلا تارقىتىش لايىھەلىرىنىمۇ سىياسىي توقۇنۇشلاردىن خالىي پىلانلايدۇ. مېدىيا بۇ نۇقتىدا مۇھىم بىر ئامىل سۈپىتىدە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئىجتىمائىيلىشىشىدا، غەيرى رەسمىي ئىجتىمائىي كونتروللۇقتا ۋە پىلانلانغان ئىقتىسادىي مەقسەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ يېتەكلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. نەزەرىيە، مېدىيانىڭ سىياسىي ئورگانلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇندىن باشقا ئالاھىدە ئەھۋاللاردا سىياسىي ساھەنىڭ باشقا ئاپپاراتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاساسلىق پەرەزلىرى تۆۋەندىكىچە:

مېدىيا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ۋە ئۇلارنى كونتىرول قىلىشى، شەخسىي مۈلۈك ئاستىدا بولماسلىقى كېرەك.

مېدىيا ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، تەربىيىلەش، ئۇچۇر-مەلۇمات بېرىش، جانلاندۇرۇش، سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشكە ئوخشاش جەمئىيەتكە ئىجابىي ئېنېرگىيە بېغىشلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.

مېدىيا جەمئىيەت ئالدىدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش بىلەن بىرگە كۆرۈرمەن ئاممىنىڭ ئېھتىياجلىرىنىمۇ قاندۇرۇشى كېرەك.

مېدىيا جەمئىيەتكە زىت تارقاتقان پىرۇگىراممىلرى سەۋەپلىك جەمئىيەتنىڭ ئۇنى نازارەت قىلىش ۋە  زۆرۈر بولغاندا قانۇنىي ۋاستىلەرنى ئىشلىتىش كۈچى بولىدۇ.

مېدىيا پرىنسىپ بويىچە دۇنيا ۋە جەمئىيەتنىڭ بارلىق خەۋەرلىرىنى تارقىتىشى، ئوبيېكتىپ بولۇشى كېرەك.

مېدىيا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەزالىرى غايە ۋە ئىدىيىسى جەمئىيەت مەنپەئەتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولغان مەسئۇلىيىتى بار كەسپىي خادىملاردۇر.

مېدىيا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېڭىلىقچى ھەرىكەتلەرنى قوللىشى كېرەك.

س: لىبېرال نەزەرىيە

نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ خالىغان مەزمۇننى تارقىتىشتا ئەركىن بولۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نەزەرىيە؛ چۈشەنچە، پىكىر، تەشكىلاتلىنىش، يىغىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە لىبېرال دېمۇكراتىك سىستېما بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.

ئەركىن مېدىيا جەمىئيەتتىكى ھەر تۈرلۈك شەخىسلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. مېدىيا ئورگانلىرىغا مۇداخىلە قىلىش، ئوي-پىكىر ۋە جەمىئيەتنىڭ ھەقىقەت ۋە دۇرۇسلۇق بىلەن ئايدىڭلىشىشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدۇ. نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، دۇرۇسلۇق، ئەركىنلىك ۋە مەنپەئەت تەڭ ھەركەت قىلىشى، مېدىيانىڭ قوغدىلىشى پەقەت مەنتىقىسىز ئىشىلار يۈز بەرگەندە تىلغا ئېلىنىشى لازىم. مېدىياغا سانسۈر(ئاخبارات مەزمۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىنىشى) يۈرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. مېدىيا پەقەت قانۇنغا خىلاپ ھەركەت قىلغاندا، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلشقا ئوخشاش ئەھۋاللاردا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شەخىس ۋە كوللىكتىپلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىشى زۆرۈر ھالغا كېلىدۇ. شەخىس ۋە ئازسانلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش، شۇنداقلا دۆلەت ئىھتىياجى دېگەندەك ئەھۋاللار نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن مېدىيا ئەركىنلىكىنڭ ئالدىدا كېلىدۇ.

نەزەرىيىنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئاخبارات ساھەسى ئۈچىنچى بىر ئاپپارات تەرىپىدىن سانسۈرلەنمەسلىكى كېرەك.

پروگىرامما ئىشلەش ياكى تارقىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال رۇخسەت ياكى ئىزىن ئېلىش مەجبۇرىيىتى بولماسلىقى، تارقىتىش خىزمىتى ھەربىر شەخىس ۋە كوللېكتىپقا ئوچۇق بولىشى كېرەك.

ھۆكۈمەتكە ، بيۇروكراتلارغا ۋە پارتىيىلەرگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى جازالىنىشى كېرەك.

تارقىتىلىدىغان مەزمۇنغا دائىر چەكلىمە بولماسلىقى كېرەك.

ئىدىيە ۋە مايىللىق رامكىسى ئىچىدە توغرا بىلەن خاتانى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەك.

تارقىتىلىدىغان خەۋەرلەرنىڭ توپلىنىشى بىرقاتار چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

خەلقئارا مېدىيا ساھەسىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە ھېچقانداق چەكلىمىگە قويۇلماسلىقى كېرەك.

ئاخباراتچىلار ئۆز ئىچىدە ئاپتونومىيە شەكىللەندۈرەلىشى كېرەك.

د. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت نەزەرىيىسى

مەتبۇئات ئەركىنلىكى كومىتېتى سايىسىدە بارلىققا كەلگەن بۇ نەزەرىيە، بىر قاتار مەسىلىلەردە ئەركىن بازارنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋەدىسىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەنلىرىنى ئورۇندىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان. نەزەرىيە، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت بىلەن مۇستەقىللىقنى ماسلاشتۇرۇشقا مەجبۇر. مېدىيانىڭ جەمئىيەت ئىھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ دېموكراتىك سىياسىي ئىجرائاتلاردا بىرقاتار فۇنكسىيىلەرنى ئورۇنداشنى ۋەزىپەم دەپ قوبۇل قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ. مېدىيانىڭ پەرقلىق كۆز قاراشلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى، كۈلتۈرگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جەمئيەتتە ئاكتىپ رول ئېلىش فۇنكىسىيىسى بىلەن مېدىيانىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىللىقى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرۈلۈشى كېرەك.

مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى خەلق ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدۇ ۋە مەزكۇر قۇرۇلۇشلارغا ئىگە بولۇش(خوجايىنلارنى) ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە قىلمايدۇ. ئىگىدارچىلىقى شەخسلەرگە ياكى ئورگانلارغا ئائىت بولغان مېدىيا قۇرۇلىشلىرى  پەقەت ئىستىمالچى ئامما ياكى مېدىيا خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئەمەس، تېخمۇ كەڭ نىسبەتتە جەمىئيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۈچ پرىنسىپنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئۇ پرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە:

مېدىيا ئورگانلىرى جەمىئيەت ئالدىدىكى ۋەزىپىلىرىنى تونۇپ يېتىپ ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ئورۇندىشى كېرەك.

بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان چاغدا خەۋەر تارقاتقۇچى بولۇش، ھەقىقىي بولۇش، دۇرۇس بولۇش، ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتقان بولۇش دېگەنگە ئوخشاش ئۆلچەملەرنى ئېسىدە ساقلىشى كېرەك.

مېدىيا قانۇنىي رامكا ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە چەكلىمە قويۇشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغۇچى بولۇشى كېرەك.

مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى جىنايەتكە، زوراۋانلىققا ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدىغان ياكى ئازسانلىقلارغا ھۇجۇم قىلىش تۈسىنى ئالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىشتىن ساقلىشىنى كېرەك.

مېدىيا كۆپنى ئاساس قىلغان بولىشى كېرەك. پەرقلىق ئىجتىمائىي قاتلام ۋە پەرقلىق چۈشەنچىلەرگە ئورۇن بېرىشى، شۇنداقلا جاۋاب بېرىش ۋە تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىش يولى ئارقىلىق پەرقلەرنى يوق قىلىشى كېرەك.

جەمئىيەت مېدىيادىن ناھايتى چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ. ئەگەر مېدىيا كۈتكەن يەردىن چىقالمىسا، خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇداخىلە قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. ئاخباراتچى ۋە مېدىيا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىش بەرگۈچى ۋە بازارغا خىزمەت قىلغاندەك جەمئىيەتكىمۇ خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيتى بار.

ئې: تەرەققىيات قورالى نەزەرىيىسى

تەرەققىيات قورالى نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھەمدە بۇ تەرەققىيات بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىغان ئۇلۇسال (مىللىي) قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. مىللىي قۇرۇلمىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاخباراتچىلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيتى دەرىجىسىگە تۆۋەنلەيدۇ. ئىجتىمائىي مەقسەتكە شەخسنىڭ ئەركىنلىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ .

بۇ نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 19-ماددىسى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى. مەزكۇر ماددا؛ھەربىرئىنسان پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. بۇ ھوقۇق ھېچقانداق بىر توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى،  ئىدىيە ۋە پىكىرلىرىنى بىرەر ئاخبارات قانىلىدا ئەركىن ئوتتۇرغا قويالىشى، سۆزلىيەلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى تۆۋەندىكىچە مىسال قىلىشقا بولىدۇ :

مېدىيا دۆلەت سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئوخشاش بىر ساھەدە ئاكتىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىپىسىنى تونۇشى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىشى كېرەك.

مېدىيانىڭ ئەركىنلىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن چەكلىنىشكە ئوچۇق بولۇشى كېرەك.

مېدىيا تارقىتىدىغان پروگراممىلىرىدا زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە تىلغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

مېدىيا خادىملىرى ۋە باشقا ئەزالىرى، ئۇچۇر توپلاش ھوقۇقىغا ئىگە؛ شۇنىڭدەك بۇ ھوقۇق ئېلىپ كىلىدىغان مەسئۇلىيەتنىمۇ تونۇشى كېرەك.

دۆلەت تەرەققىيات سىياسەتلىرىدە مېدىياغا چەكلىمە  قويالايدۇ. نازارەت قىلالايدۇ ۋە كونتىرول قىلالايدۇ.

ف: دېموكراتىك ئىشتىراكچى نەزەرىيىسى

نەزەرىيە؛ قېلىپلاشتۇرۇلغان، مەركەزلەشكەن، كەسپىيلەشكەن، دۆلەت يىتەكچىلىكىدىكى تاراتقۇ ئۇسۇلى قوللىنىشنى رەت قىلىدۇ. كۆپ مەنبەلىشىش، كىچىك گۇرۇپ شەكلىدە تەشكىللىنىش، يەرلىكلىشىش، تۈزۈملەشمەسلىك، ئۇچۇر مەنبەسى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مېدىيانىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەممە يېرىدە تەشكىلاتلىنىشى، ھىچكمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ.

ئەركىنلىكتىن ئىبارەت بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ھەربىر شەخىسنىڭ ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلار ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنى مەركىزىي ھۆكۈمەت ياكى ئۇ باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك .

مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى مېدىيا قۇرۇلۇشىنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن ئەمەس، كۆرۈرمەن ۋە ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلشى ۋە مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.

كوللىكتىپ، تەشكىلات ۋە شۇ جايدىكى مەھەللىلەر ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالىشى ئۈچۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك .

كىچىك تىپتىكى، ئۆزئارا بىر-بىرىنى قوللايدىغان ۋە ھەمكارلىشالايدىغان تاراتقۇ قۇرۇلمىسى ھەجىمى چوڭ، تاق يۆنىلىشلىك   كەسپىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ياخشىراق.

ئالاقىدار تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجنى شەخسىي ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تولۇق چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ؛ شۇنىڭدەك دۆلەت ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتلىرىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

ئاخبارات ساھەسى كەسپىي خادىملارغا تاشلاپ بېرىشكە بولمايدىغان مۇھىم بىر ساھەدۇر.

3. مېدىيا ۋە سىياسەت مۇناسىۋىتىدە مېدىيا

ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مېدىيا؛  سىياسىي ۋەقەلەر، ھادىسىلەر، سىياسىي ئورگانلار ۋە ئىدارە قىلغۇچىلار ئۈستىدىكى جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن مېدىيا سىياسىيسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ ئىرادىسى، بەزى قارارلارنىڭ مېدىياغا ئاساسەن ئېلىنىشى، ئىدارە ئورگانلار تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنغان ئاممىۋى ئىشەنچىگىمۇ تەسىر كۆرستىش ئىقتىدارى بولغان (داملاپىنار، 187:2008) تاراتقۇ تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى مېدىيانىڭ نوپۇزىنى ئاشۇردى. بۇ ئەھۋال مېدىيانىڭ ئوقۇرىنى تېخىمۇ ئىگىزلەتتى. پەقەت چوڭ كاپىتاللارلا ئېرىشەلەيدىغان ساھە بولۇش جەھەتتە ئەۋزەللىكى بولغان مېدىيا ۋاقتى كەلگەندە سىياسەتچىلەرنى ھەر ئويۇندا دېگىنىنى قىلدۇرالايدىغان بولغىلى تۇرغانلىقتىن، سىياسىينىڭ بىردىنبىر ھەل قىلغۇچ ئامىلى بولۇپ قىلىپ، ئىتىبارى كۈنسىرى ئاشتى(چاكېر، 134:2004).

مېدىيا ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە كۆپىيىشى زۆرۈر بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخنىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالدى (بوستانجې، 161:1998). لېكىن تەسىرىگە چۇشلۇق قانۇن چىقىرىش كۈچى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سىياسىيلار بىلەن ئوتتۇرسىدا خۇپىيانە بىر مۇناسىۋەت تورى شەكىللىنىشكە باشلىدى. مېدىيانىڭ بۇ پەۋقۇلئاددە كۈچىگە ئىگە خوجايىنلار ئەركىن ۋە توغرا خەۋەر ئېلىشنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىش بىلەن بىللە، كۈنتەرتىپنى كونتىرول قىلىش ۋە كۈنتەرتىپ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. يەنى ئاخبارات ۋە ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى ساقلاشقا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە (گۆنەچتىن يۆتكىگەن چاكېر، 135: 2004)

مېدىيانى بۇ خىل كۈچكە ئىگە قىلغان ئامىللار، جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش ئۈچۈن جامائەتنى تەشكىل قىلىدىغان قارالمىلارنى كونترول قىلىشى ۋە يېڭىدىن قۇرۇشى، مونۇپوللىشىشى ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كاپىتال بەرپا قىلىشى ۋە خەلقكە ۋاكالىتەن نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشى قاتارلىقلاردۇر.

ئا. كۈنتەرتىپ يارىتىش

1920-يىللاردا ۋالتېر لىپمان (W a l t e r L i p p m a n) ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاممىۋى قارالمىنى (كۈنتەرتىپ)بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە قارار قىلىش جەريانىنى باشقۇرىدۇ، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى . بېرنارد كورن (Bernard Cohh) ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىشىلەرگە قانداق تەپەككۇر قىلىش جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دەيدۇ؛ ئۇنىڭ سۆزى كۈنتەرتىپ بەلگىلەش دېگەن چۈشەنچىنىڭ خۇلاسىسىگە ئوخشايدۇ. كۈنتەرتىپ ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ئەسەر M c C s ۋە S h a w غا ئائىت بولۇپ، ئەسەرنىڭ نامى «مېدىيانىڭ كۈنتەرتىپ بەلگىلەش ئىقتىدارى» (يۈكسەل، 6:2006).

سەۋەرىن ۋە تانكارتنىڭ قارىشىچە، كۈنتەرتىپ يارىتىش مېدىيانىڭ خەلقكە تەسىر كۆرستىش كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، مېدىيا كۆرۈرمەن ياكى تىڭشارمەن ئامما ئويلاۋاتقان ۋە مۇلاھىزە قىلىۋاتقان تېمىلارنى ئۆزى مەقسەت قىلىۋاتقان پىكىر ۋە چۈشەنچىگە يېتەكلەيدۇ (1994:364).

بىر تېمىنى سىياسىي كۈنتەرتىپكە قويغان مەسىلە نېمە؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي كۈنتەرتىپ تەتقىقاتلىرىنى، R o g e r s ۋە D e a r دا  ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە (يۆتكىگەن، 147-147:2001):

1. مېدىيا كۈنتەرتىپى ئارقىلىق يارىتىلغان ياكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن جامائەت كۈنتەرتىپى (ئاممىۋى قارالمىلار)، قارار قىلغۇچى ئاكتىيۇرلارنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا سىياسىي ئىجرا قىلىش پىلانىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ .

2. مېدىيا كۈنتەرتىپى سىياسىي كۈنتەرتىپكە بىۋاستە ۋە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3. بەزى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن سىياسىي كۈنتەرتىپ مېدىياغا بىۋاسىتە، بەزىدە ھەتتا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ .

ھاۋسورنېنىڭ قارىشىچە، مېدىيا سىياسەت ساھەسىنى قاپلىغان مۇجمەللىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە بۇ مۇجمەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن سەپلىمە لايىھەلەرنى خەلقكە سۇنۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛ بۇ سەۋەپتىن مېدىيا بەزى پروگراممىلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرالايدۇ ياكى سىياسەتچىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويالايدۇ .

ئەمەلىيەت شۇكى، تاراتقۇلار مەسىلىلەرنى باھالىغاندا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قارالمىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاكتىپ ۋە پاسسىپ پوزىتسىيە بىلەن قارالمىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، سىياسىي قارالمىلارنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا كۆپ خىل رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئۇ ھازىر بار بولغان ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشتە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا، قايسى مەسىلىلەرنىڭ سىياسىي قارالمىلارنىڭ (كۈنتەرتىپ) بىر قىسمى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە باشقا سىياسىي ئاكتىيۇرلارغا ئوخشاش سىياسىي سەھنىدىكى سىياسەت ئوينىغۇچىلارغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن  ئاخبارات ۋاستىلىرى بەزى مەسىلىلەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى كۈنتەرتىپنى بەلگىلەيدۇ ھەمدە سىياسەت جەريانىنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ (يۆتكىگەن تەركان، 16-17:2005).

ھۆكۈمەت ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىش ئۈچۈن جامائەت پىكرىگە مۇراجىئەت قىلىشى، جامائەت پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە مېدىيانىڭ جامائەت پىكرىگە تەىسر كۆرسىتىش كۈچىنىڭ  ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇشى دېگەنگە ئوخشاش ئاساسىي ئامىللار؛ مېدىيانىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. سىياسىي ئىدىيە ۋە كادىرلار پەقەت ئاممىنىڭ قوللىشىنى تولۇق قولغا كەلتۈرەلىسلا، مېدىيا بۇ جەريانغا قارشى تۇرمايدۇ. چۈنكى مېدىيا خوجايىنلىرى پەقەت مېدىياغىلا قاراشلىق ئەمەس؛ ساناپ كەلسە بىرقانچە ساھەدە شىركەت ۋە قۇرۇلۇشلىرى بار. سىياسىي كۈچلەرگە قارشى پائالىيەت قىلسا ياكى ئۆز خاھىشى بويىچە خەۋەر بېرىۋەرسە، ئۇلار نۇرغۇن سىياسىي قارارلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ياكى ئاممىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن .

خەلقنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقى، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىستېمىنى داۋاملىق قوللايدىغان قوللىمايدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى خەلق رايىنى سىناشتۇر.

شىللېرنىڭ قارىشىچە، ئەل رايىنى تەكشۈرۈش بەزى كشىلەرنى يېتەكچى ئىدىيەگە يۈزلەندۈرۈش ۋە كىشىلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ئىدىيىسىنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنىڭ بەزى تېمىلارغا بولغان قارىشىنى بېكىتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئادىتى ۋە قىزىقىشىنى بايقاشتىن ئىبارەت . ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مۇئەييەن نىشان ۋە مەقسەتلەر ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئويلىغىنىدەك يارىتىشتۇر (يۆتكىگەن تاشدەلەن، 197:1997).

مېدىيادا ئىزچىل ئوخشاش بىر ھالەت داۋاملىشىۋەرمەيدۇ. مېدىيا ھەردائىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ بولالمايدۇ. ئەلرايى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىدىنمۇ بەزىدە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە چىقمايدۇ. بۇ ھەقتە لاۋھىي خەلقنىڭ ھېسىياتى، ياقتۇرىدىغانلىرى ۋە بەزى ئەھۋاللىرىنى توغرا مۆلچەرلەش ئاسان ئەمەس، چۈنكى بۇ ئەھۋاللار ناھايتى چوڭقۇر ۋە كۆپ ھاللاردا يۇشۇرۇن ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە، دەيدۇ (39-40 :2010). ھالبۇكى، مۇنداق تەتقىقاتلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن: مېدييا كىشىلەرنىڭ سىياسىي پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتتى، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋەقە ۋە قاتناشقۇچىلارغا بولغان كۆز قارىشى ۋە پوزىتىسيەسىگە تەسىر كۆرسەتتى (مىلبۇرن، 257:1998).

سىياسىيونلارنىڭ قارىشچە، جامائەت قارالمىلىرىنى بايقاش ۋە مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ سىياسەت تۈزۈش ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەتقىقاتى ئىنتايىن مۇھىم؛ شۇڭلاشقا ئۇلار داۋاملىق ئاممىنىڭ قارالمىلىرىغا دىققەت قىلىدۇ.  مايىللىق ۋە يۈزلىنىشلەرنى بايقاش ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن يۆنىلىش بەلگىلىش مېدىيا سايىسىدە ئېلىپ بېرىلماقتا ۋە بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلمەكتە.

ب. مونوپۇللىشىش

20-ئەسىردە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىپ، تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنىڭ يۇقىرى ئوبوروت نىسبىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن باھانى چۈشۈرۈپ سېتىش مەبلەغ يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل ئەھۋال بەزى مەبلىغى ئاز ئاپپاراتلارنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەپ بولدى، بەزىلىرىنىڭ بولسا باشقا قۇرۇلۇشلار بىلەن بىرلىشىپ كېتىشگە تۈرتكە بولدى. يېڭى تاراتقۇ، سۇبيېكتلىرىنىڭ بازار ۋە سىياسىي سەھنىدە كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشىغا پۇرسەت ياراتتى.

مېدىيادا مونوپۇللۇق يۈزبەرسە، مېدىيانىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى پۈتۈنلەي ئاقساپ قالىدۇ. يەنى، ئاممىباپ، ئوبىيىكتىپ خەۋەر بېرىش ۋە تارقىتىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. مونوپۇلچىلارنىڭ  ئۆزىنىڭ مايىللىقى ۋە تاللىشى ئۇلارنىڭ (مېدىيانىڭ) ئىسچوتىغا يۆتكەلگەن ئۇچۇرىدا ئەكس ئېتىدۇ

ئەگەر ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ خىل مونوپوللۇققا ئىگە بولسا، ئۇنداقتا شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جەمئىيەتكە تارقاتقان بارلىق ئۇچۇرلىرى بۇرمىلانغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى مونوپوللۇق ئابونت(مەبلەغ  سالغۇچى) بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئېقىمىنىلا بۇزۇپ قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بۇزىدۇ. شۇڭا، تاراتقۇلارنىڭ مونوپوللۇقى ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (بەركسوي،1996 دىن  ئايتەلىياۋا، 36:2010 يۆتكىگەن). ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن قاناللار (رادىئو ، تېلېۋىزىيە ، ئالاقە تورى قاتارلىقلار) ئاخبارات ۋە تارقىتىش جەھەتتە ئادىللىق ۋە ئەركىنلىك ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بەزى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن ئۇزاق تۇرالىشىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ جەھەتتىن تۈركىيەدە گېزىت،ژۇرنال، تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئىجابىي ئەھۋال بولسىمۇ، سان جەھەتتىن جىقلىغان بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر قانچە  كىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالسا،  كۆپ مەنبەلىشىش ياكى ئۇچۇرنى ئەركىن قوبۇل قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولارمۇ؟

3984-نومۇرلۇق قانۇن بىلەن مونۇپۇللۇقنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان؛ بەلكى ئالدىنى ئىلىشنى خالىمىغان سىياسى كۈچ 4752-نومۇرلۇق قانۇن بىلەن مونۇپۇلچى زىھنيەتكە تېخىمۇ بەك ئىلھام بېرىدىغان ھالەتكە كېلىپ بولدى. بولۇپمۇ، 1994-يىلىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك خېرىدار چاقىرىش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكىمۇ بۇ مونۇپۇلچى زېھنىيەتنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

مونوپول نۇرغۇن ساھەلەردە تەسىر كۈچى بار بولغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بىللە ئېلىپ كەلدى. سىياسەتۋازلار بۇ خىل ئەھۋالغا سەل قارىمىدى، ئەكسىچە، ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆزىتىشلەرگە ئاساسلانغاندا، سىياسىئونلار تاراتقۇلارنىڭ تەلىپى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن تېز ئىنكاس قايتۇرسا ھەمدە ياراتقان مۇھىتقا ماسلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەدبىر بەلگىلىسە بولىدىكەن.

ج: خەلق تەپتىشلىكى

خەلق تەپتىشى (ئومبۇدىسمان) شىۋىتچە سۆز بولۇپ، مەنە جەھەتتىن سۆزلىگۈچى، ۋاكالەتچى، باشقىلارغا ۋاكالىتەن شىكايەت قىلغۇچى دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن (ئومبۇدىسمان)  دېگەن ئۇقۇم تۈركىيەدە مۇرەسسەچى،خەلق سوتچىسى، خەلق ھوقۇقى تەشەببۇسچىلىرى، پارلامېنت نازارەتچىلىرى… دېگەندەك ناملار بىلەن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ (ئايدىن ۋە ئارك، 70:2012).

ئىسىكاينىڭ نۇقتىئىنەزىرىگە ئاساسلانغاندا، تەپتىش خادىملىرىنىڭ(خەلق نازارەتچىسى) قارارى ۋە تەكلىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، باشقا ئىجرا قىلىش كۈچى ياكى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق، پەقەت ئاڭلىق ئاممىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. خەلق تەپتىش ئورگىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت جامائەت پىكرىگە باغلىق. ئومبۇدىسمان خادىملىرى دەپمۇ ئاتىلىدىغان تەپتىش خادىملىرىنىڭ پەقەت تەكلىپ بېرىش ۋە قايىل قىلىش ھوقۇقىلا بار. بۇ كۈچى بىلەن ناھەقچىلىكلەرنى يوقىتالمىغاندا قولىدىكى ئىمبارگو ۋە خەلقكە ئاشكارلىۋىتىش كۈچىگە تايىنىدۇ. تەۋسىيەلەر قوبۇل قىلىنمىغان تەقدىردە، خەلق تەپتىشى بۇ ئەھۋالنى كەڭ خەلقكە ئېلان قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قىلغان بارلىق خىزمەتلىرى بىر يىللىق دوكلات ئىچىدە ئۆزىنى سايلىغان پارلامېنتقا سۇنۇلىدۇ. پارلامنىت (ئومبۇدىسمان) نىڭ سۇنغان دوكلاتى ئارقىلىقمۇ ئەھۋالنى بىلەلەيدۇ ھەمدە ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ. زۆرۈر تىپىلغاندا مەخسۇس باياناتلار بىلەن مەلۇم تېمىلار ھەققىدە خەلقكە چۈشەنچە بەرگۈزەلەيدۇ. مۇنداق بولغاندا ئومبۇدىسمان ئورگىنىنىڭ ياكى ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىمبارگوسى بۇ باياناتلار بىلەن بارلىققا كىلىدىغان جامائەت پىكرىدە ئەكىس ئېتىدۇ.

بۇ نۇقتىئىنەزەرگە ئاساسلانغاندا، خەلقنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولىشى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭرى بولىشى ئىنتايىن مۇھىم.

(ئومبۇدىسمان) يەنە بىر ئىسمى بىلەن خەلق نازارەتچىسى ئاممىۋى قارالمىلارنى توغرا بايقىيالايدۇ ۋە ئاممىۋى قارالما جەريانىدا شەكىللەنگەن جامائەت پىكرىدىن كۈچ ئالىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن مېدىيا خەلقكە ۋاكالىتەن نازارەتچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتەيدۇ ۋە سىياسىيلارغا قارشى مەزكۇر كۈچتىن پايدىلىنىدۇ.

ھاكىمىيەت بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ۋاستە-مېدىيا، بىرتەرەپتىن ھاكىمىيەتكە خەلقنىڭ تەلەپ ۋە شىكايەتلىرىنى يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەتنىڭ قارار ۋە تەدبىرلىرىنى خەلقكە يەتكۈزىدۇ (ئاجار، 26:2009).

ئەرئوغلۇنىڭ قارىشىچە، مېدىيادىن ئاڭلىغان ھەرقانداق تەلەپ ۋە ياكى شىكايەتنى دىققەت ئىتىبارىغا ئالمىغان، نازارەت مىخانىزمىسىنى  بۇنىڭغا قارىتا ھەركەتلەندۈرمىگەن سىياسىي رەھبەرلەر، ئۆز مەيلىچە قىلغان ھەركەت ۋە پائالىيەتلىرى تۈپەيلى خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ (يۆتكىگەن ئاجار، 27:2009).

4. مېدىيا ۋە سىياسەت مۇناسىۋىتىدە سىياسەت

سىياسىي ئاكتىيۇرلارنىڭ مېدىياغا بولغان كۆز-قارىشىدىكى مۇھىم ئامىل قانۇنىيلىق ئىھتىياجىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىيلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇش، سىياسەتلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ۋە ئىجابىي ئوبراز تىكلەش ئارقىلىق رەقىپلىرىدىن بىر بالتاق ئۈستۈن تۇرۇش مەقسىتىدە مېدىيا بىلەن مۇناسىۋەت قۇرىدۇ(مەيەر،74:2002). مودرېرىن سىياسەتنىڭ ئۆز رىلىسىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولغان ئەڭ مۇھىم تەرەققىياتلارنىڭ بىرى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە شەرىپى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقشىدۇر(بوستانجى،160:1998).

سىياسىيلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت ئىچىدە تۇرىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئامىللارنى ئۈچ نۇقتىدا خۇلاسىلەپ چىقىشقا بولىدۇ.

بىرىنجى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىشىنىش.

ئىككىنچى، پارلامېنت سىستېمىدىكى دېموكراتىك جەمئىيەتلەر ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىش زۆرۈرىيىتى.

ئۈچىنچى، جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن پىكىر، ھەرىكەت ۋە ۋەقەلەر ھەققىدە بىرقاتار خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرى كۈچىگە بولغان قايىللىق.

بارلىق ھوقۇق مەركەزلىرى ھوقۇقى، ھەركەت دىئامېتىرى ۋە رامكىسى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ھەممىگە قادىردەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. «بىر ھوقۇق مەركىزى ياكى ھوقۇق مۇناسىۋىتىدىكى بىر كۈچكە ئايلانغان مېدىيا» بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىدۇ (بوستانچى، 138:1998). ئاخبارات ۋاستىلىرى بىزنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى ۋە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى ھەمدە بىز دېمەكچى بولغان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلاردا بىزگە يىتەكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. بۇ جەھەتتىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ناھايتى كۈچلۈك قايىل قىلىش، تونۇتۇش ۋە تەشۋىق قىلىش مەنبەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ (لاۋھىي،42:2010).

ئا. تەشۋىقات

بروۋن قارىشىچە: تەشۋىقات مەلۇم كۆز قاراش ۋە ھەرىكەت شەكلى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان پىكىر، پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتنى مەقسەت قىلىدۇ. تەشۋىقاتمۇ ئوبيېكىت، شۇنداقلا ئوبيېكىت ئاممىغا ئىشلىتىلىدىغان تىلدىن ئىبارەت؛ تەشۋىق قىلغۇچى تەشۋىقات جەريانىدا رادىئو، تېلېۋىزىيە ياكى كىنو دېگەندەك يەتكۈزۈش قاناللىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىق ياكى باشقا سىمىۋۇللۇق بەلگىلەرنى ئىشلىتىپ، مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. تەشۋىقات ھادىسىسى ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا پارالىل ھالدا شەكىللىنىدۇ (يۆتكىگەن تاشدەلەن،199:1997).  بىر باشقا ئىپادە بىلەن ئىيتساق،  تەشۋىقات سىياسىي ساھەدە ئەڭ ئوچۇق ۋە جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئەڭ چوڭ ئوبىيىكتى جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرستىش بولغان تەشۋىقاتنىڭ خىزمەتلىرىنى سىياسىيلار بىرقوللۇق باشقۇرىۋاتىدۇ (ئۆزسوي،240:1998).

ئېدۋارد خېرمان  ۋە نوئام جومسكىي بىر تەشۋىقات مودېلىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ مودېل تاراتقۇلارنىڭ قانداق قىلىپ  ئۆكتىچىلەرنىڭ ئوي-پىكرىنى ئىتىبارسىزلاشتۇرۇپ،  ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى  ھەمدە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى قانداق قوللايدىغانلىقىنى ئېچىپ بەردى. دېمۇكراتىك جەمىئيەتلەردە، مېدىيانى ھۆكۈمەت مۇداخىلىسدىن نىسبەتەن مۇستەقىل دېيىشكە بولىدۇ. بۇمۇ توغرا قاراش.   لېكىن، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېقىم مەسىلىلىرىنى خەۋەر قىلىش جەھەتتە ھىچقاچان تەرەپسىز ياكى مەقسەتسىز پوزىتىسيە تۇتمايدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تەشۋىقات مودېلى بەش «يېڭى سۈزگۈچ» دىن تەركىب تاپىدۇ (لاۋھىي،78-79 :2010 ):

ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئىگىدارلىق ھوقۇقى: مېدىيا قۇرۇلۇشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئىگىدارلىق ھوقۇقى ھەرخىل ئىش ساھەلىرىگە يېيىلغان مەلۇم چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. مېدىيا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھۆكۈمەت ۋە چوڭ كارخانىلارغا باغلىق بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، مېدىيا ئورگانلىرى ھۆكۈمەت ۋە چوڭ شىركەتلەرگە تايىنىپ پائالىيەت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تارقىتىش پرىنسىپى ھۆكۈمەت ياكى چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە سىياسەتنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

كېرەكلىك ئېلان ئىجازىتى: مېدىيا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئېلانغا قاراشلىق. شۇڭا ئۇلار چوقۇم قوبۇل قىلغۇچىلارنى (كۆرۈرمەن، تىڭشارمەن، ئوقۇرمەن) مەھسۇلات (پروگىرامما) بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ، ئېلان خېرىدارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى. شۇڭلاشقا بېرىلىدىغان ئېلان ئېلان خىرىدارلىرىنىڭ ئىستىكى بويىچە ئىستىمالچى ئاممىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلىشى كېرەك. مەزمۇنلار كۆزلەنگەن ئوبىيىكىتلارغا يىتىپ بارالماي كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە يارىتالمىسا ئېلان خىرىدارلارىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، نەتىجىدە مېدىيانىڭ ئابرۇيى، ئاخباراتچىلار ياكى مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بەكرەك ئېلان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ.

مېدىيانىڭ خەۋەر مەنبەسى: خەۋەرلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ھۆكۈمەتلەر تەمىنلىگەن  ئۇچۇرلاردۇر. مېدىيا قۇرۇلۇشلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مەنبە باشتىن-ئاخىر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇچۇرى ئىشەنچىلىك ھەم ئاسان ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان، تونۇلمىغان قاناللارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ مەلۇمات ئىگىلەشكە نىسبەتەن مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى ئانچە قىزغىن ئەمەس. مېدىيا ئورگانلىرى ئوچۇقتىن ئوچۇق تەشۋىقات ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان رەسمىي مەنبەلەردىن مەلۇمات ئىلىشقا بەكرەك مايىل.

تەنقىد: كىرىم ۋە پىرۇگىرامما مەزمۇنى جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان كۈچلۈك  تىجارىي ۋە سىياسىي قۇرۇلۇشلارغا نورمىدىن ئارتۇق باغلنىپ قالغان مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى، دىققىتىنى تارتقان بىتەرەپلىمىلىك ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئەيىبلەشكە چېتىلىدىغان ئەھۋاللاردا ئوبيېكتىپلىق ۋە تەرەپسىزلىك پرىنسىپلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشىغا دائىر بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر.

زىتلىق ئىدېئولوگىيىسى: بۇ بىر خىل تىزگىنلەش مېخانىزمى بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋە تىجارىي كۈچلەر بۇ مىخانىزمىنى جەمئىيەتتىكى باراۋەرسىزلىكنى كۈچەيتىۋىتىدىغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

ب: جاھانگىرلىك (ئىمپېرىيالىزم)

جاھانگىرلىك بىر ئۇلۇسنىڭ (دۆلەتنىڭ) سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش ۋە مۇستەملىكە قىلىش باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ (لاۋھىي، 74: 2010). ئۇ،  مول بايلىق مەنبەسىگە ئىگە دۆلەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ زومىگەر كۈچكە  ئايلىنىشدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ جەريان يەرشارىلىشىشنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۆزىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇلۇسال (مىللىي) دۆلەت ۋە كۈلتۈر ئىچىدىكى ھايات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتسە،  يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا مىقياسىدا خەلقئارا ئىستېمال ۋە كۈلتۈر سانائىتىنىڭ جان تومۇرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە (چەلېك، 78:2004).

گەرچە مېدىيانىڭ يۆنىلىشى دەۋرنىڭ ئىقتىسادىي شەكلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى تەرىپىدىن بەلگىلنىۋاتقان بولسىمۇ،  ئۇ ئامىللار ئاممىۋى تارقىتىش جەريانىدا بەزى پەرقلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، لېكىن مېدىيانىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى پەرقلىق يوللارنى ئىشلەتسىمۇ، ئۇلى ھېسابلىنىدىغان يىتەكچى كۈچنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىغا ئىگە بولغان سىنىپنىڭ ئىدولوگىيلىك ۋاستىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ (چوبان، 2013).

يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش جەريانىدىكى يۇقرى ئورنى مۇقەررەر ھالدا مېدىيا جاھانگىرلىكى تېمىسىنى مۇلاھىزە قىلىشقا سەۋەپ بولماقتا (چەلېك، 2004 : 78). مېدىيا جاھانگىرلىكى، بىردۆلەتنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر دۆلەتنىڭ كۈلتۈرەل قىممەت قاراشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە بېىسىم ئاستىغا ئېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ (لاۋھىي، 74:2010). تېخنىكا قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىياسىي قۇرۇلمىنى تەدرىجىي كۈچەيتىش، تارقىتىش ساھەسىنىڭمۇ ھاكىممۇتلەقلىشىشىنى ھەمدە ئىستېمالدىن باشقا ھېچنېمە ئويلىمايدىغان بىر توپ كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان «جانلىقلار دۆۋىسى» يارىتىش خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى (چوبان، 2013).

جاھانگىرلىك دۇنيادىكى قۇدرەتلىك چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان ۋە قوللانغان، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە بېسىمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئۇسۇلدۇر. بۇ مەقسەتتە قوللىنىلغان قوراللاردىن بىرى ياكى ئەڭ مۇھىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مېدىيا-جاھانگىر كۈچنىڭ بارلىق ئۇنسۇرلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇھىت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، مېدىيا سىياسىي كۈچلەرنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىغا قارىتا ھەرىكەت قىلىدۇ

5. سىياسەتنىڭ مېدىيا ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى

سىياسىي ئامىللار مېدىيانىڭ كۈچىنى قولغا ئىلىش ۋە مېدىياغا پۈتۈنلەي ھاكىم بولۇش مەقسىتىدە مېدىيانىڭ پائالىيەت دائىرىسىگە چەكلىمە قويۇش ۋە مېدىيانى كونترولى ئاستىدا تۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ. سىياسىيلار قانداق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، مېدىيانىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋىلىشىنى كۆزلەيدۇ، ئۇلار تاراتقۇلارغا يېتەكچىلىك قىلماقچى ھەمدە بەزى جازالاش ئۇسۇلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە باغلىماقچى بولىدۇ. بۇلارغا ئاساسلانغاندا، خەۋەر ئېلىش، خەۋەر تارقىتىش ۋە خەلق نازارەتچىلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغان مېدىياغا قارىتىلغان بېسىم ۋە  تەكشۈرۈش سىياسىتى سىياسى قۇرۇلمىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كۆپ خىل بولسىمۇ، لېكىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ تەتبقىلىنىشى ۋە «قانۇن» بويىچە كونترول قىلىش مەزكۇر ساھەدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھۆكۈمرانلىق قوراللىرىدۇر. بىز تۈركىيەنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ جەريان ھەر دائىم ئاكتىپ بولۇپ ھۆكۈمەت مېدىيانى ئۆزىگە خىزمەت قىلشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بۇلارنى بەزى مېدىيالار ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىۋاتىدۇ، يەنى ھۆكۈمەتنىڭ كانىيىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم مېدىيالار يا خوجايىنلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياكى تەھرىرلىك بۆلۈمى تەرىپىدىن جىمىقتۇرىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى مېدىيالارنىڭ ئۈنى ئىچدە قېلىپ، ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋال ھەر دەۋىردە پەرقلىق ئەكىس ئېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە ئوخشاش.

بۇ بېسىم ئامىللىرىغا سانسۈر (نازارەت قىلىش) دائىرىلىرى، (RTÜK)، سىياسىي كېڭەش ۋە قانۇن ماددىلىرىدىن مىسال ئېلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

ئا: سانسۈر دائىرىلىرى

1966-يىلى مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان نىزامنامە؛ ئۇرۇش مەزگىلى ياكى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلىۋاتقان يەرلەردە نازارەت قىلىشنى قانۇنىيلاشتۇرىدىغان ماددىلارنى ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن چىقىرىلغان .

تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى ؛

ئاممىۋى تەرتىپ ۋە بىخەتەرلىكىنى بۇزىدىغان، خەلقنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان ۋە ھاياجانلاندۇرىدىغان مەزمۇندىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشنى توسۇش.

– دۆلەت خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىن مەخپىي ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئاڭلاش ۋە تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

– دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈش.

27- ماددىسىدا باسما ئەسەر، رادىئو-تېلېۋىزىيە، كىنو-تىياتىر پىرۇگىراممىلىرىنىڭ، كىنۇ ۋە فىلىم سىنارىيىلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىسا بولىدىغانلىقى ۋە قايسى ئەسەرلەرنىڭ، قايسى شەكىلدە نازارەت قىلىش ۋە قانداق تەكسۈرۈش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان .

41-ماددىدا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: بۇ بەلگىلىمە مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۇرۇش ھالىتى ياكى ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى ئاخىرلاشقاندا قوماندانلىق شىتابى ياكى ھەربىي ھالەتنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توختىتىپ قويۇلسا بولىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش تۈزۈمى 2012 -يىلى بىكار قىلىندى

ب:  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى: RTÜK

1990–يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە  خۇسۇسىي رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ھېچقانداق قانۇنىي نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشكە ئۇچرىماستىن ئاڭلىتىش ۋە تارقىتىش خىزمەتلىرىنى باشلىدى. 1993- يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ جامائەت مونوپوللۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە خۇسۇسىي رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە رادىئولىرىغا ئىمكانىيەت يارىتىلدى . 1994 – يىلى كۈچكە ئىگە بولغان 3984-نومۇرلۇق رادىئو-تېلېۋىزىيە قانۇنى (مۈلگا) يولغا قويۇلغاندىن كېيىن رادىئو-تېلېۋىزىيە ئالىي كېڭىشى قۇرۇلدى. بۇ قانۇن خۇسۇسىي رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى قېلىپلاشتۇردى. بۇ كېڭەش تۈركىيە پارلامېنتى سايلام ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ توققۇز ئەزاسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. رادىئو-تېلېۋىزىيە ئالىي كېڭىشى رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى بەلگىلەش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاساسىي قانۇننىڭ 133-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، كېڭەش ئەزالىرى تۈركىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن سايلاپ چىقىلغان مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز جامائەت گەۋدىسدۇر.

دۆلىتىمىزدە يەريۈزىدىن تارقىتىش، رەقەملىك تارقىتىش ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بىۋاستە تارقىتىش، سىملىق ۋە I P T V مۇھىتىدىكى  تارقىتىش قاتارلىقلارنىڭ رۇخسىتى رادىئو – تېلېۋىزىيە ئالىي كېڭىشى تەرىپىدىن بېرىلىدۇ. رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئۈچ شەكىلدە نازارەت قىلىنىدۇ. بۇلار:

RTÜK مۇتەخەسسىسلىرى بىۋاستە نازارەت قىلىدۇ

4441178 RTÜK تارقىتىش مەركىزى، RTÜK تورى ۋە RTÜK ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادرېسىغا تاماشىبىنلار ئەرز قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆرۈرمەنلەر نازارىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، كۆرۈرمەن ئامما ۋەكىللىرىنىڭ رادىئو ئېتىكىسى پرىنسىپى رامكىسىدا ئېلىپ بارىدىغان نازارەت  قىلىشتۇر.

رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە تەلەپ قىلىپ ئاڭلىتىش مۇلازىمىتى ئۇلارنىڭ خەلقئارا شەرتنامە ۋە ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا  مەسىلەن، 6112-نومۇرلۇق قانۇن «ياۋروپا تېلېۋىزىيە ئەھدىنامىسى»گە ئۇيغۇن كېلىدىغان–كەلمەيدىغانلىقى نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈلىدۇ .

ئالىي كېڭەش تارقىتىشتىن بۇرۇن پروگراممىلارغا كاشىلا قىلسا بولمايدۇ، لېكىن تارقىتىشتىن كېيىن تەكشۈرسە بولىدۇ. تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇ يەنە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرى ۋە ئىلتىماسلىرىنىمۇ ئويلىشىدۇ ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا جازالايدۇ. مۇدىرىيەتنىڭ بارلىق قارارلىرى مەمۇرىي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ، تەكشۈرۈپ بىكىتىشگە ئوچۇق بولىدۇ.

RTÜK نىڭ خىزمەتلىرى ئىچىدە بالىلار ۋە ياشلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن  پىرۇگىراممىلارغا قارشى لايىھەلىگەن تۈر ۋە خىزمەتلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

6112-نومۇرلۇق قانۇننىڭ 8 / 2 ماددىسىغا ئاساسلانغاندا رادىئۇ ۋە تېلېۋىزىيە پىرۇگىراممىلىرىنى تەييارلاشتا؛  بالىلار ۋە ياشلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەزمۇندىكى پروگراممىلار؛ قوغداش ئىشارەتلىرى ئىشلىتىلمەستىن تارقىتىلسا بولمايدۇ.

بۇ قانۇن، تۈركىيەمۇ ئىمزا قويغان ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئاخبارات قانۇنى ۋە چېگرا سىرتى تېلىۋېزىيە كىلىشمنامىسىنىڭ؛«تارقاتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى» تېمىلىق يەتتىنچى ماددىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. ئالىي كېڭەشنىڭ جازا قارارلىرىنىڭ مۇھىم بىر بۆلۈمىنىڭ تېمىسنى؛ بالىلارغا زىيانلىق پىرۇگىراممىلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال  بۇ كېڭەشنىڭ بالىلارنى زىيانلىق مەزمۇنلارىدىن قوغداشقا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ .بۇ سەۋەپتىن RTÜK بالىلارنى سەلبىي پىرۇگىراممىلاردىن قوغداشقا ئالاقىدار بەزى تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەقلىي ئىقتىدارلىق بەلگە سىستېمىسى

تاراتقۇلار دەرسى

ياخشى ئۇيقۇ بالىلار تۈرى

بالىلار تور بېكىتى ،

تاراتقۇلار دەرسى تور دەرسخانىسى.

ج. قانۇنلار.

1. ئاخبارات قانۇنى (5187-نومۇرلۇق)

ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بۇ خىل ئەركىنلىكنى ئىشلىتىش، باسما بۇيۇملارنى بېسىش ۋە نەشر قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ماقۇللانغان.

بۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىدا «ئاخبارات ساھەسى ئەركىن بولىدۇ. بۇ ئەركىنلىك-ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، تارقىتىش، تەنقىد قىلىش، پىكىر-تەكلىپ بىرىش  ۋە ئەسەر ئىجاد قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاخبارات ئەركىنلىكى؛ باشقىلارنىڭ ھوقۇقى، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئەخلاقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت تەرتىپى، جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىنى قوغداش ياكى ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ نوپۇزى ۋە خاراكتېرىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چەكلەنسە بولىدۇ»، دېيىلگەن.

بۇندىن باشقا قانۇندا يەنە بايانات بىرىش،جىنايى ئىشلار ۋە قانۇن جاۋابكارلىقىغا دائىر مەسئۇلىيەتلەر، تۈزىتىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىغا دائىر ھۆكۈملەر، ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈش، مۇسادىرە قىلىش، تارقىتىش ۋە سېتىشنى مەنئى قىلىش، باسما بۇيۇملارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ھوقۇقى دېگەنگە ئوخشاش ماددىلار بار.

2. بىلىم ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى قانۇنى ( 5836-نومۇرلۇق)

بۇ قانۇننىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1951-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر بەزى تۈزىتىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قانۇننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئەسەر ئىگىلىرى بىلەن ئەسەرنى سەنئەتلەشتۈرگەن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ؛ ئاۋازلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرغان ئۈن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر ۋە سىنلاشتۇرغان كىنو-تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ھەق-ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداش، پىرگىراممىلاردىن پايدىلىنىش شارائىتلىرىنى يارىتىىش، پايدىلىق دەپ قارالغان ئاساس ۋە ئۇسۇللارغا زىت پايدىلىنىلغان ئەھۋال ئاستىدا جازا ئىجرا قىلىشتۇر.

بۇ قانۇندا يەنە نېمىنىڭ ئەسەر ئىكەنلىكىگە تەبىر بېرىلگەن ۋە ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ قايسى ماددىي ۋە مەنىۋى ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسدا مەلۇمات بىرىلگەن ھەمدە ھۆكۈمەتكە بېرىلگەن ھوقۇقلار چۈشەندۈرۈلگەن.

3. بالىلارنى زىيانلىق نەشىر بويۇملىرىدىن قوغداش قانۇنى (1117-نومۇرلۇق)

بۇ قانۇن 1927-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ماقۇللانغان بولۇپ، قانۇندا 18ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىلىدىغان ژۇرنال (داۋاملىق بېسىلىدىغان) ۋە ژۇرنالغا كىرمەيدىغان باشقا باسما ئەسەرلەرگە قارىتا قويۇلغان چەكلىمىلەر بار. قانۇن بىرقانچە قېتىم يېڭى ماددىلار قوشۇلغاندىن كىيىن كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. قانۇننىڭ 4-ماددىسىدا بۇ ئەسەرلەرنى قانداق سېتىش ۋە بالىلارنى ئۇلارنىڭ زىيىنىدىن قانداق قوغداش تونۇشتۇرۇلغان.

خۇلاسە

مېدىيا سىياسەتتىن مۇستەقىل، سىياسەتمۇ مېدىيادىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. مېدىيا-سىياسەت مۇناسىۋىتى قايسى خىل ھاكىمىيەت سىستېمىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان جەرياندۇر. مېدىيا مۇستەبىت، ھاكىممۇتلەق تىپىدىكى سىستېمىلاردا ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئورگىنى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك سىستېمىلاردىمۇ قانۇن-نىزاملار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.

تەرەپسىز ۋە مۇستەقىل مېدىيا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىچكى مۇھىتى ياكى تارقىتىش ئەھۋالى ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى ۋە كۆزقارىشىغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. مونوپول قىلىش ۋە كارتىلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن سىياسىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

مېدىيا جاھانگىرلىكى دەپ ئاتالغان ئامىللار ئۆز ئىدىيىسىنى ياكى كۈلتۈرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىش شەكلىدە ھەركەت قىلىشقا باشلىغاندا پەيدا بولىدۇ . شۇڭا ، مېدىيا ۋە سىياسەت ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۈزلۈكسىز ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى كېرەك.

سىياسەتچىلەرنىڭ مېدىيانىڭ كۈچى ۋە قوللىشىدىن پايدىلىنىشى ياكى مېدىيانىڭ سىياسەتنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىغا ئوخشاش ئەھۋاللاردا، مېدىيا ئوقۇش-يېزىش دەرىسلىكىنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. كىشىلەرنىڭ تاراتقۇلارنى قانداق ئوقۇشى ياكى كۆرۈشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ئىنتايىن مۇھىم . مېدىيانىڭ خەۋەر بېرىش ۋە خەلقنى يېڭىلىقلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇش فۇنكسىيىسىنى ئۇنىڭ  سىياسىي مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئاساسىدا چۈشىنىش كېرەك. سىياسەتچىلەر ئارزۇ-ئىستەك ياكى پائالىيەتلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن بەزى قانۇن-نىزاملار ئارقىلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ قانۇن-نىزاملارنىڭ خۇددى قىلىچقا ئوخشاش ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بېشىدا قادىلىپ تۇرىشى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئوبيېكتىپ ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

مەنبەلەر:

Acar, Tünay (2009) Kamu Yönetiminde Yeni Bir Denetim Yolu: Kamu Denetçiliği

Kurumu, Yayınlanmamış Yüksek Lisans Tezi, Isparta: Süleyman Demirel Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü Kamu Yönetimi Anabilim Dalı

Adaklı, Gülseren(2013) Gazetecilik Etiğini Belirleyen Yapısal Sorunlar: mülkiyet veKontrol Sorunu, http://ilef.ankara.edu.tr/etik/wp-content/uploads/gulseren adakligazetecilik- etigini-belirleyen-yapisal-unsurlar-mulkiyet-ve-kontrol-sorunu.pdf, Erişim Tarihi: 10.06.2013

Arabacı, Caner (2004) Basın ve Siyaset Üzerine…, Medyada Yeni Yaklaşımlar (Editör

Metin Işık), Konya: Eğitim Yayınları, 105-128.

Aydın, Ahmet Hamdi; Taş, İbrahim Ethem ve Ersöz, Murtaza (2012) Önemi ve

Uygulanabilirliği Açısından Türkiye’de Kamu Denetçiliği Kurumu, Turgut Özal Uluslararası Ekonomi ve Siyaset Kongresi II:Küresel Değişim ve Demokratikleşme, 19-20 Nisan, Malatya: İnönü Üniversitesi

Aytaliyeva, Toktokan (2010) Medya Dünyasında Tekelleşme: Türkiye Örneği

Yayınlanmamış Yüksek Lisans Tezi, Sosyal Bilimler Enstitüsü İletişim Ana Bilim Dalı. Bişkek:Kırgızistan-Türkiye Manas Üniversitesi

Basın Kanunu (2004) http://www.tbmm.gov.tr/kanunlar/k5187.html, Erişim Tarihi:15.03.2013

Bostancı, Naci (1998) Siyaset, Medya ve Ötesi, Ankara: Vadi Yayınları

Charon, Jean-Marie (1993) İletişim Araçlarında Devlet Müdahalesi, Medya Dünyası

(Editör: Jean-Marie Charon) (Çev.Oya Tatlıpınar), İstanbul: İletişim Yayınları, (243-245

Çakır, Hamza (2004) Medya ve Etik, Medyada Yeni Yaklaşımlar (Editör: Metin Işık

Konya: Eğitim Yayınları, 128-140

Çelik, Celaleddin (2004) Kitle İletişim Araçları ve Popüler Kültür İlişkisine Sosyolojik Bir Yaklaşım, Medyada Yeni Yaklaşımlar (Editör: Metin Işık), Konya: Eğitim Yayınları, 67-82

Çoban, Barış (2013) Yeni Emperyalizm Çağında Yeni Medya: Küreselleşme Sürecinde

Medya Eleştirisi, http://www.academia.edu/609132/YENI_EMPERYALIZM

_CAGINDA_YENI_MEDYA, Erişim Tarihi:15.05.2013

Damlapınar, Zülfikar (2007) Medya Okuryazarlığı Dersi Öğretmen El Kitabı, Ankara

RTÜK Araştırma Geliştirme Daire Başkanlığı

Damlapınar, Zülfikar (2008) Medya ve Siyasete Güvenilirlik: Medya Siyaseti’nin

(Toplumsal Algılanmasına Bağlı Faktörler, Medya ve Siyaset (Editör: Zülfikar Damlapınar

Konya: Eğitim Yayınları 187-207.

Fikir ve Sanat Eserleri Kanunu, http://www.mevzuat.adalet.gov.tr/html/957.html, Erişim Tarihi:14.03.2013

Güz, Nurettin (2005) Haberde Yönlendirme ve Kamuoyu Araştırmaları, Ankara: Nobel

Yayın Dağıtım

Hazar, Çetin Murat (2008) Medya ve Siyasal Sistemin Kaos Yorumu, Medya ve Siyaset

(Editör: Zülfikar Damlapınar), Konya: Eğitim Yayınları, (245-259

Kaya, Raşit (1985) Kitle İletişim Sistemleri, Ankara: Teori Yayınları

Küçükleri Muzır Neşriyattan Koruma Kanunu (1927) http://www.mevzuat.adalet.gov.tr/html/438.html, Erişim Tarihi:13.03.2013

(Laughey, Dan (2010) Medya Çalışmaları Teoriler ve Yaklaşımlar (Çev. Ali Toprak

İstanbul: Kalkedon Yayıncılık.

Meyer, Thomas (Lew Hinchman’la Birlikte) (2002) Medya Demokrasisi (Çev. Ahmet

Fethi), İstanbul: Türkiye İş Bankası Kültür Yayınları

Milburn, Michael A. (1998) Sosyal Psikolojik Açıdan Kamuoyu ve Siyaset (Çev. Ali

Dönmez-Veli Duyan), Ankara: İmge Yayınları

Muratoğlu, Bahar (2011) Bir Demokrasi Masalı: Özgür Birey, Bağımsız Medya

PİVOLKA, 20 (6), 9-11

Özsoy, Osman (1998) Propaganda ve Kamuoyu Oluşturma, İstanbul: Alfa Yayınları, Erişim Tarihi:15.03.2013

Sansür Yönetmeliği (1966) http://www.siyamiozkan.org/mevzuat/20085.html, Erişim

Tarihi: 14.03.2013

Severin, Werner J. ve Tankard, James W. (1994) İletişim Kuramları: Kökenleri

(Yöntemleri ve Kitle İletişim Araçlarında Kullanımları (Çev. Ali Atıf Bir ve N. Serdar Sever

Eskişehir: Kibele Sanat Merkezi

Taşdelen, H. Musa (1997) Siyaset Sosyolojisi, İstanbul: Kocav Yayıncılık

Taşkıran, Nurdan Öncel (2007) Medya Okuryazarlığına Giriş, İstanbul: Beta Yayım

Dağıtım

TDK (2013) Güncel Sözlük, http://www.tdk.gov.tr, Erişim Tarihi: 10.06.2013

Terkan, Banu (2005) Gündem Belirleme Medya ve Siyasal Gündem Üzerine Bir Çalışma, Konya: Tablet Yayınları

Yaylagül, Levent ve Dağtaş, Erdal. (2004). Medya Patronluğundan Başbakanlığa

Yükselme İstekleri: Cem Uzan ve Genç Parti Örnek Olayı, 2nd International Symposium Communication in The Millennium : A Dialogue Between Turkish and American

Schoolars Sempozyumu, İstanbul Üniversitesi, 17-19 Mart

Yaylagül, Levent (2008) Kitle İletişim Kuramları Egemen ve Eleştirel Yaklaşımlar

Ankara: Dipnot Yayınları

Yengin, Hülya (1996) Medyanın Dili, İstanbul: Der Yayınları

Yüksel, Erkan (2001) Medyanın Gündem Belirleme Gücü, Konya: Çizgi Kitabevi

Yayınları

Yüksel, Erkan (2000) Basın ve Siyaset Gündeminde Özelleştirme, Eskişehir: Anadolu Üniversitesi Yayınları

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى