مېيلى قارلىق تېغى

ئورنى Wikipedia

مېيلى قارلىق تېغى يۈننەن ئۆلكىسى دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دېچىڭ ناھىيەسى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى شەھىرى چايۈ ناھىيەسىنىڭ كېسىشكەن جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى مېيلى قارلىق تېغى
جۇغراپىيەلىك ئورنى دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دېچيەن ناھىيەسى يۈنلىڭ يېزىسىدا غەربىي قىسمى
خەنزۇچە نامى 梅里雪山
قاراشلىق دۆلەت جۇڭگو
مەنزىرە نۇقتىسى دەرىجىسى AAAA دەرىجىلىك
قاراشلىق شەھەر يۈننەن ئۆلكىسى دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى

تۇنۇشتۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

قىياپىتى ھەر خىل، چوققىلىرى كۆككە تاقاشقان مېيلى قارلىق تېغى.

مېيلى قارلىق تېغى يۈننەن ئۆلكىسى دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دېچىڭ ناھىيەسى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى شەھىرى چايۈ ناھىيەسىنىڭ كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، دۇنيا تەبىئەت مىراسلىرىدىكى «ئۈچ دەريا ياندىشىپ ئاقىدىغان» ئاساسلىق مەنزىرىلىك رايوننىڭ بىرسى، قارلىق تاغ شۇ قەدەر ھەيۋەتلىك، قارىسىڭىز كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئاساسلىق چوققىسى بولغان كاۋاگېبو چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6740 مېتىر كېلىدۇ.