Jump to content

مېھرابچە نەقىشلەر

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتىدە مېھرابچە نەقىشلەرنىڭ ئىشلىنىدىغان ئورنى كۆپ، جەلپدارلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مېھرابچە قەدىمكى ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى چېدىر، گۈمبەز شەكىللىرىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى شەكىللەرنىڭ بىرى. بۇدىزم مەدەنىيىتى دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارلىققا كەلگەن <مىڭئۆي> لەرنىڭ قۇرۇلما شەكلىمۇ مېھرابچە شەكىللەرگە قىسمەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئىسلام دىنى شىنجاڭغا تارقالغاندىن كېيىن، ئىسلام مىمارچىلىقىنىڭ ھەر جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشى ئاستىدا مېھرابچە شەكىل مەسچىت، مەدرىس، مازار قۇرۇلۇشلىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، قويۇق ئىسلام تۈسىنى پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆيلەرگىچە كەڭ ئومۇملىشىپ، ئىمارەتنىڭ سىرتقى شەكلى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىشىك بېشى، دېرىزە بېشىغا گەج ۋە خىش ئارقىلىق مېھرابچە نەقىش چۈشۈرۈلگەندىن تاشقىرى تام يۈزلىرىگىمۇ نەقىش ئورنىدا ئىشلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي نەققاشلىق سەنئىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان نەقىش شەكلىگە ئايلانغان. مېھرابچە نەقىشلەرنى ئىشلەشتە مېھراب ئىچىگە ئاساسىي نەقىش (گۈل ـ گىياھ نەقىشلىرى ياكى گېئومېترىك شەكىللەر) جايلاشتۇرۇلۇپ، ئۈستىگە ئوڭ ۋە سول بۇرجەكلىرىگە بۇلۇڭ نەقىشلىرى ۋە گىرۋەك نەقىشلىرى بىر - بىرىگە ماس ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ھەر بىر مېھراب ئۆز ئالدىغا بىر پۈتۈن نۇسخا بولۇپ شەكىللىنىپ، باشقا نۇسخىلار بىلەن پاراللېل ھالدا گىرەلەشتۈرۈلىدۇ. چوڭ ـ كىچىكلىكى بىلەن بىردەك بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ.

مېھرابچە نەقىشلەر ئاساسەن ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ تام، تەكچە، مورا، مېھراب قاتارلىق جايلىرىغا ئىشىنىپ، ھەر خىل مۇرەككەپ گېئومېترىك سىزىقلار ۋە گۈل - گىياھ نۇسخىلىرى بىلەن بىرىكىپ كېلىدۇ. مېھرابچە نەقىشلەرنىڭ كۆپچىلىكى قاپارتما شەكىلدە بولۇپ، كۆك، يېشىل، ئاق (گەجنىڭ ئەسلى رەڭگى) قاتارلىق رەڭلەردە ئاددىي قىلىپ بېزىلىدۇ. ئوچۇق رەڭلەر ئىشلىتىلمەيدۇ. مېھرابچە نەقىش ئۈچۈن تاللانغان رەڭلەر ئاددىي، رەڭ پەرقى كۈچلۈك، ئەمما بىر - بىرىگە ماسلاشقان بولغاچقا، ئىمارەتلەرگە ھەيۋەتلىك تۈس كىرگۈزۈلۈپ، كىشىگە ئېستېتىك زوق بەخش ئېتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مېھرابچە نەقىش ئۇسلۇبى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامان بىناكارلىق سەنئىتىدە كەڭ قوللىنىلماقتا.

مېھرابچە نەقىشلەردە قۇيۇق مىللىي ئۇسلۇب گەۋدىلەنگەچكە، ئۇ يالغۇز ئۆي - ئىمارەتلەرنى كۆركەملەشتۈرۈشكە خىزمەت قىلىپلا قالماستىن، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگىمۇ سىڭىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىدىن كېپىنەك توننى ئالساق، ئۇنىڭ ئالدى پېشىگە ۋە بۆرەكچە ياقا گىرۋەكلىرىگە مېھرابچە شەكىللىك نەقىشلەر كەشتىلەنگەن. ئۇيغۇر كۇلالچىلىق سەنئىتىدە ئىشلەنگەن ھەر خىل قايچا - قومۇشلارنىڭ گىرۋەكلىرىدىمۇ مېھرابچە شەكىللىك نەقىشلەر ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ. بۇ ھال بىزگە مېھرابچە نەقىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك تۇيغۇسى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (ئا)

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]