مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ

ئورنى Wikipedia

مەدەنىيەت ۋە ئىنسانشۇناسلىق دوكتورى مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

ئەركىن سىدىق


مەن يېقىندا «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن يازمامدا ئامېرىكىدىكى «مايكۇل جوسېفسون» ئىسىملىك بىر تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئۇ 2015-يىلى 17-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «ياخشى قارار بىر قېتىملىق توختىۋېلىشتىن باشلىنىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر قىسقا يازما ئېلان قىلدى. ئۇ يازمىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

ئۆزىمىز خالىمىساقمۇ، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ھاياتىمىزغا چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدىغان قارارلارنى چىقىرىشقا دۇچ كېلىمىز. بىز ئېقىمغا ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىز باشقىلارغا «خىزمىتىڭنى توختاتقىن» ياكى «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتكىن» دەيمىزمۇ؟ مۇشۇنداق ئىشلار ئۈستىدە قارار چىقارغاندا بىرەر ئادەم يېنىمىزغا كېلىپ، بىزگە بۇ ئىشنىڭ بىرەر چوڭ مەنپەئەت بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويمايدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ يامان يېرى، بىزنىڭ قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەرلىك ۋاقتىمىزمۇ بولمايدۇ.

بىز ئۆز ھاياتىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ناچار قارارلارنى ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالمىغان ۋاقىتلاردا ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە ئويلىنىپ باقمىغان ۋاقىتلاردا چىقىرىمىز.

ياخشى قارارلارنى چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللاردىن ئاچچىقلىنىش ۋە ئالدىن پىلانلىماسلىقتىن ئىبارەت ئىككىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاتتىق چارچاپ كېتىش، ئەندىشە قىلىش، ئاچچىق يۇتۇش، بېسىم، تاقەتسىزلىك ۋە خۇيلىنىش قاتارلىقلارمۇ ئاقىلانە قارارلارنى چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

بىز بىر ئالدىراش چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتكەندە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ھەر ئىككى يۆنىلىشىگە قاراپ بېقىشنى ئۆگەندۇق. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ھەر قېتىم بىر مۇھىم قارار چىقىرىشقا دۇچ كەلگەندە ئەھۋاللارنى ياخشى ئانالىز قىلىپ، ئۈنۈملۈك ۋە ئەخلاقلىق يەكۈنلەرنى چىقىرىشنىمۇ ئۆگىنەلەيمىز.

شۇڭلاشقا ھەربىر قارار بىر «توختىۋېلىش» بىلەن باشلىنىشى، يەنى بىزنى ياخشى ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر پەيتتىن كېيىن باشلىنىشى كېرەك. بىز ئاشۇنداق بىر ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىمىز. بىزدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاپ چىقىمىز. زۆرۈر بولغاندا مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە بىر قوشۇمچە ئىستراتېگىيەنى تۈزۈپ چىقىمىز. توختىۋېلىش بىزنى يەنە ئۆزىمىزدىكى ساغلام ئىرادىلەرنى بىر يەرگە توپلاپ، بىزنى ئالدىراڭغۇلۇقتا چىقىرىلغان قارار، ھاماقەتلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار ۋە خاتا ئويلار ئاساسىدا چىقىرىلغان قارارلارغا ئېلىپ بارىدىغان قايمۇقتۇرۇش ۋە ناچار كەيپىياتلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا بىر-ئىككى كۈن ياكى بىر قانچە سائەت ۋاقتىمىز بار بولسا تېخىمۇ ياخشى. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر نەچچە سېكۇنت توختىۋېلىشمۇ بىزگە يېتەرلىك بولىدۇ.

مايكۇل جوسېفسوننىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

دېمەك، بەزى ياخشى قارارلار بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارالايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ناچار قارارلار بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن مەزكۇر يازمىدا «ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىشتە مەكتەپنى توغرا تاللاش مۇھىممۇ ياكى كەسىپنى توغرا تاللاشمۇ؟» دېگەن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، توغرا كەسىپ تاللاشنى مۇھىمراق ئورۇنغا قويغان. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقان بىر ئۇكىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ ئۇكىمىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ بىر مەزگىل ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

بۇ قىسقىچە تەرجىمىھالنى ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمىز «ئۇيغۇرسۆيەر» تەييارلاپ بەردى. (سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئۇكام!)


«ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە مەكتەپنى توغرا تاللاش مۇھىممۇ ياكى كەسىپنى توغرا تاللاشمۇ؟» دېگەن سوئالغا نىسبەتەن مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن جاۋابتىن بىرنى بېرىشنى مەن ھازىرچە مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. يەنى بىر قىسىم كىشىلەر مەكتەپنى توغرا تاللاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر كەسىپنى توغرا تاللاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى خىل كىشىلەرنىڭ نىسبىتى ھەققىدە مەندە بىر ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما بۇ ئىشتا ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى مۇنداق: سىز ئالىي مەكتەپنى، يەنى باكالاۋرلۇق، ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى يېڭىدىن تاماملاپ، دەسلەپكى خىزمەتنى تېپىشتا سىز ئوقۇغان مەكتەپنىڭ دەرىجىسى خېلى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما سىز بىر ئورۇندا ئىشلەشنى باشلاپ، بىر-ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىزمەت ئالماشماقچى بولسىڭىز، يېڭى شىركەت سىز ئوقۇغان مەكتەپكە ئۇنچىۋالا ئېتىبار بەرمەي، سىز توپلىغان خىزمەت تەجرىبىلىرى ۋە سىزنىڭ ئىسپاتلانغان خىزمەت ئىقتىدارلىرىڭىزغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. سىز ھەر خىل شىركەت ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا بەش يىلدەك ئىشلىگەندىن كېيىن بولسا، كىشىلەر سىز ئوقۇغان مەكتەپنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كېتىدۇ. يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار كەسىپكە ۋە خىزمەت ئورنىغا قاراپ ئوخشاش بولمىسىمۇ، تەبىئىي پەن، يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىق شىركەتلىرىدىكى ئەھۋاللار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەنە شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپتە پىروفېسسور بولۇشتىن باشقا كەسپىي ساھەلەردە مەكتەپنى توغرا تاللاشقا قارىغاندا كەسىپنى توغرا تاللاش بەكرەك مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.


مەدەنىيەت ۋە ئىنسانشۇناسلىق دوكتورى مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ


مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ 1975-يىلى خوتەن كېرىيەدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كېرىيەدە تاماملىغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان. ئۇ 1993 -يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ۋە ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچى بولۇپ، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1995-يىلى شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن باشلاپلا تارىخ دەرسلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغان مەتتۇرسۇن تولۇق كۇرستىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىغا ئېرىشىپ ئوقۇغان. شۇنداقلا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ 2000-يىلى 12-ئايدا تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن تۆمەر (TÖMER)دە تۈركچە ئۆگەنگەن. ئۇ ئەينى يىللىرىدىكى تىل تەييارلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان تكس ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، 2001-يىلى 9-ئايدا تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئون مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرى بولغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ «ئومۇمىي تۈرك تارىخى» كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. مەتتۇرسۇن ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش مەزگىلىدە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى بېرىدىغان ئاز مىقداردىكى پۇل بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ، ناھايىتى تېجەشلىك بىلەن باش چۆكۈرۈپ ئوقۇپ، بىر يېرىم يىلدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن. ئۇنىڭ «ئىدىقۇت-قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق دىسسېرتاتسىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى، يەنى 2003-يىلى 9-ئايدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق بۆلۈمىگە «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى» كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرگەن. 2005-يىلى 12-ئايدا دوكتورلۇقنى تاماملىغان. مەتتۇرسۇن بەيدۇللا دىسسېرتاتسىيە يېزىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ۋە دىيارىمىزدىكى باشقا شەھەر ۋە رايونلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان. ئۇنىڭ بۇ تەكشۈرۈشلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى: ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋەت، توي، تۇغۇت، ئۆلۈم ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى» ناملىق دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە دىسسېرتاتسىيە باھالاش ھەيئىتىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى تۈركىيە س ف ن تېلېۋىزور تەشۋىقات نەشرىياتى تەرىپىدىن بىر كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنغان.

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ئەمما ۋەتەندە خىزمەت تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2006-يىلى ئۆزى ئالاقىلىشىپ، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (American University in Cairo)دا تەكلىپ بويىچە «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى» كەسپى بويىچە دەرس بەرگەن ۋە تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا قانائەت قىلىپ قالماي، كەسپىي جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش ۋە خەلقئارادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە تېخىمۇ سىستېمىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىستىكىدە ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا دوكتور ئاشتىلىققا ئىلتىماس قىلغان ۋە 2007-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتىغا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنغان. بۇ جەرياندا «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ تەرەققىياتى» تېمىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «شەرقىي ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى» ئىنستىتۇتى (Department of East Asian Languages and Civilizations, Harvard University)دا «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى»، ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Massachusetts Institute of Technology)دىكى مەشھۇر تىلشۇناس نوم چومىسكى پىروفېسسورلۇق قىلىۋاتقان فاكۇلتېتتا «ئۇيغۇر تىلى» كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە «ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» توغرىسىدا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلاردا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇغان ۋە بۇ ماقالىلىرى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ ئائىلە ئەھۋالىنىڭ قىستىشى بىلەن 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيەنىڭ فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى (Fatih Üniversites)نىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرگەن بولۇپ، ئىنسانشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيەتشۇناسلىقى دەرسلىرىنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ تىل تەييارلىقى، ماگىستىر ئاسپىرانتلىق، دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇشلىرىنى بەش يىلدا تۈگەتكەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىتتا بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشىش غايەت زور تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. بىز ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا شۇنچىلىك زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن كەسپىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. كەسىپكە بولغان ئىشتىياق، شۇنداقلا باش چۆكۈرۈپ ئۆگىنىش نەتىجە قازىنىشىمنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك. بىر قىسىم ياشلار ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە مەكتەپ تاللايدۇ. مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ۋاقتىمدا ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلەيتتىم. ئەمما ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى بويىچە كەسىپ تاللىدىم. يەنە بىرى مەن ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا پۈتۈن زېھنىمنى ئوقۇشقا قاراتتىم. ئىشلەپ پۇل تاپىمەن، دەپ يۈرمىدىم. چۈنكى ھەر كۈنى ئىشلىسىمۇ جىق پۇل تاپقىلىمۇ بولمايتتى. ساقالغا ياماشقان چۆپكە قورساق تويمايدۇ. شۇڭا باش چۆكۈرۈپ ئوقۇشۇمنى ئوقۇدۇم. ھەمدە بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ تەجرىبىسىدىنمۇ پايدىلاندىم. بىرىنچى مەۋسۇمدا ئوقۇۋاتقان بولسام، بوش ۋاقىتلىرىمدا ئىككىنچى مەۋسۇمنىڭ تەييارلىقىنى قولۇمدىن كەلگۈچە قىلىپ تۇردۇم. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇشنى تېزرەك پۈتتۈرەلىدىم، دەپ ئويلايمەن».

«ۋەتەندىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا كېتىپ بارغان قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مېنىڭچە قىزىقىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىكى مۇھىم ئامىل. قىزىقىشلا بولۇپ، ئىزچىللىق بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئوقۇش ياكى مەلۇم بىر ئىش (ھۈنەر)نى قىلىش بىر بۈگۈن-ئەتىلىك قىسقا ئىش ئەمەس. بىر ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. نېمىلا ئىش قىلايلى، ئۇنى باش چۆكۈرۈپ، سەۋر-تاقەت بىلەن قىلىشىمىز لازىم. بىزدىكى ‹ئىلىم ئىگىلەش يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغانغا ئوخشاش› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز دەل بۇ ئىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنى كۆردۈم. بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئادەملەر بىر ئىشقا ئۆمرىنى ئاتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار نەتىجە قازىنالايدۇ. ئۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردىن ئەقلىي جەھەتتە پەرقلىنىدىغان ئالاھىدە بىر تەرىپىمۇ يوق. قېرىنداشلىرىمىزغا ھەممىمىز بىلىدىغان ‹توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى› دەيدىغان مەسەلنى دائىم ئويلاپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ مەسەلدە يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېز بولغان توشقان تاشپاقىغا يېڭىلىپ قالىدۇ. تاشپاقا ئاستا ماڭسىمۇ ئاخىرغىچە داۋام قىلىدۇ. بىزدە مۇشۇنداق روھ بولسىلا، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر قىلغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە بىزمۇ قىلالايمىز».

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللاھ ھازىر ئايالى ۋە ئىككى ئوماق پەرزەنتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىدۇ.

2015-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى