مەدەنىيەت ئەندىكىشى

ئورنى Wikipedia
بويسۇندۇرغۇچىلار بىلەن مىلتىق ۋە ئاتلار بىلەن ئۇچرىشىش ئازتېكلارنى ھەيران قالدۇردى ، شۇڭا ئۇلار ياۋروپالىقلارنى شەرقتىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر بىلەن ئارىلاشتۇردى.
مودېلغا ئاساسلانغاندا ، كىشىلەر دەسلەپتە (1) شېرىن ئاي مەزگىلى ، ئاندىن (2) ئۆتكۈنچى مەزگىل ، يەنى مەدەنىيەت زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما كېيىنچە ، كىشىلەر ماسلىشىشقا باشلايدۇ (3) (چېكىتلىك سىزىق بەزى كىشىلەرنىڭ يېڭى مەدەنىيەتكە نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ). (4) قەدىمكى مەدەنىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئادەتتە مەدەنىيەت ئەندىكىشى تۇرمۇشىمىزدا ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇرىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق كىتابلىرىدا، مەدەنىيەت ئەندىكىشىنىڭ كۈپىنچە ھالدا ساياھەتچىلەر ياكى بىر كىشىنىڭ ناتۇنۇش بىر مەدەنىيەت مۇھىتىغا دۇچ كەلگەندە يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەدەنىيەتتىكى ئەندىكىش بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.

ئادەتتە چەت يېزىدا ياشايدىغان بىر كىشى شەھەرگە كىرگەن ۋاقىتتا مەدەنىيەت ئەندىكىشى پەيدا بۇلىدۇ. جەنۇپتا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ئۈرۈمچىگە چىقسىمۇ مەدەنىيەت ئەندىكىشى پەيدا بۇلىدۇ. چۈنكى، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئىجتىمائىي مۇھىت ناھايتى تىز ئۆزگىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىش تەس. چەت بىر يېزىدا ياشايدىغان كىشى شەھەر مەدەنىيتى ياكى ئىجتىمائىي مۇھىتى بىلەن تونۇش بولمىغاچقا، شەھەرگە كىرسىلا بىر خىل ياتسىراش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ياتسىراش بىر مەدەنىيەتكە تەۋە ئىنساننىڭ ئىككىنجى بىر مەدەنىيەتكە كىرگەن ۋاقتىدا يۈز بىرىدۇ.

مەدەنىيەت ئەندىكىشى تىگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باشقا كىشىلەرنىڭ مەدەنىيتى ۋە ياشاش ئۇسۇلىنى چۈشىنەلمەسىلىك ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشالماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە شەھەر مەدەنىيتى بىلەن يېزا مەدەنىيتى ۋە بۇ مەدەنىيەتلەردە قوللىنىدىغان سىمۋول ۋە بايلىقلار ئوخشاش بولمايدۇ. تۈرك مەدەنىيتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى بەزى تەرەپلەر ئوخشىمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، مەدەنىيەت ئەندىكىشى كىلىپ چىقىدۇ.