مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى

ئورنى Wikipedia

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگودىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە تەسىرى ئەڭ زور ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىرى. ئىنگلىزچە نامى: CHINA NATIONAL RADIO، قىسقارتىلىپ CNR دەپ ئاتىلىدۇ.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى 1940-يىلى 30-دېكابىر ئاڭلىتىش باشلىغان بولۇپ، بۇرۇنقى يەنئەن شىنخۇا رادىيو ئىستانسىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1949-يىلى 5-دېكابىر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن.

مەركىزي خەلق رادىيو ئىستانسىسى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان بىردىنبىر رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگودا 700 مىليوندىن ئارتۇق ئاڭلىغۇچىسى بار، دۇنيا بويىچە دۆلەت ئىچىدىكى ئاڭلىغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ رادىيو ئىستانسىسى. ھازىر ئىستانسىمىزدا جۇڭگو ئاۋازى، ئىقتىساد ئاۋازى، كۈي ئاۋازى، شەھەر ئاۋازى، جۇڭخۇا ئاۋازى، شېنجۇ ئاۋازى، خۇاشيا ئاۋازىنىڭ قوش تىللىق چاستوتىسى، خۇاشيا ئاۋازىنىڭ ئورتاق تىلدىكى چاستوتىسى، مىللەتلەر ئاۋازى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئاۋازى، ياشانغانلار ئاۋازى، زاڭزۇچە چاستوتا، خوشاللىق رادىيوسى، ئۇيغۇرچە چاستوتىدىن ئىبارەت 14 يۈرۈش سىمسىز رادىيو پىروگراممىسى بار بولۇپ، كۈنبويى جەمئىي 300 سائەتكە يېقىن ئاڭلىتىش بېرىدۇ.

كۆپ يىللاردىن بېرى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى «دۇنيا بىلەن ھەمقەدەم بولۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش»تە چىڭ تۇردى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم خەۋەر نەق مەيدانلىرىدا باشتىن ئاياغ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خادىملىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدىن بىۋاستە ئاڭلىتىش بەردى. 2009-يىلى بىرىنچى ئۆكتەبىر، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى پۈتۈن مېدىيا شەكلىدە، يىغىن تەنتەنىسى، ھەربىي پارات ۋە ئاممىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىنى باشتىن ئاياغ بىۋاسىتە تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ رادىيو تارىخىدىكى بىر قېتىملىق قالتىس خەۋەر قىلىش مۆجىزىسىنى ياراتتى. بۇنىڭدىن سىرت، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى يەنە دۇنيانىڭ كۆزى تىكىلگەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا، ھوقۇقلۇق ئۇلاپ ئاڭلاتقۇچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، رادىيو ئاڭلىتىش ساھەسىدە خەۋەر قىلىشتىكى يېڭى بۆسۈشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى كەسىپداشلارنىڭ ئاپىرىن ئېيتىشىغا ئېرىشتى. ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتىنى خەۋەر قىلغاندا، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى رادىيونىڭ ئالاھىدە مەزگىل، جىددىي ئەھۋالدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە، ئۈنۈملۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز ئاممىسىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى رادىيونى تايانچ قىلىپ، يېڭى مېدىيا كەسپىنى ئومۇميۈزلۇك قانات يايدۇردى، ھەرخىل ئاخبارات تارقىتىش ۋاستىسىنى بېيىتىپ، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ رادىيو، ئاۋاز تورى «جۇڭگو رادىيو تورى»، ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو تورى (ئالتە خىل تىل-يېزىقتا)، تور رادىيو ئىستانسىسى «سامانيولى ئىستانسىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. تۆت يۈرۈش رەقەملىك رادىيو پىروگراممىسى، بىر يۈرۈش رەقەملىك تېلېۋىزىيە قانىلى، بىر يۈرۈش يانفون تېلېۋىزىيە قانىلى، ئۈچ يۈرۈش يانفون رادىيو پىروگراممىسى، شۇنداقلا بىر يۈرۈش مال سېتىش تېلېۋىزىيە قانىلىنى تەسىس قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى يەنە «جۇڭگو رادىيوسى» ژۇرنىلى، «كۈي ئاۋازى» ژۇرنىلى، «جۇڭگو رادىيو گېزىتى» قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى، جۇڭگو رادىيو ئۈن-سىن نەشرىياتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنى قۇردى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قارمىقىدىكى شىركەت − ياڭگۇاڭ ئاخبارات تارقىتىش تەرەققىيات باش شىركىتى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ كىرىم قىلىشقا بولىدىغان پىروگرامما بايلىقىغا تايىنىپ، بازارنى ئاكتىپ كېڭەيتىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىشلەش بىلەن قويۇشنى ئايرىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ سەككىز تارماق، شۆبە شىركەت قۇرۇپ، كۆپلىگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، ھەمدە جۇڭگو رادىيو كەسپىدىكى مۇھىم شىركەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى جۇڭگودىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، پىلانى ئايرىم شەھەرلەر ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 40 مۇخبىرلار پونكىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇردى. جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىغا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىر ئەۋەتتى. ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ تۆت باش بۆلۈمى، ھەربىي رايونلار، ئارمىيە تۈرلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدا 18 ھەربىي مۇخبىرلار پونكىتى تەسىس قىلدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى باشلامچى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 140 تىن ئارتۇق رادىيو ئىستانسىسىدىن تەشكىل تاپقان جۇڭگو رادىيو ئىتتىپاقىنى قۇردى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ خەنزۇچە رادىيو ئاڭلىتىدىغان ئورگانلار بىلەن بىللە دۇنيا خەنزۇچە رادىيو تورىنى قۇرۇپ، دۇنيادىكى كۆپ سانلىق دۆلەت ۋە رايوندىكى داڭلىق ئاخبارات تارقىتىش ئورگانلىرى بىلەن كەڭ دائىرىلىك كەسپى ھەمكارلىق مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان رەقەملىق كۆپ مېدىيالىق ئاڭلىتىش زالى، ئاۋاز ئېلىش ئۆيى ۋە مۇزىكا زالى بار. پىروگرامما ئىشلەش، ساقلاش، قويۇش، تارقىتىشتا ئومۇميۈزلۈك رەقەملەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى جۇڭگودىكى ئالىي مۇھەررىر، ئالىي مۇخبىر، ئالىي دىكتور، ئالىي ئىنژېنېر، ئالىي تەرجىمان قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەدىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلار ئەڭ كۆپ رادىيو ئىستانسىسى، كۈچلۈك پىروگرامما ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پىروگرامما ئىشلەش سەۋىيەسىگە ئىگە. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئىشلىگەن پىروگراممىلار كۆپ قېتىم ئاسىيا رادىيو مۇكاپاتى، بېرلىن كەلگۈسى مۇكاپاتى قاتارلىق خەلقئارالىق مۇكاپات ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. جۇڭگو ھەتتا دۇنيادىمۇ زور ئابرويغا ئىگە.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئەزەلدىن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەرباپلار، ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا ئېتىبار بېرىپ كەلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ياخشى قوش تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى كۆپ خىل شەكىلدە ئاخبارات ساھەسىدىكى كەسپداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ