مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى

ئورنى Wikipedia

ئاساسىي قىسىم:

1.مىللەتلەر باغچىسى-مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى:

بىرىنچى بۆلەك،ئومۇمىي بايان:

بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونىغاجايلاشقان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي مائارىپ ئورگىنى.بىردىنبىر 56 مىللەت ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر بار بولغان ئالىي مەكتەپ.دۆلەتلىك "211قۇرۇلۇشى"،"985قۇرۇلۇشى"دىكى نۇقتىلىق ئورۇن.

ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە قۇرۇلۇشلىرىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانىسى، كۈتۈپخانا،يېڭى ئوقۇتۇش بېناسى،تۆت ئەتراپ قورشاپ سېلىنغان ئېگىز ياتاق بېناسى(28-بېنا)،مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى بار.بولۇپمۇ كۈتۈپخانىسى بىلەن ئالاھىدە تەنتەربىيە مەيدانى بېيجىڭدىكى ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا.مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىنىڭ تامىقىغا پۈتۈن بېيجىڭدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ھەۋەس قىلىدۇ.ئاشخانىدا ئايرىم تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ئاشپەزلەرمۇ بار.

ئىككىنچى بۆلەك،تارىخقا نەزەر:

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى 1941-يىلى 10-ئايدا يەنئەندە قۇرۇلغان مىللەتلەر ئېنىستۇتى ئاساسىدا قۇرۇلغان.1951-يىلى11-ئىيۇن مەركىزىر مىللەتلەر ئېنىستۇتى رەسمىي قۇرۇلغان.1993-يىلى30-نويابىر مەكتەپ نامى "مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى"غا ئۆزگەرتىلگەن.ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى-دوكتۇر تەربىيىچىسى،پروففىسۇر روڭ شى شىڭ.

ئۈچىنچى بۆلەك،كەسىپ ۋە ئۇنۋان:

مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كەسپىلىرى كۆپ،مىللىي تىلدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئاساسەن"جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-تەتقىقاتى"كەسىپگە قوبۇل قىلىدۇ.نوپۇزلۇق كەسىپلىرى(يەنى دۆلەتلىك نۇقتىلىق كەسىپلەر) مىللەتشۇناسلىق ۋە جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل تەتقىقاتى.

كەسىپلىرى:

پەلسەپە تىپىدىكىلەر:پەلسەپە،دىنشۇناسلىق.

ئىقتىساد تىپىدىكىلەر:ئىقتىساد كەسپى،خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا،مالىيە،پۇل-مۇئامىلە كەسىپلىرى. قانۇن تىپىدىكىلەر:قانۇن كەسپى،قانۇن ۋە ئىنگىلىزتىلى قوش ئۇنۋان سىنىپى،ئىقتىساد ۋە قانۇن قوش ئۇنۋان سىنىپى. جەمئىيەت ئىلمى تىپىدىكىلەر:جەمئىيەتشۇناسلىق.

سىياسى كەسىپلەر:سىياسەت ۋە مەمۇرىي ئىلىم.

مائارىپ تىپىدىكىلەر:مائارىپشۇناسلىق.

تەنتەربىيە تۈرى:تەنتەربىيە مائارىپى.

جوڭگۇ تىل -ئەدىبىياتى تىپىدىكىلەر:خەلقئارالىق خەنزۇتىلى،خەنزۇتىلى ئەدىبىياتى،جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدىبىيات تەتقىقاتى(ئۇيغۇرمىللىي تىل-يېزىقتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن:ئۇيغۇر تىل ئەدىبىيات تەتقىتاتى،خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن:ئۇيغۇرتىلى-ئىنگىلىزتىلى-خەنزۇتىلى تەرجىمانلىق سىنىپى) ،كىلاسسىك ئەدىبىيات .

چەتئەل تىل-ئەدىبىياتى تىپىدىكىلەر:ئىنگىلىزتىلى،ياپون تىلى،گىرمان تىلى.

ئاخبارات خەۋەر ئىلمى:ئېلان كەسپى،ئاخبارات كەسپى.

سەنئەت تىپىدىكىلەر:رەسىم سىزىش،گۈزەل-سەنئەت،سەنئەت لايىھىلەش،ئۇسسۇل كەسپى،ئۇسسۇل رېژىسورلۇق. ئىلمى،مۇزىكا ئىشلەش ۋە مۇزىكا ئىشلەش تېخنىكا نەزەرىيىسى،مۇزىكا ئورۇنداش.

تارىخ تىپىدىكىلەر:مىللەت نەزەرىيىسى ۋە مىللىي سىياسەت،مۇزىي ئىلمى،مىللەتشۇناسلىق،تارىخ كەسپى بازا سىنىپى، تەبىئىي پەن تىپىدىكىلەر: تىپىدىكىلەر:ئۇچۇر ۋە كومپيۇتىر كەسپى،كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىلوگىيىسى،ئۇچۇر-ئالاقە قۇرۇلۇشى،ئېلىكترۇن ئۇچۇر قۇرۇلۇشى،قوللىنىشچان فىزىكا ئىلمى.خېمىيە كەسپى،بېئولوگىيە ئىلمى،بېئولوگىيە تېخنىلوگىيىسى،نۇر ئۇچۇرئىلمى ۋە تېخنىلوگىيىسى ،سىتاتسىتىكا ئىلمى.


مۇھىت قۇرۇلۇشى:مۇھىت ئىلمى،ئېكولوگىيە تىببىي ئىلىم: دورا ياساش قۇرۇلۇشى(خېمىيىلىك)،ساقلىقنى ساقلاش مېدىتسىناسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تىپىدىكىلەر:بازار مۇلازىمىتى،بوغالتىرلىق،ساياھەت باشقۇرۇش.

ئاممىۋې باشقۇرۇش تىپىدىكىلەر:مەمۇرىي باشقۇرۇش.

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا ھازىر 15ئېنىستۇت،13فاكۇلتىت بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس كەسپىدىن 61ى،ئاسپىرانت تەربىيىلەش ھوقۇقلۇق نۇقتىسىدىن38ى،دوكتۇر تەربىيىلەش ھوقۇقلۇق نۇقتىسىدىن17سى،دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك دوكتۇر تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن بىرى(مىللەتشۇناسلىق)، دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 2سى(مىللەتشۇناسلىق،جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل تەتقىقاتى كەسپى)بار.

مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا تۇرغان بىر يىلدا قوش ئۇنۋان سىنىپلىرى ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە كەسىپلىرىدەك تۇيۇلغان ئىدى.

تۆتىنجى بۆلەك،تەييارلىق ئوقۇتۇشى:

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك يىغىلغان قاكۇلتىتلىرىدىن ئۇيغۇر تىل ئاكۇلتىتىدىن باشقا يەنە تەييارلىق بۆلىمى بار.تەييارلىق بۆلىمىدە ئىككى خىل ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان:

بىرى، شىنجاڭ سىنىپى بۇ سىنىپلاردا مىللىي تىلدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇيدۇ،ھەممىسى باشقا مەكتەپلەرگە بۆلۈنگەن ئوقۇغۇچىلار،ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆز مەكتىپىگە بارىدۇ.ئاساسلىقى جوڭگۇ ئاخبارات ئۇنۋېرسىتىتى،بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنۋېرسىتىتى،شىئەن پوچتا-تېلىگراف ئۇنۋېرسىتىتى،غەربىي-جەنۇب مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى(چىڭدۇ)،جوڭنەن مالىيە-قانۇن ئۇنۋېرسىتىتى(ۋۇخەن) قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە بۆلۈنگەن ئوقۇغۇچىلار. يەنەبىرى، دۆلەتلىك سىنىپ يەنى دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار،بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر تۈركۈمى (يىلدا 10-12گىچە)،خەنزۇتىلىدا ئوقۇغان شىنجاڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلار بولۇپ،بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى مىدىتسىنا بۆلىمىگە قوبۇل قىلىنغان،بىر يىل تەييارلىق ئوقۇيدۇ.قالغانلار مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ،ئارزۇ تولدۇرغاندا مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ"تەييارلىق سىنىپى"دېگەن كەسىپ تۈرىنى تولدۇرغان ئوقۇغۇچىلار،بىر يىلدىن كېيىن ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن كەسىپ تاللايدۇ.

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى تەييارلىق بۆلىمى 1953-يىلى قۇرۇلغان.2003-يىلى 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تولىمۇ داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى،تەييارلىق بۆلىمىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىلىرى-ئاپتونۇم رايونىمىز رەھبەرلىرىدىن ھەرقايسى قاتلامدىكى خىزمەتچى-خادىملار ئاساسەن تەبرىكلەشكە قاتناشتى.

بەشىنچى بۆلەك،ئۇنۋېرسىتىتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار:

مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىغا بارساق شىنجاڭغا بېرىپ قالغاندەك بولىمىز،دەيمىز دائىم.ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق،بېيجىڭنىڭ باشقا يەرلىرىدە يۈرسەك باشقىلار قىزىقسىنىپ قارىغىنى بىلەن،مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا ھېچكىم سىزگە قايرىلىپ قارىمايدۇ(تونۇش بولمىسىڭىزلا)،ئەتراپتا ئۇيغۇر سىماسى چېلىقىپ تۇرىدۇ.ھېيت-بايراملاردا مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنى يوقلاش كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلارغا ئادەت.ھېيتتا ياتاقلار ئارا ھېيتلاش ئەۋج ئالىدۇ.ھەريىلى نەۋرۇزدا پۈتۈن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىغا جەم بولۇپ ئۇيغۇر تىل فاكۇلتىتى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان نەۋرۇزلۇق پائالىيەتلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇيغۇر تىل-ئەدىبىيات تەتقىقاتىدىكى ئوقۇغۇچىلاربىلەن بىر نەچچە سائەت دەرس ئاڭلاپ،تولۇق ئوتتۇرىدىكى قىزغىنلىققا قايتىپ قالغاندەك بولدۇم،جاۋاب بېرىش نۆۋىتىنى تالىشىپ كېتىشلەر،مۇئەللىم بىلەن مۇنازىرە قىلىشلار،قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر تىلى تېپىلغۇسىز گۆھەردەك قىممەتلىك ئىدى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى شۇنچە يۇقىرى،تەپەككۈرى شۇنچە ئوچۇق ئىدىكى ئەگەر كۆپرەك تىرىشسا قالتىس ئىشلارنى قىلىۋەتكۈدەك دەپ قالىسىز.

بىراق،ئاز ساندىكى چۈشكۈنلىشىشمۇ كۆزىڭىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،"يۇرتداشلار ئولتۇرۇشى"دىن باشلانغان ئويۇن،كەيىپ،ئىسراپچىلىق ھەقىقەتەنمۇ ئېتىقادىمىزغا،مىللىي ئەخلاقىمىزغا يات ئىدى.ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە شۇنى ئارمان قىلىمەن:قاملاشمىغان يۇرتداشلار ئولتۇرۇشى تۈگىسە،يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزى تەمتىرەش ئىچىدە خاتا يوللارغا تىكىلىپ يۈرمىسە...

ئالتىنچى بۆلەك،خۇلاسە:

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئۇنۋېرسىتىت،شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋېرسىتىت.ئۇۋېرسىتىتتا 56مىللەتنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى،مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.كەلگۈسىدە داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتلار قاتارىدا بولۇپ قالغۇسى.ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدىبىيات تەتقىقاتى كەسپى تېخىمۇ يېڭى يۈزلىنىشتە يەنىمۇ تولۇق تەرەققىياتقا ئېرىشكۈسى.