مەشرەپتىكى جۇۋاز ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

مەشرەپ <ئوتتۇز ئوغۇل> نامى بىلەن تەشكىللەنگەن ئوغۇللارنىڭ كوللېكتىپ ھالدىكى قەرەللىك، نۆۋەتلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ئويۇنىدۇر. مەشرەپ نوقۇل ھالدىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىلا بولماستىن، بەلكى مىللىتىمىزنىڭ ئېتنوگرافىيىلىك رەڭدار ئەنئەنىسنىڭ خاس تەرەققىياتىدۇر. مەشرەپنىڭ بىر يۈرۈش مۇمىملىقىغا ئىگە قۇرۇلمىسى، كونكرېت <ۋەزىپە> لەرگە تەيىنلەنگەن خادىملىرى بولىدۇ. مەسىلەن، <يىگىت بېشى> مەشرەپ ئىچى - سىرتىدىكى ياشلارنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن سىرت، جامائەت ئىچىدىكى قائىدە - يوسۇن ۋە مەھەللىۋى ئىشلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. <قازىبەگ> مەشرەپ ئىچىدىكى دەۋا ئىشلىرىغا <ھۆكۈم> چىقىرىدۇ. <پاششاپ بېگى> مەشرەپ ئىچىدىكى تۈرلۈك تەرتىپ - قائىدە، قارارلارنى ئىجرا قىلىدۇ. مەشرەپ پائالىيەتلىرى گەرچە ئىختىيارلىي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى پائالىيەت بولسىمۇ، لېكىن قەدىمدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى قائىدە - نىزاملىرى بولغان، بۇ قائىدە - نىزاملار مەشرەپنىڭ نورمال ۋە تەرتىپلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان <مەشرەپ قائىدە - قانۇنى> ھېسابلىنىدۇ. سورۇن تەرتىپىنى بۇزغانلار، <يىگىت بېشى> نىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمىغانلار <جازاغا> تارتىلىدۇ. سورۇندا مەشرەپ ئەھلىنى ھەم كۈلدۈرەلەيدىغان، ھەم ئىبرەتكە ئىگە قىلىدىغان <دەۋا> قىلىش ۋە <جازا> لاش تۈرلىرى خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، <سامسا يېقىش>، <تامغا سۈرىتىنى چاپلاش>، <ئۆپكە قويۇش>، <پاختەك ئۇچۇرۇش>، <جۇۋازا قېتىش>، <كاككۇك سايرىتىش>، <كۆتەك باستى> قىلىش... قاتارلىق مەشرەپكە <جان> كىرگۈزىدىغان خىلمۇ خىل جازا خاراكتېرلىك ھەجۋى ئويۇنلارمۇ بار. مەشرەپ سورۇنىنىڭ ئومۇمىي تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: مەشرەپ سورۇنىغا داستىخان سېلىنىپ چاي تارتىلىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن چاينى ئۆز ئارا <خۇش كەتتى> ۋاستىسى قىلىپ نۆۋەت بىلەن بېيىت ئېيتىشىش باشلىنىدۇ. مەسىلەن: ئېگىز - ئېگىز دۆڭلەردىن سىيرىلدىم تۈزگە، قىزىل گۈلنڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە. مەيلى بىلىڭ، مەيلى بىلمەڭ خۇشتارمەن سىزگە. خۇشتارلىقتىن ئۆلۈپ كەتسەم ئۇۋالىم سىزگە، پىيالىدە شۇ چېيىم خۇش كەتتىن سىزگە، دەپ خۇش چىراي ئىككى قوللاپ چىنىدىكى چاينى كۆڭلى خالىغان برسىگە سۇنىدۇ. پىيالىنى قولىغا ئالغان كىشى قارشى تەرەپكە جاۋابەت بېيىت ئېيتىدۇ: مەنمۇ بىر كۈنى كېلەر دەپ، خۇش قارىدىم يولۇڭغا، خۇشتارىڭغا خۇشتار بوپ، چاينى ئالدىم قولۇمغا. دېگىنىچە ئەتراپتىكىلەرگە: <خوش كەتتىگە كەلمەمسلەر> دەپ پىيالىنى قۇرۇقداپ ئىگىسىگە ئېھتىرام بىلەن قايتۇرىدۇ. پىيالە شۇ تەرىقىدە ئايلىنىدۇ. توساتتىن بىر كىشى پىيالىدىكى چاينى تۆكۈپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن يىگىت بېشى دەرھال <ئوردا> غا كىرىدۇ. يىگىت بېشى: <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوردا ئەھلى، يۇرت مۆتىۋەرلىرى> - دېگىنىچە قول قوشتۇرۇپ ئەدەپ بىلەن سۆزلەشكە ئىجازەت كۈتۈپ تىك تۇرىدۇ. يىگىت بېشى: - پېقىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا مەشرەپ سورۇندىن كەلدىمكى، جامائىتىمىزنىڭ بىرى، ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى بولغان پالانى مەشرەپ قائىدە - تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلماي، پىيالىدىكى چاينى تۆكۈۋەتتى، - دەيدۇ. پاششاپ بېگى: - ۋاقىپلاندۇق، مەشرەپ قائىدە - تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلمىغان پالانى توغرىسىدا ئىنكاس قىلغانلىقىڭىز ئوتتۇز ئوغۇللۇق ۋە <يىگىت بېشى> لىق بۇرچىڭىزغا خاس سالاھىيەت، - دەيدۇ. يىگىت بېشى <ئوردا> تەرتىپى بويىچە ئۆز ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن، پاششاپ بېگى جاۋابكار پالانىنى <ئوردا> غا چاقىرتىدۇ. پاششاپ بېگى: - سىزنى چاقىرتىشىمىزنىڭ ۋەجى، مەشرەپ قائىدە - تۈزۈمىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىڭىز توغرىسىدا ئىنكاس بار. جاۋابكار: - يوقسۇ تەقسىز، - دەيدۇ، پالانى ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئىنكاس قىلغۇچى يېڭىلىشتى ياكى قالايمىقانچىلىقتا پەرق ئېتەلمىگەن گەپ. پاششاپ بېگى: - گەپنى ئەگىتكىنىڭىز بىلەن ئۇ ئىشنىڭ قالايمىقانچىلىقتا بولغانلىقى تىلىڭىزدىن كېتىۋاتىدۇ. جاۋابكار: - ھە! ئەمدى...، پالانى ھودۇققان قىياپەتتە ئىقرار بولىدۇ. بېيىت ئېيتىشنى بىلمەيتتىم، قالايمىقانچىلىقتا ھېكىم كۆرمەس دەپ چاينى تۆكۈپ قويۇپتىمەن... پاششاپ بېگى: - ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دېگەن گەپ ئېسىڭىزدىن چىقىپتۇ - دە، سىزگە مەشرەپ قائىدە - تۈزۈمىنى سۆزلەش ھاجەتسىز! پاششاپ بېگى قازىبەگنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن، سورۇنغا ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىرىنى ئېلىپ كىرىپ، بۇ يىگىتنىڭ قولىنى ئارقىغا قىلىپ، زوڭ ئولتۇغۇزىدۇ. بېشىغا بىر دانە ياغ قاپىقىنى ئورنىتىدۇ. ئاندىن جازالانغۇچىنىڭ كۆزىنى لاتا بىلەن تېڭىپ، قامچا بىلەن ئۇرۇپ، جۇۋازدىن توختاتماي ئايلاندۇرىدۇ. ھاياجانلانغان سورۇن ئەھلى ئارىسىدىن بىر نەچچە ۋەكىل <ئوردا> غا تەرتىپ بويىچە كىرىپ، ئۇ كىشىنىڭ <جازا> سىنى تىلەپ ئالىدۇ. جازالانغۇچى كۆپچىلىككە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەشرەپ قائىدە - تۈزۈمىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، ئۆز ئورنىغا قايتىدۇ. جۇۋاز ئويۇنى خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان ھەم ئەدەپ - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇن ئۆگىتىدىغان ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە ئويۇنىدۇر.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]