مەشرەپ ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

مەشرەپ - ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئىشتىن سىرتقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى. مەشرەپ كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ۋە توي - تۆكۈنلەردە ئۆتكۈزۈلۈشتىن سىرت، قېرى - ياش، ئەر - ئايال ئارىلاشقان دائىرىدە نۆۋەت بىلەن بەلگىلىك قەرەلدە ئاخشاملىرى ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەشرەپ بەرگۈچى ساھىبخان مەشرەپ ئەھلىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چامىسىنىڭ يېتىشىچە داستىخان تەييارلايدۇ. مەشرەپ بىر - بىرى بىلەن سىردىشىش، چۈشىنىش، دوستلۇقنى كۈچەيتىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى ئىنتايىن ياخشى سورۇن بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەزمۇنلار، لىرىكىلىق، ھېسسىياتقا باي نەپىس ھەرىكەت شەكىللىرى مەركەزلەشكەن بولىدۇ. مەشرەپ سىردىشىش، بېيىت ئېيتىشىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، قىزىقچىلىق قىلىشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تالانتلىق سازەندىلەر غېجەك، نەي، ناغرا - سۇناي، دۇتار، تەمبۇرلارنى چېلىپ نەغمە - ناۋا قىلىشىدۇ. مەشرەپكە قاتناشقان سورۇن ئەھلىنىڭ ھەممىسى مەشرەپنىڭ تەرتىپ ئىنتىزامىغا رېئايە قىلغان ھالدا خىلمۇ خىل شەكىلدىكى ئويۇنلارغا تولۇق ۋە قىزغىن قاتنىشىدۇ. مەشرەپ سورۇنىنى تېخىمۇ قىزغىن كەيپىياتقا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەتەي ئۆز ئارا بىر - بىرىنى خاتالاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدىرۇپ، مەشرەپ ئەھلىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن جازاغا تارتىپ، ھەر خىل ئويۇن كۆرسىتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئارتىدۇ. شۇنداقلا، سورۇندا مەشرەپ قائىدىلىرىگە يات ھەر قانداق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى كىم بايقىۋالسا ئۇنىڭغا جازا بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. مەسىلەن، <دەررە ئۇرۇش>، <ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش>، <سامسا يېقىش>، <سۈرەتكە تارتىش>، <دەررىگە بېسىش> قاتارلىق قىزىق كومېدىيىلىك ھەم دىراماتىك تۈس ئالغان ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. بۇ ئويۇنلار تولىمۇ قىزىق، تولىمۇ كۈلكىلىك بولۇپ، بەزى جازا ھەرىكەتلىرى قويۇق تەنتەربىيە تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. مەشرەپ سورۇنىدا مەشرەپ ئىشتىراكچىلىرى ھوقۇقتا باراۋەر بولۇپ، يۇقىرىدىكى جازالارنىڭ بىرەرى بىلەن جازالاشقا توغرا كەلسە، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مەشرەپتە باشتىن - ئاخىر كۈلكە - چاقچاقلار ئۈزۈلمەيدۇ. مەشرەپ ئاخىرلاشقاندا، كېيىنكى قېتىمىقى مەشرەپ كۈنىنى، ئورنىنى بەلگىلىشىپ قايتىشىدۇ. <قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ كېچىلىك ئولتۇرۇش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، توي - مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. ئۇلار بىر يەرگە جەم بولغاندا، ئادەم سانى نەچچە مىڭ، ھەتتا نەچچە ئۇن مىڭغا يېتەتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئوۋلىغان ھايۋانات ۋە قۇشلارنىڭ گۆشىنى ئوتتا پىشۇرۇپ، كاۋاپ قىلىپ، گۈلخان ئەتراپنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى، ناخشا ئېيتاتتى، ئەتراپنى سەيلە قىلاتتى>. بۇ تارىخىي مەنبەلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىجتىمائىي تەسىرى ھەمدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزىدىن قالغان بۇ ئەنئەنىۋى ئويۇن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا تېخىمۇ ساغلام، يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىپ كەلمەكتە. ھازىرقى دەۋردە مەشرەپ ئويۇنى جۇڭگودىكى 65 ئاز سانلىق قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىكى سەنئەت ئويۇنلىرى قاتارىغا قوشۇلۇپ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇن تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. چۈنكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نۇر چېچىپ تۇرغان بۇ مەدەنىيەت تۈرى ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، يۈكسەك ماھارەتكە ۋە گۈزەل سەنئەت شەكلىگە ئىگە. مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى ئادەتتە ساز بىلەن تەڭكەش قىلىنىدىغان ئۇسۇللاردىن پەرق ئەتمەك تەس. مەسىلەن، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى يىزۇ مىللىتىنىڭ <ئاي ئۇسسۇلى>، خەينەنداۋ ئۆلكىسىدىكى لىزۇ مىللىتىنىڭ <بامبۇك خادىدىن سەكرەش ئۇسۇلى>، مياۋزۇلارنىڭ <نەي ئۇسسۇلى>، <تۆت يۈزلۈك دۇمباق ئۇسسۇلى> قاتارلىقلار. بۇ ئۇسسۇللار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قېلىپ، بۈگۈنكى كەندە جەمئىيەتنڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەزمۇنلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، دەۋر روھىنى ئىپادىلەيدىغان مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بولۇپ قالغان. مەشرەپمۇ ئەنە شۇنىڭ مىسالىدىن ئىبارەت.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]