مەكھۇل

ئورنى Wikipedia

مەكھۇل (مَكْحُولُ بْنُ شَهْرَابَ بنِ شَاذِلَ الشَّامِي الدِّمَشْقِيُّ): مەكھۇل ئىبنى ئەبى مۇسلىم شەھراب ئىبنى شازىل ئەششامىي ئەددىمەشقىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. ؟ – 112 / م. ؟ – 730) تېگى كابۇللۇق ئازادگەردە تابىئىن ۋە كاتتا فەقىھ. ئۆز ۋاقتىدىكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى كېزىپ، نۇرغۇن ساھابىلەردىن ئىلىم ئالغان ۋە بىر ئۆمۈر ئىلىمنىڭ، سۈننەتنىڭ خىزمىتىنى قىلغان شام دىيارىنىڭ كاتتا ئىمامى. تابىئىنلار دەۋرىدىكى تۆت چوڭ ئالىمنىڭ بىرى.