مەيداندىن ئات چىقىرىۋېتىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

مەيداندىن ئات چىقىرىۋېتىش ئويۇنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئويۇن كۆپىنچە ھاللاردا ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنى باشلىنىش ئالدىدا ۋە توي - تۆكۈن ھېيت - بايراملاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقىلىشىش ئەھۋالى: كەڭرەك بىر تۈز مەيدانغا مۇسابىقە چۈشىدىغان ئادەم سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ دىئامېتىرى 20 مېتىردىن 30 مېتىرغىچە بولغان بىر چەمبەر سىزىلىدۇ. بۇ مۇسابىقىگە ياخشى ئات مىنگەن قاۋۇل، چەبدەس چەۋەندازلار قاتنىشىدۇ. بۇ پائالىيەتتە ئاتلىق ئىككى كىشى ياكى ئىككى كوماندا قارىمۇ قارشى بولۇپ مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىككى ئاتلىق كىشى مۇسابىقە تەرتىپىنى باشقۇرىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچىلەر مەيدانغا كىرگەندىن كېيىن، مۇسابىقە باشقۇرغۇچىلار ئۇلارنى چەمبەر شەكىللىك مەيدانغا ئېلىپ كىرىپ مۇسابىقە باشلاش بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچىلەر مەيدان ئىچىدە ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، پۇرسەتتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنى مەيدان ئىچىدىن قىستاپ چىقىرىۋەتسە، شۇ كىشى يەڭگەن بولىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا ئاتنى ياخشى باشقۇرماي، ئېتى ئۆزلۈكىدىن چەمبەر ئىچىدىن چىقىپ كەتسە، يەنىلا مەيداندىن قىستاپ چىقىرىۋېتىلگەن ھېسابلىنىدۇ. مەيداندىن قىستاپ چىقىرىۋېتىلگەن ئات ياكى ئۆزى چىقىپ كەتكەن ئات قايتا مەيدانغا كىرىشكە بولمايدۇ. قارشى تەرەپنى پۈتۈنلەي قىستاپ چىقىرىۋەتكەن كوماندا ياكى چەمبەر ئىچىدە ئادىمى قالغان كوماندا مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان بولۇپ، شۇ قېتىملىق ئويۇننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ. مەيداندىن ئات قىستاپ چىقىرىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار قولىغا ھەر قانداق قورال، قامچا - تاياق، ئارقان قاتارلىقلارنى ئېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئاتنى چەمبەر ئىچىدە چاپتۇرۇپ قارشى تەرەپنى چەمبەردىن قىستاپ چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. باشقا بولمىغۇر ھەرىكەتلەر، خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگۈچىلەرگە تۇنجى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. قايتا سادىر قىلسا، ئۇ ھالدا مەيداندىن چېكىنگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت ناھايىتى قىزىقارلىق بولغاچقا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئات يورغىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئات ئۈستى پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]