مەۋلانا جالالىددىن رۇمى

ئورنى Wikipedia

مەۋلانا جالالىددىن رۇمى (1207 - 1273) سوفىستىك شائىر، ئىسلام دىنىنىڭ سوفىزم ئېقىمىنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساس سالغۇچى، دۇنياۋى مۇتەپەككۈر ۋە شائىر بولۇپ 1207-يىلى بەلخ (ھازىرقى ئافغانىستاندا) تە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسى بىلەن غەربكە كۆچۈپ، تەخمىنەن 1226-يىلى كىچىك ئاسىيادىكى سەلجۇق تۈركلىرىگە قاراشلىق كونيا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئاناتولىيە ئىلگىرى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغاچقا ئەرەپلەر تەرىپىدىن رۇم دەپ ئاتىلاتتى. جالالىدىن رۇمىمۇ شۇنىڭ تەسىرىدە ئۆزى ياشىغان يۇرتنىڭ نامى بىلەن رۇمى دەپ ئاتالغان. جالالىدىن رۇمى 1230-يىلى دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شۇ جايدا ئوقۇتقۇچى بولغان. سوفىزم پېشۋاسى شەمشىددىن تەبرىزى (؟ - 1247) نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىلمى تەتقىقاتتىن ۋاز كېچىپ تەسەۋۋۇپقا بېرىلگەن ۋە سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۆز ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان. ئۇنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى 6 توملوق باياننامە داستان «مەسنەۋىي» (پەند - نەسىھەت) بىر قاتار مەسەل شېئىرىي چۆچەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تەركى دۇنيالىق ۋە سىرلىقلاشتۇرمچىلىق كۆز قارىشىنى تەرغىپ قىلغان. بۇ ئەسەر كېيىن سوفىزمنىڭ «قۇرئان» ى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇستازى شەمشىددىنگە ئاتىغان لىرىك شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. جالالىدىن رۇمى «ھەققە يەتكۈچە ئەقلىڭنى ئىشلەت، ھەققە يەتتىڭمۇ بولدى، ئەقلىڭنى تاشلاپ، تەقۋانى دوست تۇتۇپ پىكىرنى تەرك ئەت» دىگەن ئەقىدىنى قالدۇرۇپ ئۆزىدىن كېيىنكى سوپىزىم ئەقىدىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاجايىپ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مۇتەپەككۈر بولغانلىقتىن ھۆرمەتلىنىپ مەۋلانە جالالىدىن رۇمى دەپ ئاتىلىدۇ.


جالالىدىن رۇمى پەلسەپىۋى ئىدىيىدە يېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنسان يېتىشىدىغان ئالىي چەك <فەنا>، يەنى ئاللا بىلەن پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتىش، دەپ قارىغان. جالالىددىن رۇمى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە مۇزىكىلىق ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان دىنىي مۇراسىمنى يارىتىپ، بۇ مۇراسىمنى مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن. كونيادا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەمدە ئۆزى سالغان مەسچىتكە دەپنە قىلىنغان. ئىسلام دىنىدا ئەسلى تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ تەكىتلىنىشىگە ئەگىشىپ جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازى ئاجىزلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىكىر ۋە ئاجايىپ تىل ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلغان، ئىنسان قەدرى قىممىتى ۋە تەرىقەتنى كۈيلىگەن مەسنەۋىلىرى 19-ئەسىردىن كېيىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ زور زىل-زىلە قوزغىغان ۋە ياۋروپا ئىرادىچىلىك، سېھرى رىيالىزىم ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان شەرق ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ھىساپلىنىدىغان «مەسنەۋى رۇمى» بۈگۈنكى كۈندىمۇ بازىرى ئىتتىك كىتاپ بولۇپ، دۇنيانىڭ نادىر مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

گەرچە جالالىدىن رۇمى بەلختە تۇغۇلغان بولسىمۇ ئەسەرلىرىنى شۇ دەۋردە مودا بولغان پارىس تىلىدا يازغانلىقتىن باشقىلار تەرپىدىن ئىرانلىق، پارىس دەپ تونۇلغان ئەمما بەلخ تۈركى تىللىقلارنىڭ قولىدا بولغان شۇ دەۋردىمۇ ۋە پارىس تىللىقلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان ئافغانىستانغا تەۋە بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىزچىل تۈركى تىللىقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولغاچقا ، تۈركىيە ئالىملىرى جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىران نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ. � شۇ كۈنلەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەدىمىي كونيا شەھىرىدە ئۆزگىچە بىر شادلىق ھۆكۈمران . كونيادا بۈيۈك مۇتەسسەۋۇف شائىر مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى ۋاپاتىنىڭ 733يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جالالىدىن رۇمى مەقبەرىسى، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى مۇزېيى، مەدرىسىلەر، خانىقالاردا زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ.

2006- يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان تەبرىكلەش پائالىيىتى مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ۋاپات بولغان 12-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.مول مەزمۇنلۇق بۇ پائالىيەتتە مەۋلانانىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ، دۇنيا قاراشلىرى، پەلسەىىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. مۇراسىم كۈنتەرتىىلىرى بويىچە يەنە مۇشۇ كۈنلەردە مەۋلەۋىيە تەرىقىتى ۋەكىللىرىنىڭ ساماغا چۈشۈشلىرى، تەسەۋۋۇپ تېمىسىدىكى فوتو كۆرگەزمىلەر، ئالىملارنىڭ رۇمى ھاياتى ئىجادى ھەققىدىكى كاتتا مۇنازىرە – مۇھاكىمىلىرى، تەسەۋۋۇپ كۈي-نەغمىلىرى بويىچە 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا فېستىۋالى قاتارلىقلار داۋام ئەتمەكتە. بۇ پائالىيەت ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ئەدەبىياتشۇناسلار، ئالىملار ئەزىز مېھمانلار ئىشتىراكچىلىقىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت باكانلىقى ( مىنىستىرلىكى)، كونيا شەھەر مەمۇرىيىتى، شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى 12-ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەنئەنىۋى تەرزدە ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە بولۇپ ، بۇ يىلقى مۇراسىمغا ئالاھىدە تەييارلىق بېغىشلانغان.

جالالىدىن رۇمى شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تەسەۋۋۇپ كۈي-نەغمىلىرى بويىچە 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا فېستىۋال مېھمانلار ۋە كونيا پۇقرالىرىدا قالتىس گۈزەل تەسىرات-ئەسلىمىلەرنى قالدۇرماقتا. فېستىۋالغا ئەزەربەيجانلىق ھافىز ئالىم قاسىموۋ، ئۆزبېكىستان خەلق ھافىزى شىرئەلى جورايېۋ، داغىستاندىن ئەھمەد ئەھمەدوۋ ھەمدە ئىراندىن شەھرام نەزىرىي كەبى مەشھۇر تۈرك-ئەجەم سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلىپ كۈي-نەغمە پاساھىتىنى نامايان قىلماقتا ...

17كۈن داۋاملىشىدىغان پائالىيەتتە مەۋلەۋىيە تەرىقىتى ۋەكىللىرى ئىجراسىدا 23 ساما رەققاسلىرى كارامىتىنى تەقدىم قىلدى. دىنىي كۈي تەڭكەشلىكىدە ماھارەت كۆرسەتكەن ساما رەققاسلىرىنى 70مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن تاماشا قىلدى. شۇنى ئەسكەرتىش جائىزكى، ساما رەققاسلىرى مەۋلانا جالالىدىن رۇمى خاتىرە پائالىيىتىدە تاماشىبىنلارنى ئەڭ قاتتىق جەلب قىلغان پائالىيەت بولۇپ قالدى. شۇنداقلا ساما رەققاسلىرىنىڭ ماھارىتى تۈركىيەنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدە ھەم ئۆتكۈزۈلمەكتە.

مەلۇمكى، 2007- يىل مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرى تۇغۇلغانلىقىغا 800يىل تولۇش مۇناسىۋىتىدە يۇنېسكو ( UNESKO) تەرىپىدىن «خەلقئارا جالالىدىن رۇمى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان. كونيا ھاكىمى تاھىر ئاقيۈرەك جانابلىرى مەۋلانانى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ جاھان مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداق دېدى:« 2007-يىلنىڭ مەۋلانا يىلى دەپ ئېلان قىلىنىشى نىھايەتكى ئالەمچە خۇشاللىق ئىش. بۇ بىز تۈركىيە، جۈملىدىن كونيا مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە ئەدەبىياتىنى دۇنياغا قايتا نامايان قىلىدىغان ئىمكانىيەتنى بەردى. بىز 2007-يىلدا جالالىدىن رۇمى شېئىرلىرىنى تېكىست قىلىپ ناخشا ئېيتقۇچىلار مۇسابىقىسى، فىلىم فېستىۋاللىرى، مۇشائىرىلەر ئۆتكۈزۈش ھەمدە «مەسنەۋى» ئەسەرلىرىنىڭ ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشانلاپ تۇرۇپتىمىز. يەنە تېخى مەۋلەۋىيخانىلار ۋە سەلجۇقىيلەر ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدىغان مەنزىرىلەردىن ئىستىراھەت بېغى ياسايمىز ھەمدە مەۋلانا جالالىدىن رۇمى تىنچلىق مۇكاپاتى تەسىس قىلىمىز!» شةرىق ھةقنى تاپتى كېچىپ دۇنيادىن ،

غةرىب دۇنيا تاپتى كېچىپ ئاللاھدىن!

--- مةۋلانة جالالصددصن رۇمصي


كةز دۇنيانى ، كۆر كونيانى !


--- تۈرك ماقالى

دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ كاتتا شائىرلىرىدىن ۋە مۇتەسسەۋۋۇپلىرىدىن بىرى بولغان مەۋلانا جالالىددىن رۇمى، يالغۇز تۈرك خەلقى ئىچىدىلا ئەمەس، ئىسلام ۋە غەرب دۇنياسىدىمۇ مەڭگۈلۈك ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ـ مۇھەببەتكە سازاۋەر بولغان زات ئىدى. ئۇنىڭ .ئاتاقلىق ئەسىرى بولغان "مەسنىۋى" شەرق ئەللىرىدە گويا مۇقەددەس كىتابتەك سۆيۈلگەن ۋە ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. ئۇنىڭ دوستلىرى تەرىپىدىن تاللاپ خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىدىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چۈشۈنچىلىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىدە بىر ـ بىرىگە زىتتەك تۇيىلىدىغان قاراشلىرىنى سىسىتېمىلاشتۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن قېيىن. ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان سىمۋوللارنى ئىشلەتكەنلىكى ئوقۇرمەنلەرنى بەزىدە گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەن شېئىرلىرىدا، چەكسىز ھاياجان بىلەن تەڭرىنىڭ ھوزورىغا يۈكسىلىشتىن باشقا يەنە، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭمۇ رىئالىستىك شەكىلدە چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن ئوقۇرمەنلەر ئۆز قاراشلىرىنى ۋە ھېسسىياتلىرىنى ئوقۇغاندەك بولىدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى مانا بۇ تۇقتىدىن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئەڭ كەتتا ئەسىرى بولغان "مەسنىۋى" شېئىرىي نەسىھەت خاراكتېرلىك بىر ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەۋلانا مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ قەدىمىي نۇسقىسى 26 مىڭ بىيىت ۋە 6 جىلدتىن تەشكىل تاپىدۇ. مەۋلانا ساپ تۈرك ئىرقىدىن بولغىنىغا قارىماي ئەينى چاغدا پارىسچە شېئىر يېزىش مۇدا بولغانلىقى يۈزسىدىن ئەسەرلىرىنى پارىسچە يازغان ئىدى. شۇڭا مەسنىۋىنىڭ پارىسچە يېزىلغان دەسلەپكى 18 بىيىتى مەۋلانانىڭ قولى بىلەن يېزىلغان ۋە قالغان قىسمى بۇ ئەسەرنى يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان دوستى ۋە مۇرىتى ھۇسامىدىن چەلەبىيگە سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق يازدۇرۇلغان ئىدى. مەسنىۋىنىڭ ھەر بىر جىلدى گويا ئەسەرنىڭ ئۆزىدەكلا تۈز كىرىش سۆز بىلەن باشلىنىدۇ. ئەسەر مۇئەييەن بىرەر قىلىپقا سېلىنماستىن ئىختيارى ئۇسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، بىر تېمىدىن تۇرۇپلا يەنە بىر تېمىغا ئۆتۈپ كېتىش، ئوتتۇرىغا ئۇزۇن ئۇزۇن نەسىھەتلەرنى قىستۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەرخىل دىنىي ئەقىدىلەر، تەسەۋۋۇپ پىرىنپسلىرى، ئىلاھ، يارىتىلىش ۋە پەيغەمبەرلىك قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەر، مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ھېسسىيات دۇنياسىنى، ئۆتكۈز ئەقلى ۋە ئادەمنى ئىچىگە تارتىپ كېرىپ كىتىدىغان ئۇسلۇبىنى ئىنتايىن گۈزەل بىر شەكىلدە ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. مەسنىۋى ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان كىتاب بولۇپ، ئۇ تۈنجى قېتىم 1849 ـ يىلى 6 جىلد شەكىلدە بېسىلغان ۋە كېيىنكى چاغدا ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركچە تەجىمە قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەسەر يەنە غەرب تىللىغىمۇ تەرجىمە قىلىندى. مەسنىۋىنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇنلىغان شەرھىلىرى ۋە ئىزاھلىمىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. غەرب تىلىدا بولسا نېكولسوننىڭ تەرجىمىسى ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ. تۈركچىگە ئاساسەن دېگۈدەك، «دىۋانى كەبىر» دەپ تونىلىدىغان « دىۋانى شەمس»نىڭ 6 جىلد شەكىلدىكى نۇسخىسى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، نېمىسچە تەرجىمىسى ركېرت تەرىپىدىن نەشىر قىلدۈرۈلغان ئىدى. نېكولسون تەييارلىغان تاللانمىلار ئىنگىلىزچىدە، (Selected poem from the Divan-i shamsi tabriz) دېگەن ئىسىم بىلەن 1898 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە مەۋلانانىڭ ھاياتى، پىكىرلىرى ۋە ئەدەبىي كىشلىكى توغرۇلۇقمۇ تۈرك، پارىس ۋە غەرب تىللىرىدا نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

مەسنەۋى، مەۋلانا مۈزىيى، كونيا


مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان مەۋلىۋىلىك تەرىقىتى، 15 ـ ئەسىردە پۈتۈن ئانادولۇدىن ئىستانبۇلغىچە كەڭ تارقالغان ئىدى. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئازىمۇ تەرىقەت پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلمايدىغان بولغاچقا، ئەگەشكۈچلىرىگىمۇ ھېچ قانداق قائىدە، پىرىنسىپ بەلگىلىمىدى. ئۇنىڭ ھەممىگە مەلۇملۇق تەرىقەت قائىدىلىرى بولسا، ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ بۇرۇت ـ ساقىلىدىن بىر قانچە تال كېسىپ ئېلىش، خەلپەتلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەنلەرگە كەڭ قوللۇق، ياقىسىز، ئالدى ئوچۇق يەكتەك كېيگۈزۈش ۋە خەلققە نۇر چېچىشنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوراس گۇڭگۇرت بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى تەسەۋۋۇپ تەربىيىەسىنىڭ ئاساسىي سۈپىتىدە، شەرىئەتكە ئەگىشىشنى، ئىشق ۋە چەكىسز ھاياجاننى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بىپايان ئاسماننىمۇ ئىشىق ۋە ھېسسىياتقا ياردەمچى ئامىل ھېسابلايتتى. ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلىد ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەۋلىۋىلىكنى بىر تەرىقەتكە ئايلاندۈرغان ئىدى. مەۋلىۋىلىك تەرقىتىگە كۆرە، تەسەۋۋۇپ تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى، كىشىنىڭ ئۆزىگە قايتىشىنى، ئۆزلۈكىنى تېپىپ چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىسىم سۆزلۈكلەردىن ھالقىپ، ئىلاھنى تېپىش ۋە مەۋجۇدىيەت ئالىمىدىن ئايرىلىش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، باردەك كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە يوق بولۇپ، باردەك كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئارقىلىق ئىلاھ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئېلان قىلاتتى. جەلالىددىن رۇمىنىڭ قارىشىچە، مۇرىت ئۆزىگە نەزەر سالغان ھامان مۇرشىدىنى (يەنى يول كۆرسەتكۈچىسىنى) كۆرۈشى ۋە مۇرشىدىنىڭ پۈتۈن تەلەپلىرى ئېتىرازسىز شەكىلدە تولۇق قوبۇل قىلىشى، مۇرشىدىگە ئىتائەت قىلىشنى «ئىلاھقا ۋە ھەزرىتى مۇھەممە ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش» دەپ ھېسابلىشى لازىم ئىدى. گەپ ـ سۆز قىلمايدىغان بولۇشى، مەنلىكىنى ئاجىزلىتىشقا ھەتتا پەرھىز تۇتۇش يولى ئارقىلىق مەنلىكىنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئىنساننى يامان ئىشلارغا باشلايدىغان نەپسىنى پەقەت مۇرشىدىلا ئۆلتۈرەلەيتتى.

مەۋلىۋىلىكنىڭ تەرىقەت مۇراسىمى سەمادىن ئىبارەت بولۇپ، «ئايىنى شەرىف» (يەنى پاك مۇراسىم) دەپ بىلىنىدىغان ۋە «مۇترىب» دەپ ئاتىلىدىغان سازەندىلەر خورى تەرىپىدىن ئوقۇلىدىغان ئاۋازلىق «ئايىنى شەرىف»نىڭ سۆزلىرى ئومۇمەن مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ پارىسچە مەسنىۋىسىدىن ئېلىنغان بىيىتلاردىن ئىبارەتتۇر. مەۋلىۋىلىكتە زىكىر تەلقىنى، تون كېيدۈرۈش، خىلۋەتكە ئۆتۈش، تەرەىقەتكە كىرىش ۋە خەلپەت بولۇش قاتارلىق ئىشلار مۇئەييەن قائىدىلەرگە باغلانغان بولۇپ، زىكىر تەلقىنىدە، شەيخ مۇرىدىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قولىنى تۇتىدۇ ۋە بارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە ئالىدۇ. تەلقىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەيخ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مۇرىتنىڭ چېچىدىن بىر قانچە تال كېسىپ ئالىدۇ. خىلۋەتكە ئۆتۈش باشقا تەرىقەتلەردىكىگە ئوخشاش 40 كۈن داۋام قىلىدىغان پەرھىزگارلىق ۋە ئىبادەت قىلىش شەكىلىدە ئەمەس، بەلكى تەككىدە خىزمەت قلىش شەكلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. خىلۋەتنى تاماملىغان كىشى «دەرۋىش» دەپ ئاتىلىدۇ. مەۋلىۋىلىكتە تاج ۋە تون كېيدۈرۈش كېچىك مۇراسىم بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. تاج كېيدۈرىلىدىغان مۇرىت، بېشىنى ئېچىپ شەيخنىڭ ئالدىدا ئولتۇۈپ، بېشىنى شەيخنىڭ تىزىغا قويىدۇ. شەيخ مەۋلىۋى ھالقىسىنىڭ شەيخلىرىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇيدۇ ۋە ئاللاھتىن مۇرىتنى پىقىرلىق يولىدا ئۇتۇققا ئېرىشتۈرىشنى، بېشىغا مەنىۋىي بىر تاج كېدۈرۈشنى تىلەيدۇ. ئاندىن تاج كېيدۈرۈلۈپ، سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن ئۆرە تۇرغۇزۇلۇپ تون كېيدۈرىلىدۇ.


مەۋلىۋىلىكتە، شەيخى تەرىپىدىن خىلۋەتتىن چىقىرىلغان دەرۋىشكە ۋە "دەدە"لەرگە بېرىلىدىغان خەلپەتلىك مەرتىۋىسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچى تۈردىكىلەر بىرەر تەككىخانىنىڭ باشقۇرۇش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلار باشقىلارغا يول باشلاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمايدۇ. ئىككىنچى تۈردىكىلەر، تەسەۋۋۇپ تەربىيەسىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىنى بىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرگە مەلۇماتلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكلەرگە بولسا، كىشىلەرگە بىلىم ئۆگىتىش ۋە شەيخلىق قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ.

مەۋلىۋىلىك تەرىقىتىنىڭ كىشىنىڭ تەسەۋۋۇپ مۇساپىسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغا كۆرە بەلگىلىنىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك باسقۇچى بار. بىرىنچى باسقۇچتىكىلەر مۇرىتلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى تەشكلى قىلىدىغان «مۇھىبلەر» بولۈپ، ئۇلار ئەنئەنىلەرگە كۆرە، مەۋلىۋى كولاسىنى كېيىپ يولغا ئاتلانغان ئەمما دەرۋىشلىك ماقامىغا يەتمىگەن كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتىكى دەرۋىشلەرگە بولسا، «دەدە» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. بىرەر تەككىخانىنى باشقۇرۇش «مۇھىب» ۋە «دەرۋىش» يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسى بولغان شەيخلەر ئۈچىنچى باسقۇچتا ئورۇن ئالغان بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدە خەلپەتلەر ئورۇن ئالىدۇ. مەۋلىۋىلىك تەرىقىتىنڭ مەركىزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەككېخانا شەيخلىقى بولسا، سۇلتان ۋەلىدتىن كېيىن دادىدىن ئوغۇلغا ياكى ئائىلە چوڭىغا مىراس قالىدىغان ئەنئەنە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

*

كونيانىڭ شەھەر مەكىزىدە، مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ قەبرىسى جايلاشقان مەۋلىۋى دەرگاھى بار بولۇپ، 1926 ـ يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇزېي قىلىپ تۈزەشتۈرۈلدى ۋە خەلق ئاممسىغا ئېچىۋېتىلدى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ سىرتى يېشىل رەڭلىك چىنە خىش بىلەن بېزەلگەن مەقبىرىسى بولسا، 1274 ـ يىلى ئانادولۇ سەلجۇق ئىمپېراتورلۇقى دەۋرىدە قىسمەن ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن 2 ـ بەيازىتنىڭ دەۋرىدە ئىچكى بېزەكلىرى قايتىدىن يېڭىلىنىپ، يېشىل گۈمبەرنىڭ چىنە خىشلىرى كۇتاھيا چىنە خىشلىرىغا ئالماشتۇرۇلدى.

مەۋلانانىڭ قەبرىسى.كونيا

مەۋلانەۋە ئوغلى سۇلتان ۋەلىدنىڭ كۆك مەرمەر تاشلىق مازارلىرى بار قەبرىستانلىققا شەرق، غەرب شىمال ئۈچ تەرەپتىن كېچىك گۈمبەزلەر بىلەن ئۇرالغان جايلار قوشۇۋېتىلدى. ھازىر ئۇ يەردە جەمئىي 68 تاش قەبرە بار. قەبىرىگاھنىڭ ياڭاق ياغىچىدا ياسىلىپ، ئۈستى كۈمۈش بىلەن قايلانغان ئىككى قاناتلىق بىر ئىشىكى بولۇپ، بۇ ئىشىكتىن تىلاۋەت ئۆيىگە ئۆتكىلى بولىدۇ. ھازىر بۇ ئۆي مۇزېينىڭ خۇشخەت بولىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى مەشھۇر خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

بۇ تىلاۋەت ئۆيىنىڭ يېنىدىلا تۆت گۈمبەزلىك ئەڭ ئاخىرقى جامائەت مەركىزى بار. بۇ مەسجىد قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە ياسىتىلغان تۆت چاسا، بىر گۈمبەزلىك، يېپىق بىنا بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جاي تەسبىھلەر، شاملار، شام قايچىلىرى، شامدانلار، گۈلدانلار دېگەنگە ئوخشاش دەرگاھقا ئائىت خىلمۇخىل بويۇملار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مۇزېي بۆلۈمىگە ئايلاندى. مەقبىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ساماخانا بولسا، قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ دەۋرىدە ياسىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈيلەش كۈرسى، تالىب ھۆجرىسى، ئايال ۋە ئەر زىيارەتچىلەر ئۈچۈن ئايرىم ـ ئايرىم ياسالغان سۇپىلار ساقلانماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل گىلەملەر، مىتال بويۇملار، ياغاچ ئويما بويۇملار، مەۋلىۋى سازلىرى ۋە مەۋلانانىڭ كېيىملىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا. دەرھاگنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان مورىلىق ۋە گۈمبەزلىك دەرۋىش ھوجرىلىرى، ئاشخانا ۋە كۈتۈپخانىلار 3 ـ مۇراتنىڭ دەۋرىدە قوشۇمچە قىلىنغان ئىدى. ئۇ يەدىكى ئاشخانا بولسا، رىيازەتخانا بىلەن ساماخانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جاي ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە ئائىت يازما ماتېرياللار، گىلەم، رەخت، ۋە مەۋلىۋى يېمەكلىرى كۆرگەزمەخانىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. ھويلىدىكى گۈمبەزنىڭ تۈگەش قىسمىغا جايلاشقان چەلەبىي ھوجرىسى بولسا، دەرگاھ شەيىخلىرىنىڭ مېھمانلىرى ئۈچۈن ياسىتىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردە ھەمدەم سائىت چەلەبى تەرىىپىن قۇرۇلغان ۋە مۇزېغا تەۋە قىلىنغان كۈتۈپخانا ساقلانماقتا. كۈتۈپخانىدا مەۋلاناغا ۋە مەۋلىۋىلىك تەرىقىتىگە ئائىت 1500 يازما ئەسەر ۋە 5500 پارچە كىتاب ساقلانماقتا. دەرگاھنىڭ ھويلىسىدا مەرمەردىن ياسالغان سۈپىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم مۆتىۋەر دۆلەت ئەربابلىرىغا ئائىت بەش قەبرىگاھلىرىمۇ بار.

كونيادا ھەر يىلى دىكابىر ئېيىدا مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. تۈرك تەسەۋۋۇپ مۇزىكىسىنىڭ ئەڭ ئىلغار قىسمىنى تەكشىل قىلغان مەۋلىۋى مۇزىكىلىرىنڭ ھەمراھلىقىدا ساماغا چۈشۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن زىيارەتچىلەر بۇ يەردە ئىلاھىي ئىشقنىڭ يولىدا ئىنسانىيەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشقان ئۇلۇغ ئالىم، بۈيۈك تۈرك شائىرى ۋە مۇتەسسۋۇپى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ كەلمەكتە. بىزمۇ مەۋلانىنى ھۆرمەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئەسلەيمىز.[1]

  1. "Archive copy". Archived from the original on 2015-03-17. Retrieved 2014-09-28.CS1 maint: archived copy as title (link)