مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى

ئورنى Wikipedia

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گېرمانىيە)

ئۇيغۇر تۈرك ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ بۇيۇك سىمالىرىدىن بىرى بولغان جالالىدىن رۇمى بولسا مەۋلانە ئۇنۋانى بىلەن ئاتالغان بىر ئۇلۇغ ئالىم، ياخشى بىر پەيلاسۇپ، تالانتلىق شائىر ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتىمىزنىڭ سۇلتانىدۇر.

جالالىدىن رۇمى 1207-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئافغانىستاننىڭ بۈگۈنكى مەزارى-شەرىفتىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بەلخ دىگەن شەھەردە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى جالالىدىن مۇھاممەد بولۇپ، «رۇمى» كونياغا كەلگەندىن كىيىنكى قوشۇلغان ئىسمى ئىدى. «مەۋلانە» بولسا ئۇنى ئۇستاز سۇپىتىدە ھۆرمەتلەپ ئاتىغان ئۇنۋانى ئىدى.

جالالىدىن رۇمىنىڭ دادىسى خارەزىم شاھلار خانىدانلىقىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن بولۇپ، «بىلگىلەرنىڭ سۇلتانى» دىگەن ئۇنۋانغا مۇيەسسەر بولغان، باھائەددىن ۋەلەد دىگەن كىشى. ئاننىسى بولسا بەلخنىڭ ئەمرى رۈھنەددىن دىگەن كىشىنىڭ قىزى مۈمىنە خانىم.

باھائەددىن ۋەلەد گەرچە بىر ئەمىرنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلەن گەن بولسىمۇ ئەمما شۇ زاماننىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس ئىدى. باھائەددىن ۋەلەد مۇقەدەس دىنىمىز بولغان ئىسلامنى ھەقىقى ماھىيىتى بىلەن خەلق ئىچىگە يېيىشقا، پاك نىيەتلىك، ھەققانىيەتچى ئىسلام مۈردلىرىنى يېتىشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشقان بىلىملىك كىشى ئىدى. ئەمما بۇ ئەخۋال بەزى خانىدان مەنسەپدارلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارا نىيىتى ئىسلامنى ئۆز مەمپەئەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن شۇ چاغدا ئورتا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ قانلىق ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاستىدا چەيلەپ كىلىۋاتقان مۇڭغۇل ئىستىلاچىلىرىنىڭ زۇلۇمى خارەزىم شاھلار خانىدانلىغىنىڭ بوسۇغىسىغا كىلىپ قالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن باھائەددىن ۋەلەد ئائىلىسى ۋە ئۆز ھەمرالىرى بىلەن ھىجرەت يولىنى تاللىغان ئىدى.

(مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ مەقبەرىسى ئالدىدا. 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، كونيا)

1. ئۇزۇن سەپەر

مانا مۇشۇ چاغ جالالىدىننىڭ ئون ئىككى ياش ۋاخلىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ بەخىتلىك ئۆسمۇرلۇك چاغلىرىنى ياشىغان، شۇ زامانغا ئۇيغۇن قۈرئان، تەجۋىت، ھەدىس، ھۈسنى خەت ۋە قەھرىمانلار داستانلىرى، مەسەللەر، ھېكايە، چۆچەكلەرنى بىرلىكتە ئۈگەنگەن ئاشۇ تاتلىق دوستلىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆز روھىدا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ئانا يۇرتى بەلخقە ئىزدىراپ ياشلىرىغا تولغان كۆزلىرى بىلەن نەزەر تاشلاپ، «ئەلۋىدا يۇرتۇم» دەپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ، ئون ئىككى يىللىق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. جالالىدىن رۇمى كىچىك تۇرۇپلا سۇرگۇنلۇك ھاياتنىڭ قانداق بىر ھايات ئىكەنلىگىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۇپ، تونۇپ يېتىدۇ. بىر ئۆسمۇر-بالا بولۇش سۇپىتى بىلەن بەزىدە ئۇمۇتلىك، بەزىدە ئۇمۇتلىرى سۇنغان، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يولىنىڭ نەرگە بىرىپ، نەردە توختايدىغانلىغىنى بىلمەي، ئەتراپقا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، بالىلىق دەۋرىنى سەرگەردانلىقتا ئۆتكۇزىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۇنلەردە ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان، سەپىرىنى مەنىلىك ئۆتكۇزۇشكە سەۋەپ بولغان ، سەپەردە داۋاملىق ئوقۇپ ماڭىدىغان كىتابلىرى ئىدى. كىتابلار ئۇنىڭغا ئەڭ يىقىن ھەمرا ۋە سىرداش بولغان ئىدى.

بۇ ئۇزۇن سەپەردە ئۇلار نىشانبۇر، باغداتقا بارىدۇ ۋە ھەرەمگە بىرىپ ھەج پەرىزنى ئادا قىلىپ، شامغا كىلىپ توختايدۇ. شامدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كىيىن ئانادولىغا قاراپ يول ئېلىپ، مالاتيا، ئەزىنجان، سىۋاس، قەيسىرى ئاندىن قاراماندا تۇرۇپ، بۇ يەردە ئەمىر مۇسانىڭ سالدۇرغان مەدرىسىگە يەرلېشىدۇ. بۇ شەھەردە يەتتە يىل قالدۇ، بۇ دەل 1222-يىللىرى ئىدى. جالالىدىن رۇمى 1225-يىللىرى شەرەفېددىن لالانىڭ قىزى گۆھەر بىلەن توي قىلدۇ. بۇ ئايالىدىن سۇلتان ۋەلەد ۋە ئالەئېددىن چەلەبى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى دۇنياغا كەلدۇ، ئەمما مەۋلانە ئۆزىنىڭ مېھرىۋان ئانىسى گۆھەر خانىمدىن مەڭگۇلۇك ئايرىلىپ قالىدۇ.

1228-يىلى باھاردا سەلجۇقلار دۆۋلىتىنىڭ سۇلتانى ئالەئېددىن كەيكۇباتنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، پايتەخت كونياغا كېلىدۇ. كونيا بولسا مەۋلانە ئائىلىسىنىڭ مۇساپىرچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرى بىكەت ئىدى. بۇ ئون ئىككى يىل داۋاملاشقان سەپەردە، ھەيۋەتلىك كارۋانلارنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ « نەردىن كىلىپ، نەرگە كىتىۋاتىسىلەر ؟» دىگەن سوئاللىرىغا باھائەددىن ۋەلەد :«ئاللاھدىن كەلدۇق، ئاللاھقا كىتىۋاتىمىز، ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر كۈچ ۋە توسالغۇ بىزنى توسالمايدۇ.» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.

2.كارۋان كونيادا

كونيا خەلقى بۇ كارۋاننى شۇنداق ھەيۋەتلىك قارشى ئالدۇ، ھەتتا سەلجۇقلار دۆۋلىتىنىڭ سۇلتانى ئالەئېددىن كەيكۇبات ئۆزىمۇ قارشى ئىلىشقا چىققان ۋە ئوردىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئەمما باھائەددىن ۋەلەد: «ئەي ئەركلىك سۇلتانى! ياخشى كۆڭلىڭىز بىزگە يەتتى. پەقەت ئىماملار مەدرىسكە، شەيىقلار خانقاغا ، ئەمىرلەر ئوردىغا، سودىگەرلەر سارايلارغا، بويتاقلار بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغا، غىرىپلار دەڭلەرگە ئۇيغۇندۇر. رۇخسەت قىلسىڭىز بىز ئۆز لايىقىمىز بولغان مەدرىسكە ئورۇنلىشايلى» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كارۋان كونيادىكى ئەڭ چوڭ مەدرىسلەردىن بىرى بولغان «ئالتۇن ئاپا» ناملىق مەدرىسكە يەرلىشىدۇ ۋە ھېچقانداق بىر سوغا قوبۇل قىلماي «بىزنىڭ دۇنيا مالىغا ھاجىتىمىز يوق» دەپ، ئەدەب بىلەن سوغىلارنى رەت قىلىدۇ.

بۇ دەۋىرلەردە سەلجۇقلار دۆۋلىتىنىڭ پايتەختى بولغان كونيا ناھايىتى تېچ شەھەر بولۇپ، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ بۆشىگى ئىدى. موڭغۇللارنىڭ زۇلىمىدىن قاچقان شەرىقلىق بىلىم ئادەملىرى، سەنەتچىلەر يېغىلغان جاي ئىدى. ئانادولىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن بۇ يەرگە ئىلىم ئۈگۈنىش ئۈچۈن كەلگەن ياشلار بىلەن تولغان ئىدى. كونيا بولسا ئىسلامنىڭ غەرىپكە يۇزلىنىشىدە ناھايىتىمۇ مۇھىم ئىدى. بۇ شەھەردە ھەرخىل مەدەنىيەتتىكى ئىنسانلار ياشايتى؛ تۈركلەر، ئەرمەنلەر، يەھۇدىلار، گېرىك، پارىس قاتارلىقلار. شۇڭا ئەتراتىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەرمۇ كۆپ ئىدى.

مەۋلانە ئائىلىسىنىڭ بۇ شەھەرگە كىلىشىدىن پۈتۈن شەرھەر ئائىلىسى خوش بولغان ئىدى.

باھائەددىن ۋەلەد كونيادىكى چوڭ مەدرىسلەردە دەرس بىرەتتى، ئۇنىڭ دەرىسخانىلىرى ئىنسانلار بىلەن لىق تولاتتى، ئۇنىڭ نامى ئەتتراپقا يېيىلىپ، ھۆرمىتى ئاشتى.

جالالىدىن رۇمىنىڭ دادىسى باھائەددىن ۋەلەد 1231-يىللى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ ئەڭ يېقىنى شەيىق بۇرخانەتنى ئۇستاز تۇتىدۇ. ئۇ زاتتىن توققۇز يىل ئىلم ئۈگىنىدۇ. كېيىن مەۋلانە بولسا بەزى تالىپلار بىلەن بىرگە ئۆز بىلىمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسىدىدە ئايالى بىلەن ئىككى ئوغلىدىن ۋاقىتلىق بىر مەزگىل ئايرىلىپ، باغدات ۋە شاملارغا بىرىپ بىلىم ئالىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن ئالىملار، پەلسەپەچىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇ ئەرەپ ، پارىس ۋە گېرىك تىللىرىنى پىششىق ئىگەنلەيدۇ.

ئۇستازى شەيىق بۇرخانەت ئالەمدىن ئۆتىدۇ. سۆيۇملۇك ئايلى گۆھەر خانىممۇ ياشلار ۋاپات بولىدۇ. جالالىدىن رۇمى بىر تەرپتىن ئىككى پەرزەنتىنى تەربىيەلسە يەنە بىر تەرەپتىن دادىسى ۋە ئۇستازىنىڭ ئىزىنى بېسىپ مەدرىستە دەرس ئۆتىدۇ. جۇمە كۈنلىرى بولسا پۈتۈن كونيا جامائەتىگە ۋەز بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جالالىدن رۇمىنىڭمۇ نامى چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشىدۇ، تالىپلىرىنىڭ سانى كۈندىن-كۈڭە كۆپىيىدۇ. جالالىدىن رۇمى ئەمدى بىر بۇيۇك ئالىم بولۇپ تونۇلدۇ.

جالالىدىن رۇمى ئىككىنچى قىتىم كەررا خانىم بىلەن نىكاھلىنىدۇ. كەررا خانىم بولسا ئىككى پەرزەنتى (كىميا، ياقۇپ) بىلەن ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان شاھ مۇھەممەد دىگەن كىشىدىن تۇل قالغان، كونيادىكى ئەڭ چىرايلىق خانىملاردىن بىرى ئىدى.

جالالىدىن رۇمى بۇ گۈزەل يۇزلۇك ئايالى كەررا خانىمدىن ئۈچ پەرزەتلىك بولىدۇ. قىزى مەلىكە بىلەن ئوغۇللىرى ئەمىرالەم ۋە مۇزاففەرەددىن.

3. مەۋلانەنىڭ شەمسى تەبرىز بىلەن ئۇچرىشىشى

مەۋلانە بىر كۈنى مەدرىستە چىقىۋاتقاندا شەيىق شەمسى تەبرىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ ئۇچرىشىش مەۋلانەنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى چوڭ بىر بۇرۇلۇشقا سەۋەپچى بولدۇ.

شەمسى تەبرىز ئىران، ئىراق، سۇرىيە ۋە ئانادولىنى كېزىپ يۇرگەن بىر تۈرك دەرۋىشى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل ئىدىيەسى بار، داۋاملىق قارا دەرۋىشلىك تونىنى ئۇستىدىن چۇشۇرمەيدىغان بىر شەيىق ئىدى.

مەۋلانە بۇ شەيىققە ناھايىتى مەككەم باغلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئايرىلماي كىچە-كۈندۇز بىرگە سۆھپەتلەردە بولۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تا بۈگۇڭىچە ئۈگەڭەن پۈتۈن بىلىملىرىنىڭ ئاللاھ يولىدىكى بىر ۋاستە ئىكەنلىگىنى تۇنىيدۇ ۋە ئۆزىدە “ئاللاھنىڭ نۈرلىرىنى” كۆرۇشكە باشلايدۇ. ۋە لېكىن مەۋلانە ئۆزىڭ مەدرىستىكى پۈتۈن پائالىيەتلىرىنى توختىتىدۇ ھەتتا ئائىلىسى بىلەنمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. پەقەت شەمسى دەيدۇ باشقا بىر نەرسە دىمەيدۇ. بۇ ئەخۋال ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى راھەتسىز قىلىدۇ ۋە كونيا خەلقى شەمسى تەمرىزگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا باشلايدۇ. مانا بۇ ئەخۋالنى بايقىغان شەمسى تەبرىز بىر كېچىدە مەۋلانەگە “خوش” دىمەيلا كونيادىن ئايرىلدۇ. ۋاھالەنكى بۇنىڭ بىلەن ئىش تۇگمەيدۇ. مەۋلانە تاشقى دۇنيادىن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۇزۇپ، ئىچكى دۇنياسىدا بورانلار چىقسىمۇ، سىرتىدا بىرتال ياپراقىنىمۇ مىدىرلاتماي، شەمسىنىڭ دەردىدىن ئاھ ئۇرۇپ ياشايدۇ. مەۋلانەنىڭ كۈندىن-كۈن گە يامانلاشقان بۇ ھالىنى كۆرگەن ئوغلى سۇلتان ۋەلەد شەمسى تەبرىزنىڭ شامدا ئىكەنلىگىنى بىلىپ، بىر كارۋان بىلەن بىرىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلدۇ. ئۇ كەلگەندىن كېيىن مەۋلانەنىڭ ئۆگەي قىزى كىميا بىلەن ئۆيلىندۇ. بۇ ئەخۋال مەۋلانىڭ يەنە بىر ئوغلى ئالەئېددىن چەلەبىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدۇ. چۈنكى ئالەئېددىن چەلەبى شەمسىنى ھىچ ياخشى كۆرمەيتى، ئۇنىڭ ئۇستىگە كىميا قىزغا كۆڭلى بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەخۋالدا شەمسى تەبرىزنىڭ كونيادىكى رەقىبلىرى ئالەئېددىن چەلەبىنى، شەمسى تەبرىزگە قارشى كۇشكەرتىدۇ. كېيىن قانداقتۇ نامالۇم كېشىلەر تەرىپىدىن شەمسى تەبرىز ئۆلتۇرۇلدۇ.

4. خامتىم، پىشتىم، ياندىم

مەۋلانە شەمسى تەبرىزنىڭ ئۆلۇمىدىن كىيىن ئۆزىگىچە يېڭى بىر يول تاپتى. ئۇ ئىجادىيەت يولىغا مىڭىپ، شىئېر يازدى، ساما ئوينىدى ۋە ئەتراپىدىكىلەر مەنىۋى جەھەتتىن ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بىيىتىش ئۈچۈن ئۆمرىنى ئاتىدى. ئۇ ئۆزىنى ” خامتىم، پىشتىم، ياندىم” دەپ ئۆزىنىڭ ھەسرەتلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئىچىدىن كۆيگەن، تىشىنى كۇل قاپلىغان چوغقا ئوشاپ قالغان ئىدى. ئەمدى بۇ كۇل قاپلىغان چوغنى بىرسى كىلىپ بىرلا “پۇف” دىسە ئۆزىنىڭ قىپ-قىزىل ئاتەشلىك يۇزىنى پۈتۈن ئالەمگە نامايەن قىلاتتى. دەل ماشۇ چاغدا بۇ چوغدىكى كۇلنى ئۆزىنىڭ سادىق شاگىرتى ھۈسەمەتتىن چەلەبى كېلىپ “پۇف” دىدى.

ھۇسەمەتتىن بولسا بىرقانچە مەدرىسلەرنى پۈتتۇرگەن بىلىملىك كېشى ئىدى. ئۇ ئۆزى پۈتۈن كۆڭلى بىلەن باغلانغان سۆيۇملۇك ئۇستازى مەۋلانەنىڭ شائىرلىق تالانتىنى بايقاپ، ھەيران- ھەۋەس بولۇپ، ئۇستازىنىڭ شىئېرلىرىنى، ھېكايىلىرنى، رۇبايىلىرنى ۋە پۈتۈن سۆھبەتلىرنى يېزىپ قالدۇرۇپ، بۇلارنى كىتاب شەكىلدە كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرۇشقا بەل باغلايدۇ ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئۆزىنىڭ مۇقەدەس بۇرچى دەپ بىلدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەۋلانەنىڭ دۇنياغا مەشھۇر مەسنەۋى، دىۋان-كەبىر قاتارلىق ئەسەرلىرى روياپقا چېقىدۇ. بۇ ئەسەرلەردىكى بېيىتلارنى مەۋلانە ئۆزى قەلەم بىلەن يازغان ئەمەس بەلكى مەدرىسلەردە، يوللاردا، مۇنچىدا، باغلاردا، ساما ئويناۋاتقاندا سۆزلىگەن. بۇلارنى ھۇسەمەتتىن خاتىرلەپ، رەتلەپ ماڭغان. مەۋلانە ھىسياتقا تولغان چاغلاردا ئارقا-ئارقىدىن سۆزلىگەن بېيىتلىرنى يېزىشقا ئۆلگۇرەلمەي قالىدىنغان ئەخۋاللارمۇ بولغان، ھەتتا كېچە-كۈندۇز توختىماي شىئېر، رۇبايىلارنى سۆزلىگەن. ئەمما بەزىدە ئايلاپ ھەتتا ئىككى يىلغا قەدەر ھېچ بىر نەرسە سۆزلىمىگەن چاغلىرىمۇ بولغان.

5. مەۋلانەنىڭ ئەسەرلىرى

مەۋلانەنىڭ ئاساسلىغى بەش ئەسەرى بار . مەسنەۋى، دىۋان-كەبىر، فىھى-مافىھ، مەجەلىسى-سەبا (يەتتە مەجلىس) ۋە مەكتۇباتلار.

مەسنەۋى:

مەسنەۋى بولسا جەمى ئالتە جىلتلىق 25618 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان، كىلاسسىك شەرىق ئەدەبىياتىدىكى شىئېر ئۇسلۇبىدا يېزىلغان يەنى ئىككى مىسرالىق، ئۆز-ئارا قابىيەداش بولغان، «فائىلاتۇن – فائىلاتۇن – فائىلۇن» دىگەن شىئېر ئۇسلۇبىدا يېزىلغان.

مەسنەۋىنىڭ تىلى پارىسچە بولۇپ، مەۋلانە سۆزلىگەن بېيىتلارنى، ھېكايىلەرنى، ھىكمەتلىك سۆزلەرنى شاگىرتى ھۇسەمەتتىن چەلەبى خاتىرلەپ، رەتلەپ كىتاب قىلغان.

مەسنەۋى خۇددى مەۋلانە ئۆزى: « بۇ كىتاب مەسنەۋى كىتابىدۇر، مەسنەۋى ھەقىقەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ سىرلىرىغا ئاگاھ بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەقلىنى يەتكۇزۇشنى ئويلىغانلار ئۈچۈن بىر يولدۇر» دىگەن.

مەسنەۋىدە مەۋلانە بىر ھېكايىنى باشلايدۇ، ئەمما بۇ ھېكايىنى دەرھال ئاياقلاشتۇرماي ئارىسىدا بېيىت ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەرنى دەپ، ھېكايىنى يەنە كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرىدۇ.

مەۋلانەنىڭ سۆزلىگەن ھەر-بىر ھېكايىسى ئىنسانلارنى توغرا يولغا، گۈزەللىككە يۇزلەندۇرىدىغان نەسىھەتلەر ئۇستىگە قۇرۇلغان. بۇ ھېكايىلەرنىڭ بەزىلىرى قەھرىمانلار توغرىسىدا، بەزىلىرى ۋەلىلەر، بەزىلىرى سوپىلار، بەزىلىرى پادىشاھلار توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. مەيلى كىم توغرۇلۇق بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كەمچىلىك ۋە ئارتۇقچىلىغىنى ھېكايە قىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كىم بولۇشى مۇھىم بولماستىن، مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلى ۋە كەمچىلىگىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، كىشىلەرگە سەخسىيەتچىلىك، قىزغانچاقلىق، ھەسەت ۋە ئۇلارنىڭ ئەنسىرەشلىرىنى شەھىرلەپ، ئىنسانلارنى ئەسكىلىكتىن ئىبرەت ئىلىشقا، ياخشىلىقتىن ئۇلگە ئىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ ئىنسانلار گەرچە 800 يىللار ئالدىدىكى ئىنسانلار بولسىمۇ ئەمما ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەر ۋاقىت ئارىمىزدا مەۋجۇتتۇر.

پەزىلەتكە، ئەخلاققا يۇزلىنىدىغان يول ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى سۇزۇك بىلىش يولىدىن ئىبارەتتۇر. مەسنەۋى بولسا خەلق ئىچىدە مۇقەدەس كىتاۋىمىز قۇراننىڭ ئۇزۇندىسىدۇر. بۇ كىتاب ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئىنسانلار ئۈچۈن چۇشۇنۇشلۇك قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، ئىرشاد ۋە تەربىيەنى ھەر جەھەتتىن سىستىمىلىق قىلىپ ئىپادىلەپ بەرگەن.

دىۋان-كەبىر:

دىۋان-كەبىر دىگەنلىك شىئېرلار توپلانغان «بۇيۇك دەپتەر» دىگەنلىك بولۇپ يەنە «بۇيۇك دىۋان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مەۋلانەنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردە ۋە ھەرقايسى مەزمۇنلاردا يېزىلغان شىئېرلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدۇر.

بۇ ئەسەرنىڭ تىلى پارىسچە بولۇپ، ئاز ساندىكى بەزى شىئېرلىرى تۈركچە، ئەرەپچە ۋە گىرېكچە يېزىلغان.

دىۋان-كەبىردىكى شىئېر ۋە رۇبايىلارنىڭ سانى 40،000 دىن ئىبارەت.

دىۋان-كەبىردىكى ھىكمەتلەر، پاساھاتلىك سۆزلەر، تېرەن-تېرەن مەنالار، ئاشىقلىق، يىگانىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئۇنچىلەر ۋە بېيىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەرگەن ئىلھامى بىلەن مەۋلانەنىڭ كۆڭلىدىن ناھايىتى گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن ئۇرغۇپ چىققان.

بۇ شىئېرلارنىڭ رىتىملىقى، رەڭمۇ-رەڭلىكى بىلەن ۋە شىئېردىكى تىلنىڭ گۈزەللىگى بىلەن شىئېر گۇزەللىگىدىن ھالقىپ، گۈزەللىكنى جانلاندۇرىدىغان بىر ئىلھام قۇياشقا ئايلانغان.

ئاشىق بولسا مەۋلانەنىڭ كۆڭلى ئارقىلىق مەشۇقىغا ئېرىشكەن.

مەۋلانە سۆز ئۇستاسى بولۇپ، ئۇ گۈزەل سۆزلەش قابىلىيىتى، ئىلھام تۇيغۇسى بىلەن يارىتىلغان زات ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتتا يالغۇز سۆزلەشى بىلەن ئەمەس بەلكى جىم تۇرۇشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەنانى ئىپادىلەيتى. ئۇنىڭ ئوينىغان ساماسىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىمۇ بىر ھىكمەتلىك سۆز ئىدى. ئۇنىڭ جىم تۇرۇپ ئىپادىلىگەن سۆزلىرى، سۆزلەپ تۇرۇپ، سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن بەتەر چوڭقۇر مەزمۇنلارنى ئىپادىلەيتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قۇلاقلاردىن يۈرەكلەرگە نۈر چۇشەتتى. يۇرەكنىڭ قەدەھلىرىگە شاراپ، رۇھنىڭ ئاغزىغا ئابىھايات ئاقاتتى.

كەڭ خەلق ئاممىسى مەۋلانە شىئېرلىرى ئارقىلىق دىننىڭ، ھەقىقەتنىڭ، يارىلىشنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ئۇ قانچىلىك خەلق ئىچىگە چۆككەنسىرى، شۇنچىلىك كۆكلەرگە قەدەر كۆتۇرۇلگەن.

بىز ئۆزىمىزنىڭ چەكلىك ئەقلى قابىلىيىتىمىز بىلەن مەۋلانەنىڭ بەزى ھىكمەتلىك سۆزلىرىنىڭ مەناسىنى تازا تولۇق چۇشۇنەلمەيمىز، چۈنكى مەۋلانە بىر ئۇلۇغ زات بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ناھايىتىمۇ ھىكمەتكە توللاغان مەنالار بار ئىدى. سۆزلىرى چەكسىز بىر گۈزەللىكنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۇنىش ئۈچۈن خۇندى ئۆزى « كۆزۇڭنى يۇمۇپ، قەلبىڭنىڭ كۆزى بىلەن كۆر» دىگىنىدەك قەلبنىڭ كۆزىنى ئىچىشقا، ئەقىل ۋە ئىدرەكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، كۈزۇتۇش ئۈچۈن زەرىچىلەردەك كىچىك پارچىلارغا پارچىلىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بىر نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۇنىشىنى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ يارىلىتىلىشىدىكى ھىكمىتىنى بىلىش يۇكسەك بىلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئەرەنلەرگە خاستۇر.

مەۋلانەنىڭ ئۇ گۈزەل شىئېرلىرى ھەممىسى ئوخشاش بىر رۇھتىن، ئوخشاش بىر كۆڭۇلدىن چىققان ھەممىسى نۇر، ھەممىسى بىر ھىكمەتتۇر. ئۇنىڭ شىئېرلىرى قۇر ئاننىڭ ئۇزۇندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلەر سۆزلىرىنىڭ رۇھتىكى مەدىھەسىدۇر. ئۇنىڭ شىئېرلىرى ئۆز زامانىسىدا قانداق بىر رەھبەرلىك ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بولسا، ھازىرقى زاماندىمۇ ئوخشاش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. بەلكى تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەتلىكتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ شىئېرىنىڭ ھاياتلىق سۇيىنى مەڭگۇ تۇگمەيدىغان بۇلاقتىن ئالغان. مەمبە مەڭگۇلۇك بولغانلىغى ئۈچۈن شىئېرلىرىمۇ مەڭگۇلۇك پاك، ساپ رۇھققا ئىگىدۇر.

مەۋلانەنىڭ بۇ ئەسەرلىرى يالغۇز ئۇيغۇر ۋە تۈرك خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەتىنىڭ بىباھا غەزىنىسىدۇر.

فىھى مافىھ:

«فىھى مافىھ» بولسا «ئىچىدە ھەممىسى بار» ياكى «ئىچىدە ئىچىدىكىلەر بار» دىگەن مەنالارنى بىلدۇرىدۇ.

بۇ ئەسەر مەۋلانەنىڭ ھەر تۈرلۇك ئىلىم مەجلىسلىرىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئوغلى سۇلتان ۋەلەد تەرىپىدىن توپلىنىپ، رەتلىنىپ مەيدانغا كەلگەن. جەمى 61 بۆلۇمدىن تۇزۇلگەن بىر كىتابتۇر. بۇ ئەسەردە بەزى سىياسى مەسىللەرمۇ ئوتتۇرغا قويۇلغانلىغى ئۈچۈن شۇ دەۋىردىكى تارىخى ئارقا كۆرۇنۇشنى ئىپادىلەيدىغان تارىخى ئەسەر بولۇپ قالغان.

يەتتە مەجلىس:

«يەتتە مەجلىس» ناملىق بۇ ئەسەر مەۋلانەنىڭ يەتتە قىتىملىق چوڭ نۇتۇقلىرىنىڭ خاتىرلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر ئەسەردۇر. مەۋلانەنىڭ ۋەزلىرىنى ھۇسەمەتتىن چەلەبى ۋە ئوغلى سۇلتان ۋەلەدنىڭ خاتىرلىشى بىلەن ئەسلى نۇسخىسى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا مەيدانغا كەلگەن بىر ئەسەردۇر.

بۇ ئەسەردە ئاساسەن تۆۋەندىكى يەتتە مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

1) توغرا يولدىن ئايرىلغان قەۋىملەرنى قانداق يوللار ئارقىلىق قۇتۇلدۇرغىنى بولىدۇ.

2) گۇناھلاردىن قۇتۇلۇپ، ئەقىل يولى ئارقىلىق غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇش.

3) ئېتقاتتىكى قۇدرەت.

4) توۋا قىلىپ، توغرا يولنى تاپقانلار ئاللاھنىڭ ئەڭ سۆيگەن ئىنسانلىرىدىن بولىدۇ.

5) بىلىمنىڭ قەدىر-قىممىتى.

6) غەپلەتكە پېتىش.

7) ئەقىلنىڭ قىممىتى.

مانا بۇ يەتتە مەجلىستە شەرھىلەڭەن ھەدىسلەر بىلەن بىرلىكتە يەنە سۆزلەڭەن 41 ھەدىس بار بولۇپ. مەۋلانە تەرىپىدىن تاللىنىپ سۆزگە ئىلىنغان ھەر بىر ھەدىس ئىجدىمائىلىققا ئىگە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنەۋى جەھەتتىن يۇكسىلىشىنى ئىلگىرى سۇرگەن. شۇ دەۋىرلەردە ئىنسانلارنى قاپلىغان مەنىۋى بوھراندىن قۇتۇلدۇرغان. ئۇمۇتۇتسىزلىك ئىچىدە قارمۇ-قارشىلىققا ئارىسىدا قايمىقىپ، قاراڭغۇلۇقتا گاڭگىراپ قالغان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىجدىمائىي جەمىيەتنى ئۇمۇت مەشھىلى بىلەن يورۇتقان.

مەكتۇبات (خەتلەر):

«خەتلەر» ناملىق بۇ ئەسەرى بولسا ؛ مەۋلانەنىڭ سەلجۇقلار دۆۋلىتى ھۆكۇمدارلىرىنى ۋە شۇ دەۋىردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زاتلارغا نەسىھەت ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەرنى ۋە مەۋلانەدىن سورالغان سوئاللارغا يېزىلغان خەتلەرنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىلمىي مەسىللەر دوغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلار بولۇپ جەمى 147 پارچە خەتتىن تۇزۇلگەن بىر كىتابتۇر.

بۇ خەتلەر ئەدەبىياتتىكى قايدىلەر بويىچە يېزىلغان بولماستىن بەلكى پۈتۈنلەر ئاددى، ئاممىباب سۆزلەر بىلەن يېزىلغان. خەتلەردىكى خىتاپلار كىشىلەرنىڭ ئەمەل-مەنسەپلىرىگە قاراپ ئەمەس بەلكى خەت يېزىلغان كېشىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە قىلغان ياخشى-يامان ئىشلىرىغا ئاساسەن شۇ كېشىگە ماس كىلىدىغان سۆز-ئىبەرىلەر بىلەن خىتاپ قىلىپ، ئۇ كېشىنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاپ ۋە خىزمەتلىرىگە باھا بىرىلگەن.

بۇ خەتلەردە ئىنسانلارغا پايدىلىق، ھىكمەتكە تولغان نۇرغۇن ئىسىل گۈزەل سۆزلەر بار. مەسىلەن:

ھەممە كېشى ياخشى كۆرۇپ، ئىچىدىغان تاتلىق سۇنىڭ بېشىدا ئادەم كۆپ بولىدۇ.

ئاي نۈرىنى چاچسا، ئىت ھاۋشىپ تۇرىدۇ، ئاينىڭ نىمە گۇناھى باركى؟ ئىتنىڭ خۇيى شۇ تۇرسا. ياتلارنى ئالدىغان، ئۆز خەلقنىمۇ ئالدايدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغ ئىنسانلىرى بار، ئۇلار يەر يۇزىگە چۇشكەن يامغۇرغا ئوخشايدۇ. قارا تۇپراققا چۇشسە بەركەت كىلىدۇ، دېڭىزغا چۇشسە ئۇنچە-مەرۋايىت مەيدانغا كىلىدۇ.

ئاشىقى بولمىغان كىشى ئۆلۇكتەك ياشايدۇ. ئاشىق بىلەن ئۆلگەن مەڭگۇ تىرىك تۇرىدۇ.

دۈشمەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ يامان دۈشمەن، ئىچىڭدىكى نەپرەتتۇر.

ئىنسان نىمە ئىش ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا، شۇ ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاسان تۇيۇلىدۇ.

سەن ئاشىق بولمىغىچە، سۆيگىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيسەن. يوقال، ئوتتا ئوتلا، سەن بىر ئىشەكسەن.

ھەقىقى دوس ئەقلىمىز، نەپسىمىز دۈشمىنىمىز.

6. مەۋلانە ۋە موڭغۇللار

مەۋلانەنىڭ ياشىغان دەۋىر بولسا موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرى كېڭىپ، تا ئانادولۇ تۇپراقلىرىگىچە كىڭەيگەن بىر دەۋىر ئىدى. موڭغۇللارنىڭ ئانادولۇغا قىلغان ئەسكەرى يۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە، سەلجۇقلار دۆۋلىتى ۋە ئەتراپتىكى ئىسالام دۆۋلەتلىرى تەھدىت ئاستىدا قالغان ئىدى.

بۇ ۋاقىتتا سەلجۇقلار دۆۋلىتى ئىچىدىمۇ سىياسى بۆھران بار ئىدى. ھەرقايسى ئوغۇز قەبىلىرى ئارىسىدا قەبىلۋازلىق ئەۋجى ئالغان ئىدى. پادىشاھقا قارشى يامان غەرەزلىك ئەمىرلەر موڭغۇللار بىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ، ئۆز سەلتەنەتى ئۈچۈن ساتقىنلىق قىلاتتى. شۇ چاغلاردا قانداقتۇ بىر نامالۇم بولغان ئاتىلىشتا «ئاق ساقاللار» دەپ ئاتىلىدىغان «دۆۋلەتلەرنى ئۆرۇپ، دەۋلەتلەرنى قۇرىدىغان» بىر تەشكىلات سۇلايمان شاھ ئوغلى ئەرتۇغۇل غازىنى ئۆز قەبىلىسىنى ئانادۇلىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، غەرىپ تەرەپكە يەنى بېزانسىيە چېگرالىرىغا يۆتكىلىشنى بۇيرىيدۇ ۋە شۇ يۆنۇلۇش بويىچە يۆتكىلىپ، كىيىن بۇلار قايتا تىرىلىپ، ئەرتۇغۇل غازى ئوغلى ئوسمان غازى ئوسمالى ئىمپىريەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋەسىلى بولىدۇ. شۇ چاغدىكى چىقىرىلغان بۇ قارار توغرا قارار ئىدى چۈنكى سەلجۇقلار دۆۋلىتى موڭغۇللارغا تاقابىل تۇرۇشى ئىمكانسىز ئىدى. يۇقۇردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك سەلجۇقلار دۆۋلىتى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربى جەھەتتە بىر كىرزىس ئىچىدە قالغان ئىدى. سۇلتان ئالەئېددىن كەيكۇباتمۇ زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا سۇلتان بولۇش ئۈچۈن سىياسەتتە پىشمىغان ئوغۇللىرى سەلتەنەت ۋەسۋىسى ئىچىدە ئىدى. دۆۋلەت چارىسىز، ئۇرۇشىش ئۈچۈن ئىمكانلىرى يوق ئىدى. ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەننىڭ ئارىسىدا قالغان خەلق ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پۈتۈنلەي تۇگەشكەن بىر ۋەزىيەتتە ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنى پۇرسەت بىلگەن موڭغۇل قوماندانى باجۇ نويان ئانادولۇغا بولغان ئەسكىرى ھۇجۇمنى تىزلەتتى.

1243-يىلى موڭغۇللار ئانادولۇنىڭ ئەرزۇرۇم، قىرشەھرى، قەيسىرى، سىۋاس قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرنى ئىگەنلەپ، نۇرغۇن ئىنساننىڭ جىنىغا زامىن بولۇپ، شەھەرلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇ. گەرچە سەلجۇڭلارنىڭ ئەسكىرى 80.000، موڭغۇللار 45.000 ئىدى. ئەمما سەلجۇقلار ئەكەرلىرى مەنىۋى جەھەتتىن پۈتۈنلەي تۇگەشكەن بولۇپ، جەڭگىۋارلىغى يوق دىيەرلىك ئىدى. سۇلتان غىياسېددىن كەيھۈسرەۋ قۇرقۇ ۋە ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئالدىدىلا جېنىنى ئېلىپ قاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەسكەر ۋە قوماندانلار قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ئەخۋالنى كۆرگەن موڭغۇللار كونيانى مۇئاسىرغا ئالىدۇ. ئەممە مەۋلانە ھەزرەتلىرىنىڭ مەنەۋى كۈچىنىڭ ئالدىدا، باجۇ نويان كونيانى ئىشغال قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. پەقەت باش ۋەزىر بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدا كېلىشىم تۇزۇپ، كونيا خەلقى موڭغۇللارغا ناھايىتى يۇقۇرى تۆلەم تۆلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ چاغدا موڭغۇللار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئالغان بايلىقىنىڭ سانى ھەددى-ھېساپسىز ئىدى. پەقەت ئولجا ئالغان ئالتۇنلارنىڭ ئۆزىنىلا 300 تۆگىگە ئارتىپ ئېلىپ ماڭغان ئىدى.

سەلجۇقلار دۆۋلىتى زاۋاللىققا يۇزلەڭەن ئىدى. خەلق بولسا قاتتىق زۇلۇم ئىچىدە قالدى. مانا مۇشۇ ئۇرۇشنىڭ دەستىدىن خەلق ئىنتايىن نامراتلاشتى، ھەر يەرنى ئاچارچىلىق قاپلىدى.ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، خانى-ۋەيران بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسى بىر قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەيتى. مانا مۇشۇنداق ئەخۋال ئاستىدا بىر قىسىم كېشىلەر ئۆزلىرىنى قۇتقۇتزۇش ئۈچۈن تېڭىرقاپ قالغان ئىدى. خۇددى “دېڭىزغا چۇشۇپ كەتكەن ئادەم، يىلانغا ئېسىلىپتۇ” دىگەندەك، ھەر-خىل يامان يول ۋە ھەرخىل تەرىقەتلەرگە بىرىلەتتى. جەمىيەتتىكى زەھەرلىك پىكىر ئىقىملىرىغا ئاسانلا ئۆزلىرىنى ئالدۇرۇپ قوياتتى.

مۇڭغۇللارنىڭ غەلبىسى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنە-پاساتلىرى سىياسى جەھەتتىن ۋەيران بولغان، مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى يوقاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان تومۇرىنى كېسىپ، مۇسۇلمانلارنى تەل-تۇكۇس يوقۇتۇشنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى. موڭغۇللارنىڭ بۇ يولىنى توسۇش ۋەزىپىسى مەۋلانەگە يۇكلەڭەن ئىدى. قىلىچ ئارقىلىق قۇتقۇزالمىغان جاننى، جىھاد-ئەكبەر(مەنىۋى جىھات) ئارقىلىق قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلدى.

بۇنىڭ بىلەن مەۋلانە خەلققە بىر ئۇمۇت بىغىشلىدى، مۇسۇللامانلار ئارىسىغا قىرىنداشلىق، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش، مېھرى-شەپقەتنى ياغدۇردى. ئانادولۇ خەلقى ئەڭ قىيىنچىلىقتا تۇرغان بىر ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ شەپقەتچىسى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىپ، خەلقنى بىرلىك-ئىتىپاقلىققا چاقىرىپ ۋە ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

«بىز بىرلەشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇڭ، ئايرىش ئۈچۈن ئەمەس» دىگەن بۇ تېرەن پىكىرلىرى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئۈلگە بولدى.

«يەنە كەل، كەل يەنە، ئەي جان يەنە كەل!

بۇتقا چۇقۇنساڭمۇ، كۇفۇرلۇق قىلساڭمۇ، يەنە كەل!

ئۇمۇتسىزلەرگە يىپىقتۇر بۇ ئىشىك،

يۈز قىتىم توۋا بۇزغانمۇ يەنە كەل!»

دەپ دىنلار ۋە مىللەتلەر ئارىسىغا دوسلۇق ئۇرۇغىنى چاچتى، ئىنسانلارغا بىر ئۇمۇت مەشھىلىنى ياندۇرغان ئىدى. باشقا دىندىكى ئىنسانلارغا ئىسلامنىڭ گۈزەللىكلىرىنى، تەۋھىت ھەقىقەتلەرنى ئىلىم ۋە ھىكمەتلەر بىلەن چۇشەندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرەكلىرىنى ئىسلام نۈرى بىلەن يورۇتقان ئىدى. سۆيگۇ، مۇھەبەت، دوسلۇق ئارىسىدا قالغان موڭغۇللار تۈركلەر ئىچىگە سىڭىپ، مۇسۇلمان بولۇپ، ئېرىپ كېتىشكە باشلىدى. مانا بۇ مەۋلانە ھەزرەتلىرىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان مەنەۋى كۈرىشىنىڭ رولى ئىدى. بۇنداق بىر ئەخۋال ئاستىدا چارىسىز قالغان موڭغۇللار ئانادولۇنى تەرك ئېتىپ كېتىشكە توغرا كەلدى. بۇگۇنكى ئانادولۇدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا مەۋلانەنىڭ رولى ناھايىتىمۇ زور.

7.ئىنسانلار كۆڭۇل سۇلتانىدىن ئايرىلدى

1273-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى كونيا ئاھالىسى ئىنتايىن تەشۋىش، قايغۇ ئىچىدە ئىدى، بۇنداق بىر كۆپ ئادەملەرنىڭ توپلاشقانلىغى كونيادا ھېچ كۆرۇلمىگەن بىر ھادىسە ئىدى. ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق، ئاچچىق شامال جاندىن ئۆتەتتى. مەۋلانا ھەزرەتلىرىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاشقانلىغىنى پۈتۈن كونيا خەلقى ئاڭلاپ، ھەممىسى مەۋلانە دەرگاھى ئالدىغا توپلانغان ئىدى. بوۋاي-موماي، كىچىك بالىلار ھەممىسى دۇئالارنى ئوقۇپ، مەۋلانەنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەيتى. ھىرىستىئان، يەھۇدى، رۇم، ئەرمەنى قاتارلىق كونيادا قانچە تۇرلۇك مىللەت ۋە دىن بولسا ھەممىسى بىر مەيدانغا يېغىلغان ئىدى. ھەممىسىنىڭ قايغۇسى ئوخشاش، تىلەكلىرى ئوخشاش، نىيازلىرى ئوخشاش ئىدى. ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كېلىۋاتقان ئىنسانلار يولغا سىغماي قالغان ئىدى. سوپىلار يېنىك ساما ئوينىسا، سازچىلار نەيلىرىنى مۇڭلۇق چىلىپ، ئاللاھتىن ئۆز پىرىغا شىپالىق تىلەكلىرىنى ئىزھار ئەيلەيتى.

مەۋلانە ھەزرەتلىرى ئېغىر كېسەل ئازابىدىن ھالسىرغان لەۋلىرىنى تىتىرىتىپ تۇرۇپ، ئۆز ھىس تۇيغۇلىرىنى بايان ئەيلەيدۇ: «مەن سۆيگۇنىمنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەر كىم تېرىكتۇر……

ھەقتىن باشقاسى بىلەن تېرىك بولغان ھەركىم، مىڭلارچە ئەقىل ۋە مىڭلارچە بىلگىگە ئىگە بولسىمۇ، يەنە سەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوق دەپ بىل! چۈنكى بارلىقىڭدىن ۋاز كېچىپ ، ئۇنىڭ بارلىقىغا پۇركەنمىگىچە، ئۇنىڭغا ئىرىشەلمەيسەن! بۇ بىر ھەقىقەتتۇر ئوتتۇرغا چىققان، ھەر مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقى جانى ھەقتۇر! جاندىن باشقا نىمە بولسا پانى، يوقۇلۇپ كېتىدۇ.»

«مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مازارىمنى يەردىن ئىزدىمەڭلار! بىزنىڭ مازارىمىز ئىلىم ئادەملىرىنىڭ كۆڭۇللىرىدە»

8.خاتىمە

ھەزرىتى مەۋلانە جالالىدىن رۇمىغا ھەر كىم ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىغا ئاساسەن باھا بېرىدۇ. بەزىلەرگە كۆرە ئۇلۇغ بىر زات، بەزىلەرگە كۆرە بۇيۇك بىر شائىر، بەزىلەر تىرەن بىر سوپى دىسە، بەزىلەر ئۇلۇغ بىر ئىسلام پەلسەپەچىسى دەيدۇ.

ھەزرىتى مەۋلانە جالالىدىن رۇمىينىڭ پەلسەپەسى ھەر دەۋرىدە، ھەر مىللەتنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قىزىقىپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان. مەۋلانا ئەسسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ پىكىرلىرى ئۇيغۇر-تۈرك كىلاسسىك ئەدەبىياتى، پەلسەپەسى ۋە تۈرك -ئىسلام مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ئابىدەسىدۇر. ئۇنىڭ نادىر ئەسەرلىرى مىللى ئەخلاق چۇشەنچىمىزنىڭ، تاساۋۋۇف چۇشەنچىلەرنىڭ ۋە ئىسلام دىنىنىڭ يېيىلىشىغا ۋاستە بولغان.

ھەزرىتى مەۋالانەنىڭ ئىسىل ئەخلاقى-پەزىلىتى ۋە يول كۆرسەتكۇچى دانە پىكىرلىرى، سۆزگۇ مۇھەبەتكە تولغان گۈزەل سۆزلىرىگە، بۇگۇنكى دەۋىردە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ ئىھتىياجى بار. بىر تەرەپتە ماددى باياشاتچىلىق، بىر تەرەپتە ئاچ-يالاغاچ. بىر تەرەپتە سەلتەنەت، بىر تەرەپتە ئۇرۇش ئوتلىرى قاپلىغان بۇگۇنكى دۇنيادا مەۋلانەنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيەسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەنىۋى دورىدۇر.

ھەزرىتى مەۋلانەنىڭ مۇبەرەك ئاياقلىرى تەككەن بەلختىن تا كونياغىچە بولغان بۇ ئالتۇن زىمىن، بۇندىن 800 يىللار مۇقەدەم چىڭگىزخان ئەسكەرلىرىنىڭ ئات تۇياقلىرى ئاستىدا چەيلەڭەن بولسا، بۇگۇنمۇ ئوخشاشلا ئاسماندىن يېغىۋاتقان بومبىلارنىڭ دەھشەتلىك پارتلاشلىرى نەتىجىسىدە كۆيۇپ كۇل بولماقتا. ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلغان مىللىئونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار دەش-باياۋانلاردا سەرسان بولماقتا. مەۋلانە ياشىغان شۇ دەۋىرلەردىن ئانچە پەرق قىلمايدىغان بۇگۇنكى دۇنيادىمۇ، مەۋلانەنىڭ تېچلىق پەرۋەر، ئىنسان پەرۋەر، دوسلۇق پەرۋەر، ئادالەت پەۋەر، مىللەت ۋە دىن ئايرىمايدىغان نەپرەتسىز پەلسەپەسى ئۆزىنى ئادەم دەپ بىلگەن ئىنسانلار ئۈچۈن بىباھا گۆھەردۇر.

مىللىتىمىز ئۆز قەھرىمانلىرى بىلەن ياشايدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھەر زامان پارلاپ تۇرغان يۇلتۇزىمىزدۇر.

كۆڭۇل دۇنيارىمىزنىڭ قەھرىمان بولسا مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ھەزرەتلىرىدۇر.

16.05.2016 گېرمانىيە

ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن پايدىلانغان ئەسەرلەر:

مەسنەۋى-شەرىف

دىۋانى-كەبىر

يەتتە مەجلىس

فىھى مەفىھ

مەۋلانە ۋە شەمسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى