مەۋلۇت ئىبراھىم

ئورنى Wikipedia

تەرجىمھالى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 107.4 سەنئەت رادىيوسىنىڭ رىياسەتچىسى مەۋلۇت ئىبراھىم تېكەس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تېكەس ناھىيەسىدە تاماملىغاندىن كىيىن، 1996- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. توختاۋسىز ئىزدىنىش جاسارىتى بولسىلا ھەرقانداق ئارزۇ-ئارمان رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. 1996- يىلى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان مەۋلۇت ئىبراھىم شۇنىڭدىن باشلاپ بالىلىقتىكى ئوتلۇق ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئاخىرى ئىشەندى. ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئۇ 250 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر-ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر» بولۇپ باھالاندى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مەكتەپ رادىيو ئۇزېلىنىڭ دىكتورى بولدى.

2001- يىلى 1- ئايدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى مەخسۇس پىروگرامما بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتى بىرلىشىپ باشقۇرغان «ياشلىق مېلودىيەسى» پىروگراممىسى تەسىس قىلىنغاندا، ئۇ باشقا 3 ساۋاقدىشى بىلەن بۇ پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ ئۇنىڭ رىياسەتچىلىك ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. شۇ يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاپتونوم رايون بويىچە «دوستلۇق لوڭقىسى» نى تالىشىش رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە ئۇ 300 دىن ئارتۇق ماھىر ئىچىدە 1-لىكنى قولغا كەلتۈردى. رىياسەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ساھەگە نىسبەتەن مەۋلۇت ئىبراھىمدا ئالاھىدە بىرخىل قىزغىنلىق بار. 2001- يىلى 7- ئايدا ئۇ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي رىياسەتچىسىگە ئايلاندى. ئۇ بۇ جەرياندا «ياشلىق مېلودىيەسى» پىروگراممىسىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇپ، پىروگرامما گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن بۇ پىروگراممىنى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ كوزور پىروگراممىسىغا ئايلاندۇردى.

كەسپى ھاياتى[تەھرىرلەش]

2007-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسى تەسىس قىلىنغاندا، ئۇ بۇ رادىيونىڭ «شەھەر ئاۋازى»، «شادلىق مىنۇتلىرى»، «تۈن تىۋىشلىرى» قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. نۆۋەتتە، مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ پىروگراممىلار ئاڭلىغۇچىلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان قىزىق پىروگراممىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئۇ ھازىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساسى قىلغان «شادلىق مىنۇتلىرى» پىروگراممىسى بىلەن سىردىشىش تىپىدىكى «تۈن تىۋىشلىرى» پىروگراممىسىنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئىزچىل ھالدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

مەۋلۇت ئىبراھىم ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 10 نەچچە قېتىملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پىروگراممىسىنى لايىھەلەپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە ئاز بولمىغان نەتىجە ۋە شان-شەرەپلەرگىمۇ نائىل بولدى.

ئۇ ئىشلىگەن ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان 30 دىن ئارتۇق پىروگرامما مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 1-، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 2006- يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن مۇنەۋۋەر دىكتور-رىياسەتچىلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە «10 مۇنەۋۋەر دىكتور-رىياسەتچى» نىڭ بىرى شەرىپىگە ئېرىشتى. 2002- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، ھەر يىلى دېگۈدەك ئىستانسا بويىچە «مۇنەۋۋەر خىزمەتچى» بولۇپ باھالىنىپ كەلدى. ئۇ ھازىر 107.4 سەنئەت رادىيوسى پىروگرامما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

مەنبە[تەھرىرلەش]

[1]