ناتالىيە پورتمەن

ئورنى Wikipedia

12 تۈردە ئىسمى ئاتالغان «پادىشاھنىڭ نۇتقى» ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو، ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىي سېنارىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئەڭ چوڭ غالىب بولۇپ قالدى. كىنو شاھلىق تاجىمۇ تالاش-تارتىشسىزلا «پادىشاھنىڭ نۇتقى»نىڭ باش ئەر رولچىسى كولىن فېرسقا كىيدۈرۈلدى، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژ مۇكاپاتىنى بولسا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ناتالىيە پورتمەن ئالدى.

«دوستلىشىش تورى» تاللاشتا «پادىشاھنىڭ نۇتقى»غا يېڭىلىپ قېلىپ، پەقەت ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۆزگەرتىلگەن سېنارىيە، ئەڭ مۇنەۋۋەر يانداش مۇزىكا ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر تەھرىرلەش مۇكاپاتىنىلا ئالالىدى.

«پادىشاھنىڭ نۇتقى»بىلەن بىرلىكتە تۆت ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «چۈش» تېخنىك تۈرىدە ئۇتۇق قازاندى، بۇ فىلىم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاۋاز مۇھەررىر، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاۋاز ئۈنۈمى ھەم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالاھىدە ئۈنۈم مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە كۆپلىگەن رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر سۈرەتكە ئېلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.