ناماز تاھارەت

ئورنى Wikipedia

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھە ۋەسسەلەم ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھېساب بېرىدىغىنى ناماز بولىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ دىلى پاك، بەدىنى ۋە كىيىملىرى، ناماز ئوقۇيدىغان جايى پاكىز بولۇشى، ناماز ئوقۇغۇچى ئالدى بىلەن تاھارەت ئېلىشى لازىم. تاھارەت ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ”پاكلىنىش“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نامازدىن بۇرۇن ئۆزىنى كىيىم كېچەكلىرىنى پاكلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەتتە غۇسلى قىلىش، تاھارەت ئېلىش ۋە تەيەممۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(قۇرئان كەرىم 5-سۈرە 6-ئايەت) مۇسۇلماندارچىلىق پاكىزلىقتۇر. تاھارەت پەرزلىرى:1) يۈزىنى باشنىڭ چاچ چىققان يېرىدىن باشلاپ، ئىككى قۇلاق بىلەن قوشۇپ، ئىڭەكنىڭ ئاستىغىچە يۇيۇش؛ 2) ئىككى قولىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش؛ 3) باشنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىش، يەنى باشنىڭ تۆتتىن بىرىنى نەم بارماقلىرى بىلەن سىلاش؛ 4) ئىككى پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش. تاھارەت سۈننەتلىرى: 1) نىيەت قىلىش؛ 2) بىسمىللاھ دەپ باشلاش؛ 3) ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم بېغىشىغىچە يۇيۇش؛ 4) ئاغزىنى ئۈچ قېتىم چايقاش؛ 5) بۇرنىنى ئۈچ قېتىم چايقاش؛ 6) ئەرلەر ساقىلىغا خىلال قىلىش، يەنى قولىنى نەم قىلىپ بارماقلىرى بىلەن ساقىلىنى تاراش؛ 7) قول-پۇتنىڭ ئارىسىغا خىلال قىلىش؛ 8) ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش؛ 9) باشنىڭ ھەممە يېرىگە مەسھى قىلىش، يەنى باشنى نەم بارماقلار بىلەن سىلاش؛ 10) قۇلىقىغا مەسھى قىلىش؛ 11) گەدەننى مەسھى قىلىش؛ 12) تاھارەتنى تەرتىپى بىلەن ئېلىش؛ 13) پۈتۈن تاھارەتنى ئۈزۈپ قويماي بىر قېتىمدىلا ئېلىپ بولۇش. سۇ بولمىغان ياكى سۇ تەگسە سالامەتلىككە زىيان يېتىدىغان ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. تەيەممۇم قىلىش: ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپ تۇرۇپ پاكىز توپىغا ياكى پاكىز قۇم ۋەياكى پاكىز تاش-كېسەكلەرگە بوشقىنە بىر قېتىم ئۇرۇپ يۈزىنى سىلاش، قولىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ سول قول بىلەن ئوڭ بىلەكنى بېغىشىنىڭ سىرتىدىن جەينەككىچە سىلاش، ئاندىن جەينەكنىڭ ئىچىدىن بېغىشىغىچە سىلاش، قولنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ، ئوڭ قول بىلەن سول بىلەكنى يۇقىرىقى تەرتىپ بىلەن سىلاش. ”غۇسلى“ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش دېگەنلىك بولۇپ، ھەرگىز ئۆلۈك سۇدا يۇيۇشقا بولمايدۇ. غۇسلىنىڭ پەرزلىرى: 1) ئاغزىنى چايقاش؛ 2) بۇرنىنى تازىلاش، يەنى بۇرنىغا سۇ ئېلىپ قېقىپ چىقىرىش؛ 3) پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش، ئەگەر چاچ ئۆرۈكلۈك بولسا ئۇنى چۇۋۇمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چاچنىڭ ئاستىغا چوقۇم سۇ ماڭدۇرۇش لازىم؛ غۇسلىنىڭ سۈننەتلىرى: 1) نىيەت قىلىش؛ 2) قوللىرىنى بېغىشىغىچە يۇيۇش؛ 3) ئىستىنجا قىلىش (يەنى ئالدى-ئارقا تاھارەت يوللىرىنى يۇيۇش)؛ 4) ئەگەر روزا تۇتمىغان بولسا ئاغزى ۋە بۇرنىغا كۆپ سۇ ئېلىپ چايقاش؛ 5) نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش؛ 6) پۈتۈن بەدەننى ئۈچ قېتىم يۇيۇش؛ 7) غۇسلى قىلىۋېتىپ ئېگىز- پەس گەپلەرنى قىلماسلىق؛ 8) ئىككى پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.