نورۇز بايرىمى ۋە سەھرا خەتمە

ئورنى Wikipedia

       نورۇز بايرىمى تۈركىي خەلقلەر ۋە پارسلارغا ئورتاق يىل بېشى — باھار بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى. مەھمۇد قەشقەرى، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، نەۋائىي قاتارلىق شەرق ئەللامىلىرى قالدۇرغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۇز بايرىمىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا 2500 يىلدىن ئاشقان. بۇ بايرام شەرىپىگە دىيارىمىزدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئادەتلەر مۇنداق:

     نورۇز بايرىمى ھارپىسىدا كىشىلەر ئۆي، ھويلا – ئارام، كوچا – كويلارنى سۇ سېپىپ سۈپۈرۈپ تازىلايدۇ، يۇيۇنۇپ – تارىنىدۇ. نورۇز كۈنى قېرى – ياش، ئۇششاق – چوڭ، ئەر – ئايال بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەھەللە  –  كوي، مەنزىرىلىك جايلارغا جەم بولۇشۇپ، بايرام تەنتەنىسىگە چۆمۈشىدۇ. بۇ يىغىلىشلارغا يۇرت چوڭلىرى، ئالىم – ئۆلىمالار، جامائەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەر باش بولۇپ قاتنىشىدۇ. يىغىلىشلاردا نورۇزنامىلەر ئوقۇلىدۇ، قىسسە، داستان، جەڭنامىلەر سۆزلىنىدۇ، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، چېلىشىش، خوراز، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش؛ ئوغۇل – قىزلار ئىلەڭگۈچ (ھەجەڭگە)، سارغايدى ئويناش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئەلنەغمە، ناخشا –  ئۇسسۇللار ئەۋجىگە چىقىدۇ؛ بايرام ئەھلى بۇغداي، ئارپا، گۈرۈچ، تېرىق، گۆش (بەزى ھاللاردا قوي ياكى كالىنىڭ باش –  پاقالچىكى)، سۈت، سۇ قاتارلىق يەتتە خىل ماتېرىيالدىن ھازىرلانغان نورۇز ئېشىغا ئېغىز تېگىدۇ. ئۆيلەردىمۇ نورۇز ئېشى(كۆجە)ئېتىلىدۇ.

    نورۇز بايرىمىدىكى ھەر خىل پائالىيەت، ‹‹نورۇزنامە››لەرنىڭ مەزمۇنىدا قىش – زىمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىقلار ئېلىپ كېلىشىنى، ئەل – يۇرتنىڭ ئامانلىقىنى، مول ھوسۇل، باياشاتلىق، بەختىيارلىق تىلەش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، ئىناق، ساخاۋەتلىك، پاك –  دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئېزگۈلۈكلەر ئىپادىلىنىدۇ.

   خەلقىمىز ئارىسىدا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ‹‹نورۇز مۇقامى››، ‹‹نورۇز مەشرىپى›› ساقلانغان. ‹‹نورۇز مۇقامى››تۈركىي خەلقلەر ماكانلاشقان جايلارغا ھەرخىل نامدا تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹نورۇز بۈزرۈك››، ‹‹نورۇز ھۈسەيىن››، ‹‹نورۇز سۇلتانى›› قاتارلىق ۋاريانتلىرى بولغان. نەۋائىينىڭ ‹‹چاھار دىۋان››ناملىق لىرىك شېئىرلار توپلىمىنىڭ 309 –  غەزىلىدە: ‹‹مۇقامىڭغا يېتەي مەن، دەپ نەۋائىي  ئەيلەر سەير،

گاھى ئەجەم بىلەن نورۇز، گاھى ھىجاز ۋە ئىراق.›› دېگەن مىسرالار بار. دېمەك، نەۋائىي ‹‹ئەجەم››، ‹‹ھىجاز››، ‹‹ئىراق››مۇقاملىرى قاتارىدا ‹‹نورۇز مۇقامى››نىمۇ تىلغا ئالغان. قۇمۇل دىيارىدىمۇ  قەدىمدىن بۇيان نورۇز بايرىمىغا قىزغىن تەنتەنە قىلىنىش بىلەن بىللە،  ئۆزىگە خاس ‹‹نورۇز مۇقامى›› بولغان. گەرچە ئۇ ھازىر ئۇنتۇلغان بولسىمۇ، ئاتاقلىق خەلق قوشاقچىسى مەرھۇم يەھيا قارىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا،  ئۇنىڭدىكى‹‹شۇغۇن (ئۇشبۇ كېچە) كېچە نورۇز كېچە، يىللار ئۆرۈلدى. يۈرەكتىكى سېرىق سۇلار قانغا ئۆرۈلدى. شادى باد، شادى باد، نورۇز مۇبارەك باد....››دېگەندەك بىر قىسىم قوشاقلار نورۇزلۇق كۈي – قوشاقلىرىمىزدا ساقلىنىپ قالغان.

    ئىسلامىيەتتىن كېيىن نورۇز بايرىمى قۇمۇلدا ‹‹زارا خەتمە››، ‹‹سەھرا خەتمە›› نامى بىلەن، ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 22 –، 23 – كۈنلىرىنى نىشان قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كۈنلەردە كىشىلەر مەنزىرىلىك جاي – سەيلىگاھلارغا يىغىلىپ، كالا –  قويلارنى سويۇپ ‹‹ئۈندۈرمە››(نورۇز ئېشى)قىلىدۇ، كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ‹‹ئۈندۈرمە››نى تەييارلاش ئۇسۇلى مۇنداق: بۇغداي پاكىز يۇيۇلۇپ، تەڭنىدە بىخلاندۇرۇلۇپ، شېكەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ قۇرۇتۇلۇپ، تۈگمەندە يىرىكرەك تارتىلىدۇ، ئاندىن ئۇ قازاندىكى سۇغا سېلىپ چېلىنىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇنداق تائامغا جامائەت چوۋاتلار(كاكچىنىڭ يۇپقا، كىچىكى) بىلەن ئېغىز تەگكەندىن تاشقىرى، بۇ تائام ئىككى چۇۋاتنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ، ئاغرىقلار، قېرى –  چۈرىلەر، مېيىپ –  ئاجىزلارغا سۇنۇلىدۇ. دېمەك، قۇمۇلدىكى سەھرا خەتمە – نورۇز بايرىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تامىقى ‹‹ئۈندۈرمە››دۇر.[1]

  1. ئاپتۇر: ئۆمەر تالىپ؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 03- 13 10:22؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-03/13/content_167149.htm