نىشان ۋە مەپكۇرەلەر

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈنۈگۈن يەنە ھېلىقى يوچۇن پەيلاسوپ بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇنىڭ قولىدا بىر گېزىت بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

− بىر قىسىم كىشىلەر تېخىچە «نىشان» بىلەن «مەپكۇرە»نىڭ باشقا – باشقا نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ بولالمايۋاتىدۇ. نىشان كەلگۈسىگە ئائىت بولسا، مەپكۇرە ئۆتمۈشكە ئائىتتۇر. نىشان ئاڭلىق بىر پىكىر، مەپكۇرە ئاڭسىز بىر تۇيغۇدۇر.

نىشان زېھىندىكى بىر پىلاندىن ئىبارەت بولسا، مەپكۇرە بىزنى ئارقىمىزدىن ئىتتىرىدىغان، يوشۇرۇن بىر كۈچتۇر. بۇ يوشۇرۇن كۈچ ئاڭ سەھنىسىگە چىققاندىلا بىز ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولالايمىز. نىشان بىر رېئاللىق ئەمەس، ئەمما مەپكۇرە رېئاللىقتۇر.

مەپكۇرە ئىجادچان بىر تېزلىك ھەم ھەرىكەتتۇر. نىشان بولسا كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن ھەم تىكلەنگەن بىر غايىدۇر. بۇ غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەم تىكلىگىنى جەمئىيەت ئەمەس، بەلكى شەخستۇر. ئۇنداقتا مەپكۇرە ئىجتىمائىي، نىشان بولسا خۇسۇسىي نەرسىدۇر.

ئەمدى قاراپ باقايلى: ئالاھىدىلىكى غايە – مەقسەتكە ئوخشىمايدىغان بۇ مەپكۇرە زادى قانداق نەرسە؟

مەپكۇرە دېگىنىمىز – پەۋقۇلئاددە ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان ھەم يەنە شۇنداق ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر تۇرمۇش شەكلىدۇر. بۇنداق پەۋقۇلئاددە ۋاقىتلار بولسا جەمئىيەت ناھايىتى چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلگەن پەيتلەردۇر.

نورمال ۋاقىتلاردا كىشىلەر پەقەت خۇسۇسىي تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئىجتىمائىي ھايات ناھايىتى جانسىز بولىدۇ. بۇنداق نورمال ۋاقىتلاردا ئىنسانلار گەرچە ئويغاق بولسىمۇ، جەمئىيەت خۇددى چوڭقۇر ئۇيقۇغا غەرق بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. بىراق، پۈتۈن خەلقنىڭ ھاياتى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كەلگەن، جەمئىيەت ئەجەللىك بىر ھەرىكەت بىلەن ئۆزىنى بۇ خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىركىشىۋاتقان ھاياجانلىق پەيتلەردە جەمئىيەت بۇ قاتتىق ئۇيقۇدىن تېزلا ئويغىنىدۇ. شەخسلەرمۇ بۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، بالا – چاقىلىرىنى ۋە مال – ۋارانلىرىنى، ھەتتا سۆيگۈ – مۇھەببەتلىرىنىمۇ ئۇنتۇيدۇ. ھەممەيلەننىڭ روھىغا پەقەت ئورتاق بىر كەيپىيات، ئورتاق بىر ھاياجان ھۆكۈمران بولىدۇ.

بۇنداق پەيتلەردە كىشىلەر پەقەت ئۆز ھالى بىلەنلا بولالمايدۇ، داۋاملىق ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە توپ – توپ جامائەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەممەيلەن مۇشۇ توپلارغا قېتلىدۇ، خەلق ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ناتىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيىسىگە ماس ھالدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ھەممەيلەن ئالقىشلايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيىسىگە قارشى گەپ قىلغانلار بولسا سوتسىز جازالىنىدۇ، يەنى كۆپچىلىك ئۇنى پارچە – پارچە قىلىۋېتىدۇ.

كىشى كېيىن يالغۇز ئولتۇرۇپ ئويلىغىنىدا بۇ ھاياجانلىق توپ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلارنىڭ، ئىشتىراك قىلغان قارارلارنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولغانلىقىغا ھەيران قالىدۇ. چۈنكى بۇنداق ھاياجانلىق پەيتلەردە كىشىلەر شەخسىي ئوبرازىنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ روھىدا ھۆكۈم سۈرىدىغىنى پەقەت كوللېكتىپنىڭ ئوبرازى بولىدۇ.

دېمەك، يىغىلىشلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلار ۋە قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كوللېكتىپ ئوبرازنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن.

فرانسىيە ئىنقىلابى پارتلىغان 4 – ئاۋغۇست كېچىسى ئىنتايىن مەشھۇردۇر. شۇ كېچىدىكى مىللىي كېڭەش يىغىنىدا ئاقسۆڭەكلەر ۋە داھىيلار ئۆز تەبىقىسىگە مەنسۇپ بارلىق ئىمتىيازلىرىدىن بىراقلا ۋاز كەچتى. ھالبۇكى كېڭەش ئاياغلىشىپ، ئىشتىراكچىلار تارقاپ ئۆيلىرىگە قايتقانلىرىدا ئاقسۆڭەكلەر بىلەن داھىيلارنىڭ ھەممىسى قانداقسىگە مۇشۇنداق بىر قارارغا ئاۋاز قوشقانلىقلىرىدىن ھەيران قېلىشتى. ھەممەيلەن شۇ كېچىسى كېڭەشتە كۆپچىلىككە ئاۋاز قوشقانلىقىغا پۇشايمان قىلىشقان ئىدى. كېيىن «ئالدانغانلار كېچىسى» دەپ ئاتالغان بۇ كېچىدە ئۇلار ئۆز ئىمتىيازلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان قارارلىرىنى بىكار قىلىشقا كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمىدى.

گېرمان پادىشاھلىرى بىلەن شاھزادىلىرىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقلىرىدىن ۋاز كېچىپ، يېڭى گېرمانىيە ئىمپېراتورلۇقىغا باش ئېگىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. 70 – يىلدىكى غەلىبىدىن كېيىن ۋەرسايغا يىغىلغان گېرمان پادىشاھ ۋە شاھزادىلىرى بۇ قارارلىرىنى كېڭەشكە ئۇقتۇرغان بولۇپ، پىرۇسىيە پادىشاھىدىن باشقا گېرمان ھۆكۈمدارلىرى ۋە شاھزادىلىرىنىڭ ھەممىسى پىرۇسىيە پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. گېرمانلارنىڭ بۇ كېڭىشىمۇ فرانسۇزلارنىڭ 4 – ئاۋغۇست كېچىسىدىكى قارارىغا ئوخشاش بىر ئالدىنىش كۈنى بولغان ئىدى. چۈنكى بۇ كېڭەشتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش نامىدا مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قالغان پادىشاھ ۋە شاھزادىلەر كېڭەشتىن چىقار – چىقماس پۇشايمان قىلغان ئىدى.

تۈركلەرمۇ ئوخشاش تراگېدىيەنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئەسكىرىي ھەم سىياسىي جەھەتتە بۈيۈك زەپەرلەر قۇچقاندىن كېيىن ئېچىلغان ھاياجانلىق بىر كېڭەشتە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن دۆلەتنىڭ جۇمھۇرىيەت تىپىدىكى، لايىك دۆلەت بولغانلىقى جاكارلاندى. ئۆلىمالار ۋە خەلق ۋەكىللىرى بولغان پېشۋالارمۇ بۇ قارارغا ئاۋاز قوشتى.

تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۈيۈك ئىنقىلابچىلار خەلق ئاممىسىغا قوبۇل قىلدۇرغان ئىنقىلابلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كرىزىسلىق پەيتلەرنى كۈتىدۇ. بۇلار نورمال ۋاقىتلاردا قەتئىي قوبۇل قىلدۇرالمايدىغان ئىنقىلابلارنى ئاشۇنداق ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن پەيتلەردە ئاسانلا قوبۇل قىلدۇرالايدۇ.

دېمەك، مۇشۇنداق ھاياجانلىق پەيتلەردە كىشىلەر تولىمۇ پىداكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، قانداق بىر جەمئىيەت خەۋپ ئىچىدە قالسا ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى قىممەت – قاراشلىرىغا ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدۇ. مەنىۋى قىممەت – قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىش جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئاساسىدۇر.

شۇنداق بولغانىكەن، ئېغىر بوھراندا، مۈشكۈل پەيتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان مەپكۇرە راستىنلا ئىجادچان بىر ھەرىكەتتۇر. بۇ ھەرىكەت كىشىلەرنى ھەم ھەقىقىي قىممەتلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىشقا، ھەمدە ئەڭ چوڭ قۇربانلىقلارنى بېرىشكە ئۈندەيدۇ.

بۇلاردىن سىرت، يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى چاقناپ، ئىرادە ۋە ئىشەنچلىرى ئارتىدۇ. بۇنداق پەيتلەردە نۇرغۇن مۇلايىم كىشىلەر رەھىمسىز ھەم ئاچچىقى يامان، نۇرغۇن قورقۇنچاقلار قەھرىمان، نۇرغۇن چۈشكۈنلەر روھلۇق، نۇرغۇن ئۈمىدسىزلەر ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق پەيتلەردە ھەممەيلەننىڭ روھىدا بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەم تېز تارقىلىدىغان بىر ھاياجان جۇش ئۇرۇپ، ھەممەيلەننى ئەڭ شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دەل مۇشۇنداق ھاياجانلىق دەقىقىلەردە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ شېرىن تۇيغۇلۇق ھاياتىنى «مەپكۇرە» دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، مەپكۇرە بوھرانلىق پەيتلەردە باشتىن كەچۈرگەن، ئىنتايىن ھاياجانلىق ھەم مۈشكۈل بىر ئورتاق ھايات بولۇپ، باشقا نورمال ۋاقىتلاردىكى ھايات خۇسۇسىي ھاياتلاردۇر. ئىنسان تۇغما تەبىئىتىدە ئەقىلگە تايىنىدىغان، ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ۋە مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان مەخلۇقتۇر. ئەمما كوللېكتىپ دېگەن مەنپەئەت كۆزلىمەستىن پىداكارلىق قىلىدۇ. ئىجتىمائىي بىر ھاياتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇنداق پەۋقۇلئاددە پەيتلەردە شەخسلەرمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاشلا سەمىمىي ھەم پىداكار بوپكېتىدۇ.

مەپكۇرىنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە تەكەببۇرلۇقتىن يىراق بولۇشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. شەخسلەر جەمئىيەتنىڭ بۇ يوشۇرۇن كۈچىنى پەقەت مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردىلا ھېس قىلالايدۇ ھەم ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىدىن خەۋەردار بولالايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، مەپكۇرە جەمئىيەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. چۈنكى جەمئىيەت ئۆزىنى شەكىللەندۈرگەن شەخسلەردىن ئەمەس، بەلكى شۇ شەخسلەردىكى ئورتاق تۇيغۇلاردىن ۋە ئورتاق ئىرادىدىن، ئورتاق ئىدىيەلەردىن، يەنى ئورتاق ئاڭدىن ئىبارەتتۇر. كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بۇ مەنىۋى مەۋجۇدىيەتنى قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەر «پەرى، پەرىشتە ۋە تەڭرى» قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن سىمۋوللاشتۇراتتى.

قەدىمكى تۈركلەر تەبىئىي قىزغىنلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان بىر «ھاياجان پەيتى» بار دەپ قارايتتى. شۇ ھاياجانلىق پەيتتە ئاسماندىن چۈشكەن بىر نۇر ياكى پۈتۈن شەيئىلەردە پارلىغان «ئالتۇن نۇر» تۇتۇپ سالغان ئادەمنى ھامىلدار قىلىپ قوياتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خۇددى چام ۋە خۇش دەرخلىرىنىڭ مۇشۇ شەكىلدە ھامىلدار بولۇشىدىن توققۇز ئوغۇز ئاپرىدە بولغىنىغا ئوخشايتتى. بۇ ئالتۇن نۇر مەپكۇرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ھاياجان دەۋرى بولسا مەپكۇرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان چوڭ بىر كوللېكتىپ قىزغىنلىق ھەم ئىجتىمائىي بوھران ئىدى. تۈركلەرنىڭ تارىخىدا بۇنداق بوھرانلىق مەزگىللەر ئاز بولمىغان. داۋاملىق ئەڭ كىچىك بىر «ۋىلايەت»تىن باشلىنىپ، باشقا ۋىلايەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ تەرەققىي قىلىپ، ئايماق بەگلىكىدىن قەبىلە بەگلىكىگە، قەبىلە بەگلىكىدىن خانىدانلىققا، خانىدانلىقتىن ئىمپېراتورلۇققا قەدەر كېڭىيىپ، ئېغىر بوھرانلىق مەزگىللەر كەم بولمايتتى.

بۈيۈك بىر غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەت مەپكۇرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يېتىپ ئاشاتتى. دەرۋەقە، بالقان جېڭى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر تۈرك مەپكۇرىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولمىدىمۇ؟!

مەپكۇرىسىنى تاپالىغان بىر مىللەت ئىچىدە داۋاملىق ئارقىدىن ئىتتىرىدىغان بىر تۈرتكىلىك ئامىل بولىدۇ. زېھىندە شەكىللەنگەن ئىدىيەدىن باشقا تۈرتكىلىك ئامىل بولمىغان غايە بىزنى ئارقىدىن ئىتتىرەلمەيدۇ. ئەزەلدىن ئىنسانلارنى ئارقىدىن ئىتتىرىپ كەلگەن نەرسە دەل مەپكۇرىدۇر.

نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. دەرۋەقە، ھەر قانداق بىر مەپكۇرە جەمئىيەتنى ئالغا باستۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر. مەپكۇرىسى ئۆزگەرگەن بىر مىللەتنىڭ پۈتۈن قىممەت – قاراشلىرى ئۆزگىرىدۇ.

شۇڭلاشقا نىيچا Nietzsche: «ھەقىقىي ئىنقىلاب قىممەت – قاراشلار ئىنقىلابىدۇر» دەيدۇ. چۈنكى قىممەت – قاراشلارنىڭ ئۆزگىرىشى مەپكۇرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قەدىمكى پەيلاسوپلار كۆپ ھاللاردا مەپكۇرە بىلەن رېئاللىققا بىر – بىرىگە زىتتەك قارايتتى. بىر نەرسە مەپكۇرە بولسا رېئاللىق بولالمايدۇ، رېئاللىقمۇ مەپكۇرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولالمايدۇ، دەيتتى. بۇ خىل قاراش ئەدەبىياتقىمۇ شۇ پېتى يۆتكەلگەن ئىدى.

مەسىلەن، ۋىكتور ھۇگو Victor Hugo مۇنداق دەيدۇ: «مەپكۇرە رېئاللىق بىلەن يۈزلەشكەندە توزاندەك توزۇپ كېتىدۇ».

«مەن بىر ئۈمىد پەلسەپىسى ئوتتۇرىغا قويىمەن» دېگەن ئالفېرد فۇييە Alfred Fuyye بولسا: «ھەر قانداق مەپكۇرە ھامان بىر كۈنى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ» دېگەن.

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، مەپكۇرە دېگەن بىر ئىدىيە ھالىتىدە باشلىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى رېئاللىققا ئايلانمايدۇ. بەلكى مەپكۇرە ئېغىر بوھران يۈز بەرگەن ۋاقىتتا دەسلەپتىن تارتىپلا جانلىق بىر رېئاللىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا جەمئىيەتتە پەقەت ئورتاق ئاڭلا ھۆكۈم سۈرۈپ، شەخسىي ئاڭ غايىب بولىدۇ. بۇ ئورتاق ئاڭ روھلارنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلۇغۋارلىقى ئالدىدا پۈتۈن ئىنسانلارنى پىداكار ھەم ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرەلەيدىغان جانلىق بىر رېئاللىقتۇر.

مەپكۇرە دېگىنىمىز مۇشۇ ئورتاق ئاڭنىڭ كۈچلۈك ھەم كەڭ كۆلەملىك بىر ھاياتلىق كۈرىشىدۇر.

دېمەك، مەپكۇرە − دەسلەپ بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ جانلىق ھەم ئىجادچان بىر رېئاللىق، كۈرەشچان بىر ھاياتتۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەپكۇرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ كۈچلۈك ھاياجانلار شەخسىيەتچى روھلارغا نىسبەتەن تولىمۇ زېرىكىشلىكتۇر. شۇڭلاشقا بۇنداق كوللېكتىپ ھاياجانلىق مىنۇتلار ئانچە ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ. بىر قانچە ھەپتە بولا – بولمايلا شەخسىيەتچى روھلار چارچاشقا باشلايدۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەت ئاجىزلايدۇ، كىشىلەر روھىي جەھەتتىن بۇرۇنقى زەئىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بوھران مەزگىلىدە باشلانغان قىزغىن ھاياجانلاردىن كىچىككىنە خىرە ئەسلىمىلەردىن باشقا ھېچ نەرسە قالمايدۇ.

بوھران مەزگىلىدە نېمىلەر ھەققىدە باش قاتۇرۇلغان، سۆزلەنگەن ۋە قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ھەم خىرەلەشكەن ئەسلىمىسىلا قالىدۇ. بۇ بوھرانلار ئەمدى پەقەت ھاياجانغا سالىدىغان بىر ياكى بىر قانچە پىكىردىن ئىبارەت خالاس. بۇنداق ۋاقىتلاردا مەپكۇرە رېئاللىقتىن يىراقلىشىپ پەقەت بىر ئىدىيەگە ئايلىنىدۇ. بۇ چاغدا مەپكۇرە بىلەن رېئاللىق ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئىنتايىن كەسكىنلىشىدۇ. چۈنكى بىر تەرەپتە بوھران مەزگىلىدىن قېپقالغان مۇجمەل پىكىرلەر بولسا، يەنە بىر تەرەپتە خۇسۇسىي ھاياتنىڭ جانلىق تۇيغۇلىرى مەۋجۇت. ئاخىرقىسى ئەمەلىي رېئاللىقنى تەشكىل قىلغىنىدا مەپكۇرە بىلەن رېئاللىق بىر – بىرىدىن يىراقلىشىدۇ. ھەتتا بۇ خۇسۇسىي رېئاللىق ئالدىدا بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر ئاستا – ئاستا ئۆچۈشكە، ھەتتا تامامەن يوقىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتسۇنكى، جەمئىيەتتە بۇ ئەسلىمىلەرنىڭ تامامەن يوقىلىشىنى توسۇپ قالىدىغان بىر قاتار ئىجتىمائىي مېخانىزملار مەۋجۇت.

مەپكۇرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن شۇ ھاياجانلىق مەزگىلنىڭ ھەر قېتىم يىل ئۆرۈلۈش ھارپىسىدا ئۆزلۈكىدىن بىر مىللىي بايرام ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەر يىلى شۇ كۈندە ھاياجانغا تولغان ھاياتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. مەپكۇرە نەدە پەيدا بولغان بولسا شۇ يەر ئىجتىمائىي بىر تاۋاپگاھنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. شۇ چاغدا قانداق قائىدە – يوسۇن ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋەز ئېيتىلغان بولسا، يەنە شۇ قائىدە ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر مۇشۇ بايراملارنىڭمۇ تەبرىك سۆزلىرى بولىدۇ. شۇ ئايلاردا قايسى بايراق، قايسى رەڭ ۋە قايسى بېزەكلەر ئىشلىتىلگەن بولسا، شۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزى يەنە مۇشۇ بايراملارنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرى بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئەينى چاغدىكى ئاشۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارغا ئائىت ھەر قانداق ئىش – ھەرىكەت، گەپ – سۆز ۋە ھەر قانداق شەكىللەر مۇشۇ يىل ئۆرۈلۈش مەزگىللىرىدە، ئەينى چاغدا مەپكۇرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بوھراننىڭ جۇشقۇن كەيپىياتىدىكى يۈكسەك ھاياجاننىڭ ئاجىزانە بىر ئۆرنىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. چۈنكى بۇنداق ۋاقىتلاردا روھلاردىكى ئەخلاقىي ساپا قايتىدىن يۈكسىلىدۇ. شەخسىي مەنپەئەتلەر ۋە ئاچكۆزلۈكلەر ئۇنتۇلۇپ، ھەر كىم ئاز بولسىمۇ پىداكار، جەسۇر ۋە سەمىمىي ھالەتكە كېلىدۇ. بوھران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بوھران مەزگىلىدە رېئاللىققا چىققان مەپكۇرە قايتىدىن رېئاللىققا يېقىنلىشىدۇ.

دېمەك، مىللىي بايراملارنىڭ رولى ھەر يىلدا بىر قېتىم مەنىۋى سەۋىيەنى مەپكۇرە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، مەپكۇرىنى رېئاللىق دەرىجىسىگە چۈشۈرۈشتۇر. بۇنداق بولغاندا مەپكۇرە بىلەن رېئاللىق بەزىدە تامامەن بىرلىشىپ كېتىدۇ، خۇددى بوھران مەزگىللىرىدە مەپكۇرىنىڭ ھەقىقىي بىر ھايات ھالىتىدە ئوتتۇرىغا چىققىنىغا ئوخشاش. بەزىدە بولسا بىر – بىرىگە يېقىنلىشىدۇ، خۇددى مەپكۇرىنىڭ مىللىي بايراملاردا بوھران مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا سەل ئاجىز كەيپىياتتا مەيدانغا چىقىپ، جانلىق رېئاللىققا ئايلىنىشقا ئاز قالغىنىغا ئوخشاش.

ئىجتىمائىي ئاڭ بىلەن يىغىلىش ھەم بىرلىشىشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار سىياسىي پارتىيىلەر، ئىلىم، ئەدەبىيات ۋە ئىقتىساد جەمئىيەتلىرىدۇر. بۇلار ھەر يىلدا بىر قېتىم بىر كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ئۆچۈشكە باشلىغان مەپكۇرىلەرنى قايتىدىن يالقۇنجىتىدۇ. ھەر يىللىق كېڭەشنى ئۆتكۈزمىگەن تەشكىلاتلار بىر – ئىككى يىلدىن كېيىنلا ئىشەنچلىرىنى ۋە مەپكۇرىلىرىنى تامامەن يوقىتىشقا باشلايدۇ.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى