نىكا ئىسيانى

ئورنى Wikipedia
قەدىمى رىم سارايى ۋە ھىپودروم خەرىتىسى

نىكا ئىسيانى (يۇنانچە: Στάση του Νίκα) مىلادى 532- يىلى كونستانتىنوپولدا (بۇگۈنكى ئىستانبۇل) يۈز بەرگەن، شەھەر تارىخىدىكى ئەڭ شىددەتلىك ئىسياندۇر. شەھەرنىڭ يارىمى كۆيۈپ كۈل بولغان ياكى زىيانغا ئۇچراغان. ئون مىڭلىغان كىشى ئۆلگەندۇر.

13- يانۋار كۈنى غەزەپلەنگەن ئالامان ھىپودروم مەيدانىغا (بۇگۈنكى سۇلتانئەھمەد مەيدانى) كەلدى. ھىپودروم ساراينىڭ يانىدا ئىدى ۋە جۇستىنىئان ئالاماننى بىخەتەر كۆزەتمەكتە ئىدى. باشلانغۇچتىن ئىتىبارەن ئالامان جۇستىنىئانغا ھاقارەت قىلىشقا باشلىدى. ئاخشامغا يېقىن، 22. مۇسابىقەدە ئالامان دىنى ناخشىلار بىلەن سارايغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلادى. 'نىكا' كەلىمەسى "يەڭ"، "يەڭگۈچى سەن بول" دېگەنلىكتۇر. كېيىنكى 5 كۈن ئىچىدە سارايدا ڧىئىلىي بىر قورشاۋ ياشاندى. قالايماقانچىلىقتىن چىققان يانغىنلار شەھەرگە بۈيۈك زىيان سالدى. بولۇپمۇ شەھەرنىڭ مۇتەبەر ئىبادەتخانە بولغان ئاياسوڧىيا چىركاۋى ۋەيران قىلىندى. كېيىنچە جۇستىنىئان ئاياسوڧىيانى يېڭىدىن ئىنشا قىلدۇردى.

قالايماقانچىلىقنىڭ نەتىجىسىدە ئىمپېراتۇر جۇستننىئانوس I، ئاياقلانغان 30 مىڭ كىشىنى ھىپودرومغا يىغىپ كېلىپ قەتىل قىلدۇرغان.

مەنبە[تەھرىرلەش]

تۈركچە ۋىكىپېدىيەدىن تەرجىمە قىلىندى.