نىلسون ماندىلا

ئورنى Wikipedia

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گېرمانىيە)

ھاياتىنى قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى، ئەركىنلىكى، ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى كۈرەشكە ئاتىغان، جەنۇبى ئافرىقىلىقلارنىڭ داھىيسى نىلسون ماندىلانىڭ ئۆز ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ يازغان، گېرمان تىلدىكى تەرجىمېسى «Derlange Weg zur Freiheit» يەنى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. نىلسون ماندىلا بۇ كىتابىدا، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ئىلھام بۇلىقى بولغان بىر ھايات ھېكايىسىنى تەسىرلىك بايان قىلىدۇ. مەن تۆۋەندە بۇ كىتابقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، كەڭ ئوقۇرمەن قېرىنداشلارغا نىلسون ماندىلانى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈمەن.

نىلسون ماندىلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ خھوسا تىلىدا سۆزلىشىدىغان تەمبۇ قەبىلىسىنىڭ قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

نىلسون ماندىلا بولسا 1937-يىلى 19 يېشىدا فورت ھارى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ۋىتۋاتىرسراند ئۇنىۋېرسىتېتىدە سىياسىي ھوقۇق ۋە قانۇن كەسىپلىرىنى ئوقۇغان. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئافرىقىدىكى ھەرخىل مەدەنىيەت بىلەن تونۇشقان ۋە ئافرىقىدىكى مائارىپ ئىسلاھاتى توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلغان. بۇ ۋاقىتلار جەنۇبى ئافرىقىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى قاتتىق ئىرقى كەمسىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھەم 1912-يىلى قۇرۇلغان ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتايى (ANC) غا ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن بىرىنچى قارا تەنلىك ئادۋۇلكات بولۇپ ئىشلىگەن، ئۆز ئادۋۇكاتلىق ئىشخانىسى ئىچىپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.

1960-يىلى ANC نى دۆلەت «قانۇنسىز تەشكىلات» دەپ چەكلىگەن. 1962-يىلى بىر قېتىملىق چوڭ نامايىشتا، ساقچىلار نامايىشچىلارنى قاتتىق ۋە قانلىق باستۇرىدۇ ۋە ماندىلانى قولغا ئالىدۇ.

«جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي پىلانلارنى تۈزگەن» دېگەن گۇناھ بىلەن 1964-يىلى ماندىلانى سوتلاپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ سوتتا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئاق تەنلىك ھۆكۈمرانلارغا قارشى كۈرەش قىلدىم، قارا تەنلىك ھۆكۈمرانلارغىمۇ قارشى كۈرەش قىلدىم. مىنىڭ ئىدىيەم بولسا دېموكراتىيە ۋە ئەركىن جەمئىيەتتە بارلىق ئىنسانلار تەڭ باراۋەر ۋە تەڭ ھوقۇق ئاساستا ياشاش. مەن مۇشۇ ئىدىيەم ۋە غايەم ئۈچۈن ياشايمەن ۋە بۇ ئىدىيەمنى ۋە غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. ئەگەر بۇ ئۇلۇغۋار غايەم ئۈچۈن ۋاقتى كەلسە، ھاياتىمنى قۇربان قىلىمەن».

مانا مۇشۇ كۈندىن باشلاپ، نىلسون ماندىلا ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى كۈرەش قىلغان. ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ماندىلامۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتلىك بىر ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.

نىلسون ماندىلا جەنۇبى ئافرىقا خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ئازادلىقى ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ۋە بۇ كۈرەش ئۈچۈن ھاياتىدا ئېغىر بەدەل تۆلىگەن. ماندىلا بولسا 27 يىل تۈرمىدە ياتقان، تۈرمە ھاياتىدا روببەن ئىسلانددىكى يالغۇز كامىردا 18 يىل ئۆزى يالغۇز ياشىغان. 1990-يىلى »دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق مەھكۇمى« دەپ ئاتالغان ۋە ئىرىقچىلىققا قارشى كۈرەشتە پۈتۈن دۇنيادا مەشھۇر بولغان نىلسون ماندىلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئاخىرى ئەركىنلىككە چىققان .

نىلسون ماندىلانىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتاينىڭ ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان كۈرىشى 1992-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. قارا تەنلىكلەر تەڭ باراۋەرلىك ۋەتەنداشلىق ھەقلىرىگە ئىگە بولىدۇ ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنى خەلقنىڭ ئەركىن سايلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا قانۇن بېكىتىلىدۇ.

نىلسون ماندىلا 1993-يىلى تېنچلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

1994-يىلى ئەركىنى سايلام ئارقىلىق جەنۇبى ئافرىقىنىڭ 1-قېتملىق قارا تەنلىك دۆلەت رەئىسى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىپ، جەنۇبى ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەر ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي مەناسى بىلەن ئېرىشكەنلىكى پۈتۈن دۇنياغا نامايان بولىدۇ.

نىلسون ماندىلا 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جوھاننەسبۇرگتا 95 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

نىلسون ماندىلا بولسا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ۋە بۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەملىكىدە ياشاۋاتقان، ئەركىنلىككە ، ئازاتلىققا تەشنا بولغان، ئىنسانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر ئەركىنلىك داھىيىسىدۇر.

نىلسون ماندىلا سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزىگە، ئاڭلاتقان ھەر نەرسىسىگە ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئەمەل قىلغان مەشھۇر شەخستۇر. خۇددى ئۆزى ئېيتقاندەك: »ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆك ئاسماننى سېتىۋىلىشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق، پەقەت ۋە پەقەتلا روھىمىزنى ساتمىساقلا يېتىدۇ.«

نىلسون ماندىلا ھېچبىر ۋاقىت، ھەرقانداق يامان شارائىت ئاستىدىمۇ ئۆز روھىنى، ئۆز ۋىجدانىنى ساتمىغان. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ تۈرمىنىڭ كاتەكتەك بىر ئۆيىدە 18 يىل يالغۇز قالغان بولسىمۇ، قاراڭغۇ كېچىلەردە ئەڭ راھەت ئۇخلىيالىشى ئۈچۈن يۇمشاق ياستۇقلۇق رولىنى ئوينىغان پەقەتلا ئۇنىڭ تەسلىم بولمىغان قەيسەر روھى، ۋىجدانى ئىدى. ھەمدە قانچىلىك زىيانغا ئۇچرىسا ئۇچرىسۇن، ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلىتى بولسا كەچۇرىۋىتىش ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە رادىكال بىر ياخشى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن نىلسون ماندىلانىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن دەرسلەر باردۇر.

نىلسون ماندىلانىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھېكمەتلىك سۆزلىرى:

كەمبەغەللىكنى يوقىتىش بىر ياخشى ئىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئادالەتتۇر.

بىر ئىنسان بىلەن مۇناسىۋەت قۇرماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز بىلىدىغان تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ چۈشىنىدىغان تىل بىلەن سۆزلىشىڭىز لازىم.

دىن، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كۈچلەردىن بىرىدۇر.

ئەگەر ئىچىڭىزدىكى يورۇقلۇقنى تېشىغا چىقىرالىسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەر بۇنى كۆرىدۇ.

ياخشى بىر رەھبەر ھەر ئىككى تەرەپكە يېقىن بولۇشى كېرەك. كىبىرلىك، يۈزەكى ۋە بىلىمىسىز رەھبەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.

بىر داھىي بولسا پادىچىغا ئوخشايدۇ، قويلىرىنى ھەرگىز يانىڭ گىرۋىكىگە ھەيدىمەسلىكى لازىم.

ھېچكىم باشقا بىرسىنى، رەڭگىگە، دىننىغا ۋە ئىدىيەلىرىگە قاراپ كەمسىتمەسلىكى ۋە نەپرەتلەنمەسلىكى كېرەك.

مەن ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر قىلدىم، يولۇمدىن ھېچ ۋاز كەچمىدىم. بىر بۈيۈك چوققىغا چىققاندىن كېيىن، چېقىدىغان يەنە نۇرغۇن چوققىلارنىڭ بارلىقىنى پەرق ئەتتىم.

ئىنسانلارنىڭ نەپرىتىنى چۈشىنىشىمىز لازىم. ئەگەر ئۇلار بىر ئىشتىن نەپرەتلەنگەن بولسا، چوقۇم ئۇلار يەنە مېھرى-شەپقەتنىمۇ بىلىدۇ. چۈنكى مېھرى-شەپقەت ئىنسان تەبىئىتىگە نەپرەتكە قارىغاندا ئەڭ يېقىن.

ئىنسانلارنىڭ بېشىغا ياخشى ۋە يامان ئىشلار كېلىشى مۇمكىن. بۇلاردىن قۇتۇلدۇردىغان نەرسە، پەقەتلا ۋاقىتتۇر.

ئەركىن بولماق، يالغۇز زەنجىرلەردىن قۇتۇلۇشلا ئەمەس، بەلكى يەنە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئارتتۇرماق ۋە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ياشاش دېگەنلىكتۇر.

مەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارشى سوقاشتىم. قارا تەنلىكلەرنىڭ بېسىمىغا قارشىمۇ سوقاشتىم. دېموكراتىك ۋە ئەركىن خەلقلەرنىڭ پىكرىنى ھىمايە قىلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋە بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشىدىم، بۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن.

ئەمەلگە ئاشۇرغانغا قەدەر ھەر نەرسە ئىمكانسىز كۆرۈنىدۇ.

ئاياللار؛ بارلىق بېسىم ۋە زۇلۇم زەنجىرلىرىدىن قۇتۇلمىغىچە ئازادلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

مۇھىم بولغىنى تېرىلىرىڭنىڭ رەڭگى ئەمەس، بەلكى قەدىر-قىممىتىڭنىڭ رەڭگىدۇر.

شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئۆزۈمنى ئۆرگەرتمەي تۇرۇپ، باشقا ھېچكىمنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەنمەن.

بىر مىللەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئىنكار قىلىش، ئىنسانلىقىنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىكتۇر.

مېنى ئەركىنلىككە ئىگە قىلىدىغان ئىشىكتىن ئۆتكەندە، غەزەپنى ۋە نەپرەتنى ئارقامغا تاشلاپ قويمىسام، تۈرمىدە داۋاملىق قالىدىغانلىقىمنى بىلىمەن…

كۆپ ۋاقىتلاردا بىزنى قورقۇتقان ئىچىمىزدىكى يورۇقلۇق بولماستىن، بەلكى تېشىمىزدىكى قاراڭغۇلۇقتۇر.

جەسۇر ئادەم قورقۇنى ھېس قىلمىغان ئەمەس، بەلكى قورقۇنى يەڭگەن كىشىدۇر.

ئارقا سەپتە تۇرۇپ رەھبەرلىك قىلىڭ، باشقىلارنى رەھبەر دەپ بىلسۇن.

ھاياتىمدىكى ئەڭ بۈبۈك شەرىپىم؛ ھەر قېتىم يېقىلغاندا، ئورنۇمدىن دەس تۇرالىغانلىقىمدۇر.

ياخشى بىر كاللا بىلەن ياخشى بىر يۈرەك ھەر ۋاقىت كۈچلۈك بىرجۇپلاردۇر.

بىرسىگە ئاڭلىيالايدىغان تىل بىلەن سۆزلىسىڭىز زېھنىگە، ئەگەر ئۇنىڭ تىلى بىلەن سۆزلىسىڭىز قەلبىگە خىتاب قىلغان بولىسىز.

ئەركىنلىكنىڭ ئاسان يولى يوقتۇر. كۆپچىلىكىمىز ئارزۇلىرىمىزغا يېتىش ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ شولىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان جىلغىلاردىن قايتا-قايتا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىمىز.

مەن بىر كوممۇنىست ئەمەس، ئەمما دېيىشىم كېرەككى، بىزنى ئۇلاردىن باشقا بىرسى چۈشەنمىدى.

بۇ يەردە مەن بىر پەيغەمبەر بولۇپ تۇرمايۋاتىمەن، سىزنىڭ ئاددىي بىر خىزمەتچىڭىز بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن. سىزنىڭ ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدىغان ۋە قەھرىمانلارچە پىداكارلىقلىرىڭىز سايىسىدە بۇ يەردىمەن.

ئالغا قاراپ ماڭىمىز. ئارقىغا يانغىلى بولمايدىغان ئەركىنلىك ۋە ئادالەت يولىدا ماڭىمىز.

بۇ ئىدېئال مەقسەت ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى مەن.

كۆرەش مېنىڭ ھاياتىمدۇر.

10.08.2016، گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى