نۇرگۈل ئەبەي
ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻧﯘﺭﮔﯜﻝ ﺋﻪﺑﻪﻱ 1970–ﻳﯩﻠﻰ 2–ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12–ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯧﺠﯩﯔ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻣﯘﺩﯗﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1992–ﻳﯩﻠﻰ «ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ»ﻧﯩﯔ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ. 1992–ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 2000–ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﻣﯘﺩﯗﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. 2000–ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﯧﺠﯩﯔ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﻧﯘﺭﮔﯜﻝ ﺋﻪﺑﻪﻱ «ﺗﺎﺭﯨﻢ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2008-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4–ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ», «ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﯓ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﮔﯘﻧﺎﮪ ﯞﻩ ﺟﺎﺯﺍ», «ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﺷﯩﻖ», «ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﺎﻏﯩﻘﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 20 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ, «ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ», «ﻛﻪﭼﻜﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻖ», «ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯚﺕ ﺧﻮﺗﯘﻥ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 7 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
2013-ﻳﯩﻠﻰ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ» ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﺳﯩﺮﻯ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ, 2014-ﻳﯩﻠﻰ «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ» ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﻗﯘﻡ ﭼﯚﮔﯜﻥ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ, 2015-ﻳﯩﻠﻰ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺷﻼﺭ-ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ» ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ «ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﯧﻨﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻼ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
2011-ﻳﯩﻠﻰ10-ﺋﺎﻳﺪﺍ «ﺗﺎﺭﯨﻢ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2010-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1-ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ 18-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ «ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﻯ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ»ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. «ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻰ «ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ «ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯﻯ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.
ﻧﯘﺭﮔﯜﻝ ﺋﻪﺑﻪﻱ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ. ﺑﺎﻳﯩﻨﻐﻮﻟﯩﻦ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ.
ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﻩﻙ ﭘﺎﺭﻻﭖ, ﺗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ, ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ, ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ!