نۇر بەكرى كىم؟

ئورنى Wikipedia

نۇر بەكرى كىم؟ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


شەرقىي تۈركىستان مەنچىڭ خىتايلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، نامى «شىنجاڭ» دەپ ئۆزگەرتىلگەن 1884-يىلىدىن تاكى چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان 1911-يىلىغا قەدەر ۋە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ-جۇڭخۇا مىنگو) قۇرۇلغان 1911-يىلىدىن 1947-يىلىغا قەدەر مۇستەبىت، دىكتاتور مانجۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن زالىملارچە ئىدارە قىلىندى. بۇ جەرياندا ئىدارە قىلغان ئامبال ياكى ئۆلكە رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان قانخورلۇق سىياسىتىگە ئەينەن ۋارىسلىق قىلدى.

قىسقىسى، 1884-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە بولغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلاردىن بولغان قورچاق ئامبال ياكى قورچاق ئۆلكە رەئىسى ئىشلەتمىدى.

شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى تۇنجى قورچاق ئۇيغۇر رەئىس مەسئۇد سابىرى بايقۇزى بولۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1947-يىلى 5-ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت»نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. مەسئۇد ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مەشھۇر «ئۈچ ئەپەندى»لەرنىڭ بىرسى بولۇپ، 1949-يىلىنىڭ بېشىغىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلانغان مەسئۇد ئەپەندى ھازىرغا قەدەر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن قورچاق رەئىسلەر ئىچىدە ئۆز خەلقىگە ئىجابىي تەسىر قالدۇرغان بىردىنبىر شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇد سابىرى بايقۇزى 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن 1951-يىلى «مىللەتچى ئۇنسۇر» دېگەن نام بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 1952-يىلى ئۆز ئۆيىدە داۋالىنىش ئىمكانىيىتىدىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، نازارەت ئاستىدا ئېچىنىشلىق ۋاپات بولدى.

نۇر بەكرى بولسا 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ 35-قېتىملىق يىغىنىدا سابىق قورچاق باشلىق ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شەرقى تۈركىستانغا تەيىنلەنگەن 8-قورچاق باشلىقتۇر. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم»نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئىدى.

نۇر بەكرى 1961-يىلى 8-ئايدا بۆرتالا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 12-ئايدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. 1983-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. ئۇ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار سىنىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

ئۇنىڭ خىزمەت تارىخى تۆۋەندىكىچە:

1978-يىلى 11-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتى سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان.

1983-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان.

1984-يىلى 11-ئايدىن 1989 يىلى 1-ئايغىچە خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.

1989-يىلى 1-ئايدىن 1992-يىلى 1-ئايغىچە خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان (1986-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلىق سىنىپىنىڭ سىياسىي نەزىرىيە كەسپىدە ئوقۇغان).

1992-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

1992-يىلى 6-ئايدىن 1993-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

1993-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلى 4-ئايغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1994-يىلى 5-ئايدىن 11-ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فېيچىڭ شەھىرىدە ۋەزىپە بىلەن مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان).

1995-يىلى 4-ئايدىن 1996-يىلى 3-ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان.

1996-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان.

1998-يىلى 2-ئايدىن 3-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.

1998-يىلى 3-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى بولغان.

2000-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 1-ئايغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

2001-يىلى 1-ئايدىن 2003-يىلى 4 ئايغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.

2003-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.

2005-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان.

2007-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.

2008-يىلى 1-ئايدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 1-قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

2008-يىلى 1-ئايدىن 2014-يىلى 12-ئايغىچە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولغان.

نۇر بەكرى خىزمەت جەريانىدا تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېقىندىن ماسلاشقان.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى ئۆزى بىۋاستە بۇيرۇق بېرىپ باستۇرۇپ، «ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى كونترول قىلىشى ئۈچۈن ئاتالمىش شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، شەرقى تۈركىستاننى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنىڭ ئېچىشىغا بۆلۈپ بېرىشكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.

2012-يىلدىن 2014-يىلغىچە شەرقى تۈركىستاندا تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى قارشىلىق ۋە قانلىق توقۇنۇشلار بارغانسېرى كۆپەيگەن.

2014-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (مىنىستىر دەرىجىلىك) پارتىكوم ئەزاسى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى باشلىقى، پارتىكوم سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.

ئۇ يەنە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان.

نۇر بەكرى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئاكتىپ ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن «ۋاڭ بەكرى» دەپ لەقەم قويۇلغان. كېيىنچە يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇر بەكرى ھەققىدە «نۆل بەكرى» دېگەن يېڭى لەقەم تارقالغان.


ئۈرۈمچىدىكى بىر دەرتمەن ئايال بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن پارچە:

سوئال: بۇ دەرتلىرىڭىزنى نۇر بەكرىگە ئېيتىپ باقمىدىڭىزمۇ؟

جاۋاب: ياق، ئېيتمىدىم. ئۇنىڭ قولىدىن پوق كەلمەيدۇ.

سوئال: ھەر ۋاقىت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، بەزى چاغلاردا ئىشلەپ قېلىشى مۇمكىنتى ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: ياق، چورتلا كەلمەيدىكەن. «ئۇنىڭ دەردى بىزدىن جىق، ھېچكىمگە گېپى ئۆتمەيدۇ» دېيىشىدۇ خەقلەر.

سوئال: شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: شۇ، شۇ، ھازىر ئۇنى ھەممە ئادەم «نۆل بەكرى» دەيدۇ.

نۇر بەكرى ھەققىدىكى بۇ يېڭى لەقەم ھەتتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ تارقالغان. ھەتتا ئۇنىڭ بۇ لەقىمى توغرۇلۇق ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «نۇر بەكرىنىڭ يېڭى لەقىمى ھەققىدە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر ۋاقىت ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرۈپ، دوست-دۈشمىنىنى ئايرىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى، گەرچە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆز مەيدانىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىپادىلەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئابلەت ئابدۇرېشىتقا «ئوماق»، تۆمۈر داۋامەتكە «تاۋاق»، خەلچەم ئىسلامغا «يالاق»، ئەركىن ئىمىرباقىغا «ئەركىن خېمىرباقى»، ئىسمايىل تىلىۋالدىغا «ئىسمايىل تالىۋالدى»، مەمتىمىن زاكىرغا «مەمتىمىن مۇزاكىر» دېگەندەك لەقەملەرنى قويۇش ئارقىلىق، تارىخ ۋە رېئاللىققا توغرا باھا بېرىپ ۋە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇلاڭچىلىق، زوراۋانلىق، قىرغىنچىلىق، دۆلەت تېررورىزمىنى نۇر بەكرى ئارقىلىق قانۇنلاشتۇرۇپ، خاتىرجەم داۋاملاشتۇرغان.

نۇر بەكرى ئەڭ قارا قورساق ۋە ئەڭ لاياقەتسىز باشلىق بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ نۇر بەكرىنى «لاياقەتسىز رەئىس» دەپ تەنقىدلىگەن. يىغىپ ئېيتقاندا نۇر بەكرىنىڭ دەۋرى شەرقى تۈركىستان دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ تارىختىكى ئەڭ قاراڭغۇلۇق، ئەڭ ئېچىنىشلىق دەۋرى بولغان.

ئەمما يەنە بەزى قاراشلاردا نۇر بەكرى 2008-يىلدىن 2013-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىدە بولغان دەۋرىدە، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى جاڭ چۈنشەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەن ئاتالمىش «يۇمشاق سىياسەت» مەزگىلىدە، نۇر بەكرىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ 2010-يىلدىن 2014-يىللارغىچە بولغان قىسقا مەزگىللىك گۈللىنىشى ئۈچۈن يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يۇقىرىقى قاراشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى 1990-يىلدىن 2015-يىلغىچە «شىنجاڭ گېزىتى»دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، 2012-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ «ئەدەبىيات» دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن «بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلغان ساتتار ساۋۇت، ئابدۇرازاق سايىم، يالقۇن روزى، ئابدۇراھمان ئەبەي قاتارلىق نەشرىيات ساھەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى نۇر بەكرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ۋە نۇر بەكرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى بايانىدا نۇر بەكرى دەۋرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇھىم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ سودا ساھەسىدە روناق تېپىشى قاتارلىقلارنى نەقىل ئېلىپ، نۇر بەكرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى يار بەرگەن شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قىسىم خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئەيىبلەشلىرىدە ئۇنىڭ مىللىي مەسىلىدە خاتالاشقانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

ئەمما سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا: نۇر بەكرى كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك يۇمشاش سىياسىتى سەۋەبىدىن بولغان، دەپ قارايدۇ. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي مىللىتىدىن بولغان ۋاڭ لېچۈەن، جوۋ يۇڭكاڭ قاتارلىق پارىخور ئەمەلدارلار بىلەن نۇر بەكرىنى سېلىشتۇرۇپ، نۇر بەكرىنىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىدەك ئېغىر جازاغا تارتىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىدەك مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نامايان قىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

نۇر بەكرى 1961-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر 58 ياشقا.


پايدىلانغان مەنبەلەر:

http://www.uyghurcongress.org/uy/?p=1189


http://www.barliq.com/xewer/tohpikar/dangliq-shexisler/2011-12-30/16266.html


http://wapbaike.baidu.com/view/568423.htm?uid=04535E59F405412D64B071B086CD9060&ssid=0&bd_page_type=1&st=1&step=2&net=3&bk_fr=bk_srch


http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/nur-bekri-12302014204252.html

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/nur-bekri-10102012162034.html?searchterm%3Autf8%3Austring=%D9%86%DB%87%D8%B1+%D8%A8%DB%95%D9%83%D8%B1%D9%89


https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/nur-bekri-12032019164829.html