نۇر دىگەن نىمە؟

ئورنى Wikipedia

نۇر(يورۇقلۇق) بولغاچقىلا بىز كۆزىمىزنىڭ ۋاستىسى بىلەن نەرسىلەرنى كۆرۈشكە قادىر بولالايمىز. يەنى جىسىملاردىن قايتقان نۇر كۆزىمىزگە يېتىپ كەلگەندە، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قاتار ئوپتىكىلىق(يورۇقلۇققا ئائىت) سىستىمىدىن ئۆتۈپ، كۆرۈش نىرۋىللىرىمىزنى غىدىقلىغاندىن كىيىن كاللىمىزدا جىسىمنىڭ ئوبرازى ئەكىس ئىتىدۇ. بىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ دۇنيا رەڭگا-رەڭ، بۇمۇ دەل جىسىمدىن قايتقان نۇرنىڭ ئوخشاشمىغان خۇسۇسىيەتتەئىگە ئىكەنلىكىدىن.ئۇنداقتا، نۇر زادى قانداق نەرسە؟

نۇرنىڭ خۇددىي سۇ دولقۇنى ۋە ئاۋاز دولغۇنلىرىغا ئوخشاش ئايلىنىپ ئۆتۈش(دىفراكسىيە) ۋە قاتلىنىش(ئىنتېرفىرىنسىيە) ھادىسلىرىگە ئاساسلىنىپ ، كىشىلەر نۇرنى بىر دولقۇندىن ئىبارەت دىگەن. بۇنىڭ ۋەكىلى كىرىستىيەن ھۇيگىنىس (1629-1695)بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ دولقۇن تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىيىنكى دەۋىرلەردە نۇرنىڭ تۈز سىزىق بويىنچە تارقىلىش، تەكشى جىسىم يۈزىدىن قايتىش ۋە پەرىقلىق مۇھىت چىگرىسىدا سۇنۇش ھادىسلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، نۇرنى يۇقىرى تىزلىكتىكى زەرىچىلەر ئېقىمى دىگەن خۇلاسىگە كىلىشكەن. بۇ كۆز قاراشنىڭ ۋەكىلى ئىسساك نيوتۇن(1706-1790)بولۇپ،ئۇ نۇرنىڭ زەررىچە تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتا نيوتۇننىڭ ئىلىمپەن ساھەسىدە تۇتقان ئورۇننىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەپلىك كۆپ سانلىق كىشىلەر تاكى 1900 يىللارغىچە نيوتۇننىڭ زەرىچە تەلىماتىغا ئىشىنىپ كەلگەن ئىدى. بىراق فوكاۋلت (1819-1868) ئېلىپ بارغان تەجىربە نيوتۇن تەلىماتى ئىنكار قىلىنىشىنىڭ باشلىنىش نوختىسى بولدى. يەنى ، زەرىچە تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا نۇرنىڭ ھەقىيقى بوشلۇقتا تارقىلىش تىزلىكى(تەخمىنەن سىكونتىغا 300مىڭ كىلومېتىر) ۋە سۇدىكى تىزلىكى(تەخمىنەن سىكونتىغا 218مىڭ 400 كىلومېتىر). بۇ پاكىت نۇرنىڭ سۇنۇش ھادىسسنى چۈشەندۈرۈشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇراتتى... 1899-يىلغا كەلگەندە ماكىس پىلانىك (1858-1947) قارا جىسىم رادىياتسىيە(ئىنىرگىيە تارقىتىش) دولقۇنى ئىنىرگىيە زىچلىقى چاستۇتا بويىنچە تەخسىملىنىش قانۇنىيتىنىڭ كىلاسسىك فىزىكا قانۇنلىرىدىن چىقىرىلغان نەزىريىۋى يەكۈنگە ماس كەلمەسلىكتەك زىتلىقتىن چىقىش قىلىپ،نۇرنى بىرخىل كۇۋانتلاشقان(ئۈزۈك-ئۈزۈك،كىچىك مىقتارچىلارغا ئايرىلغان) زەررىچىلەرئېقىمى دىگەن پەرەز بىلەن نەزىرىيە ۋە تەجىربە قانۇنىيتىنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ، يىقىنقى زامان فىزىكىسىدىكى مۇھىم بولغان يىڭى بۇرۇلۇش-كۇۋانت مىخانىكىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئۇل ھازىرلاپ بەردى. پىلانىكنىڭ بۇ يىڭى كۇۋانت نەزەرىيسىدىن ئىلھام ئالغان ئېنىشتېين(1879-1955) فوتو-ئېلىكتېر ئىففىكتى(نۇر-توك تەسىرى)نى ناھايىت ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى بىلەن 1905-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولدى...

خۇلاسىگە كەلسەك، ھازىرقى زامان كۇۋانت مىخانىكا نەزەرىيسى بويىنچە نۇر بولسا كۇۋانتلاشقان ئەڭ كىچىك نۇر زەرىچىللىرى(فوتۇنلار)دىن تەركىپ تاپقان ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنىدىن ئىبارەت. كۇۋانتلاشقان مىكرو زەرىچىلەر ئىككى ياقلىمىلىق خۇسۇسىيەتكە يەنى دولقۇنلۇق ۋە زەرىچىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، فوتۇنلارنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق خۇسۇسىيتى دەل نۇرنىڭ يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك دولقۇنلۇق ۋە زەرىچىلىك خاراكتېردىكى ھادىسىلەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنىڭ ئاساسى.