نەزمە - قوشاق توقۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

نەزمە - قوشاق توقۇش ئويۇنى ئاساسەن يېزا مەشرەپلىرىدە ۋە كۆپ ئادەم قاتناشقان جامائەت سورۇنلىرىدا چاقچاقچى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىگە ھەجۋى نەزمە - قوشاق توقۇشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل قىزىقارلىق كۈلكىلىك ئويۇن. بۇ ئويۇن ئاساسەن قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك ئومۇملاشقان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى سىناش مۇھىم ئۆلچەم قىلىنىدۇ. نەزمە - قوشاق ئارقىلىق كومېدىيىلىك ۋە دراماتىك تۈسنى پەيدا قىلغان بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن بىر قېتىملىق يېزا مەشرىپىدە ئۆزىنى يۇرتنىڭ ئۆلىماسى دەپ ئاتىۋالغان ئەمەت قارى دېگەن بىر بالا موللا كىشى بىلەن توختى مىسكەر ئىسىملىك بىر قىزىقچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن نەزمە - قوشاقنى سۇندۇق. بىر سورۇندا مېھمانلارنىڭ ئالدىغا پولو قويۇلغاندا ئەمەت قارى داستىخانغا چۈشۈپ، باشقىلار پولوغا قول ئۇزاتقۇچە لېگەندىكى پولونىڭ يېرىمىنى يەپ بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن مىسكەر: ئەي چالا موللا مۇسا ئوغلى ئەمەت سېرىق، يوغان ئالما، قولۇڭ كۆيەر پولو قىزىق. ھەر كاپامنى ئالدىرىماي يۇتساڭ سىلىق - سىلىق، ئاغزىڭغا كىرىپ كەتمەيدۇ، تاش - تېرىق. دەپ، نەزمە - قوشاق توقۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك پاراققىدە كۈلۈشۈپ سورۇندا جانلىنىش پەيدا بوپتۇ. ئەمەت قارى ئۆزىنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىنى سېزىپ، دەررۇ مۇنۇ نەزمە - قوشاقنى توقۇپتۇ: مەھەللىگە كۆچۈپ كەپتۇ توختى مىسكەر، جامائەتكە ئارىلاشمايدۇ ئەھلى مىسكەر. پۇچۇق چۆگۈن ئوڭشىيالماي تاراڭلىتىپ، ئولتۇرىدۇ سېلىپ كونا بىر دىۋىسكە. قىلمىشلىرى مەھەللىگە ياراشمىدى، قانداق شامال ئۇچراشتۇردى بۇ ناكەسكە. بۇ مەھەللە ئوبدان ئاڭا، بىز يامانمۇ؟ باشقايەرگە كۆچۈپ كەتسۇن ئەسكى مىسكەر. توختى مىسكەرمۇ بوش كەلمەي دەررۇ مۇنداق نەزمە توقۇپتۇ: چالا موللا ئەمەت قارىدەك يۈرگىچە بىر قىلغان ياخشىراق، قۇرۇق دۇئا - تەلەپتىن ئەمەل قىلغان ياخشىراق. زىيان سېلىپ كىشىگە، نەزىر تەمەسىدا يۈرگەندىن، يېڭى - يېڭى توپ كىيىپ، خۇشال يۈرگەن ياخشىراق. پۇلنى ئاياپ ئۆزىدىن، ئاچ - يالىڭاچ يۈرگۈچە، سىرتماق سېلىپ بوغۇلۇپ، ئۆزى ئۆلگەن ياخشىراق. پاناھ تىلەپ كىشىدىن، ھەر كۈن خوش - خوش ئەتكۈچە، ئۇشبۇ ئالەمدە كىشى، ئازاد بولغان ياخشىراق. پۇلى يوق ئاشا - مانتا يەپ ئاشپەزگە قەرزدار بولغۇچە، تويغۇدەك خام ئۇماچ ئىچىپ، كۇشادە يۈرگەن ياخشىراق. بەسلىشىپ بايلار بىلەن ئوغلاق چېپىپ ئات مىنگۈچە، پەشلىرىنى چىڭ تۈرۈپ، پىيادە يۈرگەن ياخشىراق. بۇنى ئاڭلىغان ئەمەت قارى دەررۇ نەزمە توقۇشقا ئاجىزلىق قىپتۇ. سورۇندا كۈلكە بېسىقماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەمەت قارى سورۇندىكىلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ كۈلدۈرەلمىگەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق مەشرەپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ توختى مىسكەردىن ئەپۇ سوراپتۇ. كېيىنكى قېتىملىق سورۇنلاردا توختى مىسكەرنى بىلىملىك كىشى قاتارىدا ساناپ، سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزىدىغان بوپتۇ. يېزا مەشرەپلىرى ئەنە شۇنداق نەزمە - قوشاقلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]