نەسخ خەت نۇسخىسى

ئورنى Wikipedia

”النسخ“(نەسخ) سۆزى ئەرەبچىدە ”كۆچۈرۈپ يازماق، قولدا كۆچۈرمەك، كۆچۈرۈپ خاتىرىلىمەك“دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نۇسخا ئەينى چاغدا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئوردا ھۆججەتلىرىنى كۆچۈرۈشتە قوللىنىلغان بولغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان. كاتىپلار بۇ خەت نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى كۆچۈرۈپلا قالماستىن، دۆلەتنىڭ ھۆججەت-ماتېرىياللىرى، ھۆكۈمەت جاكارلىغان قانۇن-پەرمانلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خارجى ئىشلارغا ئائىت خەت-چەكلىرىنى كۆچۈرگەن. كېيىنچە، ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ نۇسخىدىن پايدىلىنىپ گېزىت-ژۇرناللارغا كەلگەن ماقالىلەرنى كۆچۈرگەن؛ نەشرىيات ئورۇنلىرى بۇ نۇسخىدىن پايدىلىنىپ كىتاب تۈزگەن ۋە نەشر قىلغان. ئۇ ئادەتتىكى خەت نۇسخىسىغا ئوخشاش جەمئىيەتتە كەڭ قوللىنىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن.

ئەرەب خەتتاتلىقىدا نەسخ خەت نۇسخىسى كىچىك باسما خەت نۇسخىسى، سۇلۇس خەت نۇسخىسى چوڭ باسما خەت نۇسخىسى دەپ ئاتىلىدۇ. نەسخ خەت نۇسخىسىنى يېزىشنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرى بار، خەتلەر چىرايلىق، نازۇك، رەتلىك ۋە زىچ يېزىلىدۇ؛  قۇر ئارىلىقى رەتلىك، زىچلىقى تەكشى، چىرايلىق بولۇپ، كىشىگە گويا كەمبەغەل ئائىلىدە ئۆسكەن ساھىبجامال قىزدەك، سۇ تامچىلاپ تۇرغان نىلۇپەردەك ساپ ۋە يېڭى تۇيغۇ بېرىدۇ.

بۇ نۇسخىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئەرەب خەتتاتلىرى بىلەن يېزىق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل. ئىبراھىم زۇمرە «ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ باشلىنىشى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق كىتابىدا: ”بەزىلەر ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىردە بۇ نۇسخىنى تۇنجى بولۇپ قوللانغان كىشى تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئەبۇ تالىپ دەيدۇ. يەنە بىر ئىشەنچلىك قاراشتا دېيىلىشىچە، ۋەزىر ئەزەم ئىبنى مۇغەيرە بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئەبۇ ئابدۇللا ئەينى چاغدىكى كۇفى خەت نۇسخىسىغا ئاساسەن بۇ خەت نۇسخىسىنى ئىجاد قىلغان. ئىبنى مۇغەيرە ‘بەدئىيات’ دېگەن نام بىلەن ئاتىغان بۇ خەت نۇسخىسى مىسىردىكى مەملۈك سۇلالىسى دەۋرىدە مىسلىسىز تەرەققىي تاپقان“دەيدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچلىك يەنە بىر قاراش شۇكى، ئەينى چاغدا كىشىلەر كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى بولغان ھىجاز نۇسخىسىنى ئىككىگە بۆلگەنىدى: بىرى، تىك چاسا، ئەگمەچرەك، يانتۇ ئۈچ بۇلۇڭلۇق، گېئومېتىرىيەلىك شەكىلگە ئوخشاپ قالىدىغان خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇ كېيىنكى كۇفى خەت نۇسخىسى ئىدى؛ يەنە بىرى، قىرى يۇمىلاق، زىلۋا خەت نۇسخىسى بولۇپ، بۇ كېيىن تەرەققىي قىلىپ نەسخ خەت نۇسخىسىغا ئايلانغان.

نەسخ خەت نۇسخىسى بىلەن سۇلۇس خەت نۇسخىسى ئاساسەن ئوخشاش بىر دەۋردە تەرەققىي قىلغان. نەسخ خەت نۇسخىسى سۇلۇس خەت نۇسخىسىغا باققاندا تېزرەك يېزىلسىمۇ، ئىككىسىنىڭ يېزىلىش قائىدىسىدە بىر مۇنچە ئوخشاشلىقلار بار بولۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ ياخشى ئۈنۈم يارىتىدۇ. خەتتاتلار نۇرغۇن ھۆسنخەت ئەسەرلىرىدە بۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنى تەڭ قوللىنىپ، ئەرەب خەتتاتلىقىدىن ئىبارەت بۇ رەڭدار گۈزەل سەنئەتنى تېخىمۇ بېيىتقان. بۇ ئىككى خەت نۇسخىسى ناھايىتى ياخشى ماسلاشقان، بىر-بىرىگە ياراشقان بولۇپ، پەۋقۇلئاددە گۈزەل كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنىڭ پەرقى شۇكى، ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇلىنىش شەكلى ئوخشىمىغاچقا، نەسخ خەت نۇسخىسى چىرايلىق، ئويناق؛ سۇلۇس خەت نۇسخىسى جۇشقۇن، مەردانە كۆرۈنىدۇ. شۇنداقتىمۇ، نەسخ خەت شەكلىنىڭ  ئۆلچەم-قائىدىلىرىدىن چەتنىمىگەن ئاساستا بۇ خەت نۇسخىسىدىمۇ خەتنى چوڭ يازغىلى بولىدۇ. ئەمما، ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ بىر پۈتۈن گۈزەللىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ يەنىلا كىچىك خەت نۇسخىسى، يەنە كېلىپ قانچە كىچىك بولسا شۇنچە چىرايلىق ۋە ئويناق كۆرۈنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، نەسخ خەت نۇسخىسىمۇ ئۆزگىرىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، يەنە كۆپلىگەن يېڭى خەت نۇسخىلىرى بارلىققا كەلدى.

نەسخ خەت نۇسخىسى قەدىمىي كۆچۈرمە نۇسخا ۋە ئاخبارات نۇسخىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلام سەنئىتىدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.