نەسىردىن ئەپەندى

ئورنى Wikipedia

نەسىردىن ئەپەندى(خۇجا نەسىردىن)

ئۈرۈمچىدىكى نەسىردىن ئەپەندى ھەيكىلى

تۈركىيەنىڭ ئاقشەھىردىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەيكىلى


نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 -يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىرىدىكى سەرۋىھسار قەلەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان . دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى، ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان . ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ، سەرۋىھسار مەدىرىسەسىدە ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتكۇزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان . ئۇ ئىلىم ئېلش ئارزۇسى بىلەن مەھمۇد ئىسملىك خوجىغا ئىماملىقىنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، ئەينى دەۋردە ئاناتولىيىنىڭ ئىلىم ئوچىقى ھېسابلانغان كونيا شەھىرىگە بېرىپ، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (1207-1274) مەدرىسەسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان مەدرىسەنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئاتىكە ئىسملىك قىزغا ئۆيلەنگەن، ئۇنىڭىدىن تۇغۇلغان پاتىمە ئىسىملىك قىزى 1226-يىلى 8-ئايدا كىسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان . كېيىن يەنە بىر قىز پەرزەنىت كۆرۈپ، ئۇنىڭغىمۇ پاتىمە دەپ ئىسىم قويغان . شۇ مەزگىللەردە كىر شەھىرىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى، ئالىم ۋە شائىر ھاجى بەگىتاش (1210-1261) نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن نەسىردىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان . 1237 -يىلى باھاردا ئائىلىسى بىلەن ئاقشەھىرگە كۆچۈپ كەلگەن نەسىرىن ئەپەندى شەھەر ھاكىمى سەئىد ئىبراھىم سۇلتان ھەدىيە قىلغان ئۆيدە ئولتۇراقلاشقان . نەسىردىن ئەپەندى كېيىنچە يەنە بىر خوتۇنلۇق بولۇپ، ئۇنىڭىدىن دۇررى مەلىكە ئىسملىك قىز، چوڭ ئايالىدىن جالالىدىن ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنىت كۆرگەن ۋە ئىككى ئايالى بىلەن ئىناق، تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئۆتكەن . ئۇ ھەراخشىمى«قۇرئان كەرىم»، تەپسىر، ھەدىس، «دەدە قۇرقۇت مەسىلىلىرى»، «كەلىلە -دەمىنە»، «باتتالنامە» (ھىنىدى مەھەللىرى )، ۋەلىد يازغان«مەرىپەتنامە»، نىزامىلۇلمۈلۈك يازغان «سىياسەتنامە»، شەيخ سەئىدى يازغان«بوستان» ۋە «گۈلىستان» قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن . ئۇستازى سەئىدى مەھمۇد ھەيرانىدىن ۋە تۈرك شائىرى ئاشىق پاشانىڭ دىلكىشى بابا ئىلياستىن تەلىم ئالغان . بۇش ۋاقىت تاپىسلا، «گۈدەك مۇنارى مەدرىسە»، «فەرۇخ شاھ مەدرىسە»، « ئالتۇن قەلەم مەدرىسە» قاتارلىق ئاقشەھىردىكى ئوتتۇرا ئاناتولىيە بويىچە مەشھۇر مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەتتا ئىلىم ئىزدەپ، كۆپ كېتىم كونيا شەھىرىگە ئېشەك مىنىپ بارغان . شۇنداق قىلىپ، ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ كامىل دىنشۇناس ۋە تەڭداشسىز سۆز سەنئەتكارى بولۇپ يېتىلگەن نەسىردىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە -چاقچاق، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان . ئۇ تەخمىنەن 1285-يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپىنە قىلىنغان . بۇ جاي كېيىنچە، «خوجا نەسىردىن مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، مازار يېنىغا «خوجا نەسىردىن مەدرىسەسى» تەسىس قىلىنغان .

14- ئەسىردە ئاناتولىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇغۇل ھۆكۈمدارى ئەمىر تېمۇر (1336-1405) دەۋردە ئاقشەھىر ئېغىر ۋەيرانچلىققا ئۇچىرىغان، نۇرغۇن يادىكارلقىلار كۆيدۈرۈۋېتلىگەن . شۇ قاتاردا نەسىردىن ئەپەندىنىئو شېئىر دىۋانلىرى ۋە باشقا قوليازما ئەسەرلىرىمۇ يوقالغان .


تۈركىيەنىڭ ئاقشەھىردىكى نەسىردىن ئەپەندى مەقبەرىسى


ئابدۇلھەمىدخان (1876_1909-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان )زامانىدا كونيا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيىسى فايىك بەگ ئاقشەھىرنى ئوراپ تۇرغان سۇلتان تېغىنىڭ باغىرىدىكى باغچە ئوتتۇرىسىغا خوجا نەسىرىدىن مەقبەرسىنى ئەسلى شەكلى بويىچە مەرمەردىن ياساپ، 1905-يىل 7-ئايىنىڭ 12-كۈنى پۈتكۈزگەن . مەقبەرە يېنىدىكى «خوجا نەسىردىن مەدرىسەسى» ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئاقشەھىر مەركىزىگە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئېشەككە مىنىپ تۇرغان مەرمەر ھەيكلى تىكلەنگەن . ھازىر ئىستانبۇل مۇزېيىدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن ساقال -بۇرۇت قويغان، كىچىككىنە ئېشەككە مىنگە قىياپەتتىكى سۈرىتى؛ ئاقشەھىردىكى «خوجا نەسىردىن مۇزېيې» دا ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ماددىي بۇيۇم ۋە خاتىرىلەر بار . ئەنقەرە دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، ئىستانبۇل ئەدرنە تارىخىي مۇزېي ۋە بەزى چەت ئەل مۇزېيلىرىدا نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە 500 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي كىتاپ ساقلانماقىتا . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمانىيە دەۋردىكى جەم سۇلتاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەبۇلغازى رۇمى 1480-يىلى يازغان«سالتۇقنامە»دېگەن ئەسەردە، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 13- ئەسىردىكى مەشھۇر تۈرك ئالىمى سارى سالتۇق بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقى، ئۇنىڭ نامى ۋە لەتىپلىرى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان .


تۈركىيەنىڭ ئاقشەھىردىكى نەسىردىن ئەپەندى مەقبەرىسى


نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىسمى خوجا نەسىردىن بولۇپ، «موللا نەسىردىن»، «نەسىردىن ئەپەندى» دېگەن ئىسمىلا كېينچە ئۇنى ھۆرمەتلەپ قويۇلغان ۋە سىڭىپ كەتكەن . «ئەپەندى» دېگەن سۆز تۈركىچە«مۇئەللىم»، «ئۇستاز» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋە نوپۇزلۇق ئەرلەرگە قارىتىلىغان ھۆرمەت نامى .

نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى ئۇنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئىسلامىيەتتىن كېين تۈركىيگە ئېقىپ كىرگەن ھاجراد، ئەشاپ، ئەبۇ نەۋۋاس، جۇھا، ھاپىز ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ -سۆزلىرى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ۋە ئۇنىڭ نامىدا ئاتىلىپ، ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا -يېقىن شەرق، بالقان يېرىم ئارىلى، . ئەرەب ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا تارىم ۋادىسى ئەتىراپلىرىغىچە كەڭ تارقالغان . نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى 16- ئەسىردە تۈركىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى رامىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يىغىلىپ ۋە تەھىرىرلىنىپ توپلام قىلىنغان . 17- ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، 18- ئەسىردە رەسمىي كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن . 19-ئەسىردە«نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى» تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھەرلىرىدىكى تاش مەتبەئەدە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان . تۈركىيە ئالىمى ۋىلتائىز بوداق تۈزۈپ، 1909 -يىلى نەشىر قىلىنغان«ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى»غا 392 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن . 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە، «ئەپەندى لەتىپلىرى توپلمى» نىڭ ئالىتە خىل نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ، 445 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن . ئۇنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسى 1978 -يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان . ئەنگلىيىدە 1966-يىلى، 1973-يىلى ۋە 1978-يىلى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى«ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى»نىڭ تەرجمىسى نەشىر قىلىنغان . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى» 1936-يىلى تۇنجى قېتىم، 1957-يىلى، 1959-يىلى ۋە 1963-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. 1959-يىلى تاشكەنىت «شەرق ھەقىقىتى» نەشىرىياتى سولۇيىۋنىڭ«خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان، بۇ كىتاپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . ياپونىيىدە«نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى» نىڭ تەرجىمىسى 1965 -يىلى تۇنجى قېتىم، 1977-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان . دۆلىتىمىزدە 1958-يىلىدىن كېيىن، نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى ھەر مىللەت تىلىدا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان . ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىغان«نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى» بىر قەدەر تولۇق . جاۋ شىجې ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن، دۇنخۇاڭ ئەدەبىيات -سەنەت نەشىرىياتى 1990 -يىلى لەنجۇدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر لەتىپە -چاقچاقلىرىدىن تاللانما» ناملىق توپلامغا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 217 پارچە لەتىپىسى كىرگۈزۈلگەن .

ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولى مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك ئەلچىسى، دۇنياۋى فولكلۇر قەھىرىمانى، ھازىر جاۋاپ سۆز سەنئەتكارى، ئۆتكۇر پىكىرلىك ۋە ساغلام ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ قىزىقچىسى دەپ بىلىدۇ . خەلقىمىز ئۆز ئەقىل - پاراستى، تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيتىپ، ھەرخىل زامان -ماكان شارائىتىدا ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ . چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرىگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋى بەدىئي ئوبراز ھېسابلىندۇ .

مەنبە : نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە