نەنشا تاقىم ئاراللىرى

ئورنى Wikipedia

نەنشا تاقىم ئاراللىرى (خەنزۇچە: 南沙群岛) جەنۇبىي دېڭىزغا جايلاشقان نەنخەي ئاراللىرىدىن بولغان تۆرت چوڭ تاقىم ئارالنىڭ ئەڭ جەنۇبتىكىسى، ئەڭ كۆپ خادا تاشلىق، ئەڭ كەڭ دائىرىلىك تاقىم ئارالدۇر، جۇغراپىيىلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 3 گرادۇس 40 مىنوت - 11 گرادوس 30 مىنوت، شەرقىي ئۇنلۇق 109 گرادۇس 30 مىنوت - 117 گرادۇس 50 مىنوت ئارىسىدا يەر ئالماقتا، جەنۇبتىن شىمالغا 500 دېڭىز مىلدىن زىيادە، شەرق غەرب كەڭلىكى 400 دېڭىز مىلدىن زىيادە، توپلام 820 مىڭ كۋادرات دېڭىز مىل ئېرۇر، 230 دىن زىيادە ئارال، قۇرۇقلۇق، خادا تاش، قۇملۇق ۋە ساھىلدىن مۇتەشەككىلدۇر. توپلام سۇ ساھەسىنىڭ 1/5 قىسمى ئىگىلىمەكتە، بۇگۈنگىچە 192 دانىسىگە ئىسىم بېرىلگەن بولۇپ، توپلام 11 كۋادرات كلومېتر ئېرۇر.

نەنشا تاقىم ئاراللىرى ئەڭ كۆپ دەتالاشتا قالغان تاقىم ئاراللاردۇر، بۇگۈن ئەڭ ئاز يەتتە دەۋلەت تامانىدىن ئىگلەك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە تالاش - تارتىش ياشانماقتا.

ئىسمى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

نەنشا تاقىم ئاراللىرى جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىسىم بولۇپ، غەرب مەتبۇئاتىدا ئادەتتە سپراتلي ئاراللىرى (Spratly Islands) دېيىلىدۇ. ۋيېتناملىقلار چاڭشا تاقىم ئاراللىرى (Quần đảo Trường Sa群島長沙). مالايسىيا، ھىندونېزىيە ۋە ڧىلىپپىنلەردە سپراتلي ئاراللىرى مەنىسىدە (مالايچە، ھىندونوزچە: Kepulauan Spratly، تاگالوگچە: Kepulauan Spratly)؛ ئەمما مالايسىيادا ئۆز كونترولىدىكى ئۈچ ئەژدەر كۆزەتچى مارجان ئاراللىرى (مالايچە: Gugusan Semarang Peninjau)، ڧىلىپپىنلەردە ئۆز كونترولىدىكى قىسمەن ئاراللارغا كاليان تاقىم ئاراللىرى (تاگالوگچە: Kapuluan ng Kalayaan) دەپ ئاتايدۇ.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

نەنشا تاقىم ئاراللىرى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى دەتالاش