Jump to content

نەپەس

ئورنى Wikipedia
باش رول
باش رول

ئاتىلىشى

[تەھرىر]

ئۇيغۇرچە: نەپەس، ئىنگلىزچە: Breathe

ئىشلىگەن شىركەت

[تەھرىر]
باش رول
ئامىت ساداخ

ئامازون شىركىتى (Amazon Production)

تىل

[تەھرىر]

ھىندى، تامىل، تىلاگۇ

ئىشلەنگەن رايون

[تەھرىر]

ھىندىستان

باشقا ئۇچۇرلىرى

[تەھرىر]

Amazon Prime Video، جەمئىي بىر بۈلۈم 8 قىسىم . ھەر بىر قىسىمنىڭ ئۇزۇنلىقى 36-37 مىنۇتقىچە.

2018-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇنجى قۇيۇلغان.

ۋەقەلىگى

[تەھرىر]

«نەپەس» تىياتىرى ئامازوننىڭ ھىندىستاندا «Inside Edge» تىياتىرىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقارغان تىياتىرى بولۇپ، بىر ساقچى بىلەن قاراقچى ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. توغرا كېلىپ قالغان يېرى بۇ تىياتىردىكى ئەر باش رولچى ئىلگىرى «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىگە قاتناشقان ماداۋان بولۇپ، ئۇ فىلىمدە ئاتا رولىنى ئېلىپ، ئوغلىنىڭ ئۆپكىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن نەپەس جەھەتتە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بايقايدۇ، Rh مەنپىي قان مەنبەسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئوغلىنىڭ پەقەت يېرىم يىل ياشاش پۇرسىتى قالىدۇ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدىغان قان مەنبەسىگە ئىگە ئەزا تەقدىم قىلغۇچى پىدائىينى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتمايدۇ.

باشتا نۇرغۇن ئۆلۈم ۋەقەلىرى تاسادىپىيلىق دەپ قارىلىدۇ، بىراق ئامىت ساد رولىنى ئالغان ساقچى كۆپ خىل قاتىللىق دېلولىرىنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكىنى بايقايدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىغا ئىگە ئەزا تەقدىم قىلغۇچىلار، ساقچى گۇمان قوزغىمايدىغان جىنايەت گۇماندارى Mascarenhas دىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ.

ئوغلىنى قۇتقۇزۇش يولىدا قەست قىلىشتىن يانمايدىغان بىگۇناھ ئاتا، پۈتۈن ئەس-يادى قاتىلنى تۇتۇشقىلا قارىتىلغان ساقچى، بۇ 8 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا ئامازوننىڭ Prime Video تورىدا كۆرسىتىلدى (جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

باھا

[تەھرىر]

بۇ تىياتىر ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، شۈركىنىشلىك تىياتىرلاردىكى بارلىق ئېلېمېنىتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بۇ ھىندىستان تىياتىرلىرىدىكى بىر قېتىملىق ئىنقىلاب، بۇ تىياتىرنى كۆرگىنىڭىزدە بىر سېكۇنت ۋاقتىڭىزنىڭمۇ زېرىكىشلىك ئۆتكىنىنى ھېس قىلمايسىز. (ئەلكۈيى تورى باھاسى)

نۇمۇرلۇق باھا

[تەھرىر]

بۇ تىياتىر IMDb تورىدا 8.8 نومۇرغا ئېرىشكەن، سېسىق پەمىدۇر تورىدىكى يېڭىلىق دەرىجىسى %93 بولغان.

مەنبە

[تەھرىر]

ئەلكۈيى تورى http://www.alkuyi.com/news/show.php?mid=69135

مەنبەلەر

[تەھرىر]