يادرو ئېنېرگىيىسى

ئورنى Wikipedia

ئاتوم يادروسىنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئۆزگىرىش بولغاندا زور مىقداردا ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئاتوم يادرو ئېنېرگىيىسى، قىسقىچە يادرو ئېنېرگىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرگە يېڭى بىر خىل ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تەمىنلەپ بەردى.

بىر دانە ئېغىر ئاتوم يادروسىنىڭ بىرنەچچە دانە ئوتتۇراھال ماسسىدىكى ئاتوم يادروسىغا بۆلۈنۈش جەريانى ئاتوم يادروسىنىڭ پارچىلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ. يادرو پارچىلانغاندا زور مىقداردا يادرو ئېنېرگىيىسى قويۇپ بېرىدۇ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم بىر يولى ھېسابلىنىدۇ. يادرو پارچىلىنىشىنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى1954 - يىلى دۇنيادا تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇردى. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى يادرو يېقىلغۇسىنى كۆمۈر قاتارلىق ئورگانىك يېقىلغۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ توك تارقىتىدۇ، ئاتوم ئېنېرگىيە رېئاكتورى (ئاتوم قازىنى) ئۇنىڭ يۈرىكى، ئۇ ئىشلىتىدىغان يادرو يېقىلغۇسىنىڭ يەر شارىدىكى زاپاس مىقدارى ئېنېرگىيە ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا ئورگانىك يېقىلغۇ كۆيگەندىكى ئېنېرگىيىنىڭ20 ھەسسىسى بولىدۇ ھەم يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىدەك مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولماقتا.1992 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادا424 يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي توك تارقىتىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %20 ىنى ئىگىلىدى. مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بولغان چىنشەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى1991 - يىل12 - ئايدا توك تارقىتىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانىيەت يادرو ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىشنىڭ يەنە بىر يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا قۇياش چىقارغان غايەت زور ئېنېرگىيە نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. ھازىر ئالىملار قۇياش چىقارغان ئېنېرگىيىنىڭ قۇياشنى تەشكىل قىلغان سانسىزلىغان ھىدروگېن ئاتوم يادروسىدىن كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدى. قۇياش مەركىزىدىكى ئالاھىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا (15 مىليون سېلسىي گرادۇس) ۋە ئالاھىدە يۇقىرى بېسىمدا، بۇ ھىدروگېن ئاتوم يادرولىرى ئۆزئارا تەسىر قىلىشىپ، يادرو يىغىلىشىنى ھاسىل قىلىپ ھەم بىرىكىپ ئېغىرراق گېلىي ئاتوم يادروسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غايەت زور يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. قۇياش ئېنېرگىيىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئالىملارنى ئىلھاملاندۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈنئىي كونتروللۇق ئاستىدىكى ھىدروگېن ئېلېمېنتى يادرولىرىنىڭ يىغىلىش رېئاكسىيىسى، يەنى كونتروللانغان ئىسسىقلىق يادرو رېئاكسىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، كەلگۈسىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئېنېرگىيە مەنبەسى بولالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

كۆپچىلىككە مەلۇم، تەبىئەتتىكى ھىدروگېن ئېلېمېنتىنىڭ دېيتېرىي ۋە ترىتيدىن ئىبارەت يەنە ئىككى قېرىندىشى بار، ئالىملار ئۇلارنى ئىزوتوپ دەپ ئاتاشتى. دېيتېرىي يادرو يىغىلىشىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم يادرو يېقىلغۇسى بولۇپ، يەر شارىدىكى زاپاس مىقدارى ئىنتايىن مول، كىشىلەر ئۇنى دېڭىز سۈيىدىن ئايرىۋالالايدۇ. ھەر لىتىر دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبىدە03 .0 گرام دېيتېرىي بار.1 گرام دېيتېرىي يادروسى (دېيتېرون) يىغىلىش ھاسىل قىلىپ گېلىي يادروسىغا ئايلانغاندا،100 مىڭ كىلوۋات سائەت ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر بۇنى نېفىتكە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، بىر تۇڭ دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى دېيتېرېينىڭ ئېنېرگىيىسى400 تۇڭ ئەلا سۈپەتلىك نېفىتكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەگەر يەر شارىدىكى بارلىق دېڭىز سۈيىدىكى دېيتېرىينىڭ ئېنېرگىيىسىنى يادرونىڭ يىغىلىش رېئاكسىيىسى بويىچە قويۇپ بېرىلسە پۈتمەس - تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەنبەسى بولىدۇ. ئەمما، كونتروللانغان ئىسسىقلىق يادرو رېئاكسىيىسى ئاتوم ئېنېرگىيە رېئاكتورىنى قۇرۇشتىن كۆپ تەس بولغانلىقتىن، گەرچە يېقىنقى30 يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر زور كۈچ بىلەن تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا خېلى كۆپ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى. ئەمما، ئالىملارنىڭ ئىشەنچىسى يەنىلا چوڭ بولۇپ، ئۇلار21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىنسانىيەتنىڭ كونتروللانغان ئىسسىقلىق يادرو رېئاكسىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەم پاكىز، ھەم ئەرزان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ بېرەلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىدى.[1]

مەنبەلەر[تەھرىر]