يادرو دۆلىتى

ئورنى Wikipedia

«يادرو دۆلىتى›› يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، يادرو دۆلىتى يادرو قورالى( ئاتوم بومبىسى، ۋودورود بومبىسى، نېيترون بومبىسى قاتارلىق يادرولۇق پارتلىتىش قۇرۇلمىسى)غا ئىگە دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئاشكارا يادرو سىنىقى قىلغان ۋە يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، پاكىستان ۋە چاۋشيەن قاتارلىقلار بار، بۇ دۆلەتلەر يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر، دەپ ئاتىلىدۇ

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]

  • 核國家

چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

«يادرو دۆلىتى›› يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، يادرو دۆلىتى يادرو قورالى( ئاتوم بومبىسى، ۋودورود بومبىسى، نېيترون بومبىسى قاتارلىق يادرولۇق پارتلىتىش قۇرۇلمىسى)غا ئىگە دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئاشكارا يادرو سىنىقى قىلغان ۋە يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، پاكىستان ۋە چاۋشيەن قاتارلىقلار بار، بۇ دۆلەتلەر يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر، دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىمۇ يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇلار يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى.

«يادرو دۆلىتى››نىڭ يەنە بىر مەنىسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، يادرو قورالىغا قانۇنلۇق ئىگە بولغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ، بۇ دۆلەتلەر ‹‹يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلىك ئورنى›› بار دۆلەتلەر دەپمۇ قارىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئاتالمىش ‹‹قانۇنلۇق بولۇش›› ‹‹يادرو قورالى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى››دە ئېتىراپ قىلىنغان، يادرو قورالى شەرتنامىسى تۈزۈشكەن دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، جۇڭگو قاتارلىق ب د ت غا دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر ‹‹يادرو قورالى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ مەجۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنى شەرتنامە تۈزۈشكەن يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر ھەر قانداق دۆلەتكە يادرو قورالى ياكى يادرولۇق پارتلىتىش قۇرۇلمىلىرىنى، يادرو قورالى ياكى پارتلىتىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ؛ يادرو قورالىدىن خالىي دۆلەتلەرنىڭ يادرو قورالى ياسىشىغا، يادرو قورالى ياكى باشقا يادرولۇق پارتلىتىش قۇرۇلمىلىرىغا، يادرو قورالى ياكى پارتلىتىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ياردەم بەرسە، رىغبەتلەندۈرسە، يېتەكلىسە ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

ھىندىستان، پاكىستان، چاۋشيەن قاتارلىق دۆلەتلەر ‹‹يادرو قورالى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى››گە قاتناشمىغان دۆلەتلەر بولۇپ، يادرو قورالىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇ دۆلەتلەرنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلىك ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ دۆلەتلەر يادرو قورالىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ‹‹يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت›› دەپ ئاتاش – ئاتىماسلىق كۆپ ھالدا بىرەر دۆلەتنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قانداق سىياسىي پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا،نۇرغۇن دۆلەت بۇ ئۈچ دۆلەتنى ‹‹يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت›› دەپ ناھايىتى ئاز تىلغا ئالىدۇ.