يادرو مېدىتسىناسى

ئورنى Wikipedia

يادرو مېدىتسىناسى بولسا رادىئاكتىپلىق دورا ئارقىلىق دىئاگنوز قىلىش ۋە كېسەل داۋالاش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :يادرو مېدىتسىناسى

باشقا نامى :ئاتوم تېبابىتى

ئىنگلىزچە نامى :Nuclear Medicine

بايقالغان ۋاقتى :1896-يىلى

ئىشلىتىلىش ئورنى :دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە مېدىتسىنا

بايقالغان ئورۇن :فىرانسىيە

بايقىغۇچى :Becquerel

تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

يادرو مېدىتسىناسىيادرو مېدىتسىناسى ئاتوم تېبابىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ رادىئاتسىيەلىك ئىككى خىل ئىزوتوپنىڭ تېزلەتكۈچتە ھاسىل بولغان نۇر دەستىسى ۋە رادىئو ئاكتىپ ئىزوتوپ بىلەن ھاسىل قىلغان يادرو رادىئاتسىيەسىنىڭ مېدىتسىنادا ئىشلىتىلىشى. رادىئو ئاكتىپ ئىزوتوپ ۋە يادرو رادىئاتسىيىسى داۋالاش جەھەتتە، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە مېدىتسىنا ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ، دورىگەرلىك جەھەتتە، دورا تەسىر قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دورىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۆلچەپ بېكىتىش، دورا ئانالىزى ۋە دورا تەسىر كۆرسىتىشى، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇشتۇرۇلۇشى
  • بايقىلىشى
  • مەزمۇنى
  • رادىئاكتىپلىق دورىلار
  • رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنت ياكى رادىئاكتىپلىق ئىزوتوپ
  • رادىئاكتىپلىق دورا ئارقىلىق دىئاگنوز قۇيۇش
  • رادىئاكتىپلىق دورا ئارقىلىق تېببىي داۋالاش
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

بايقىلىشى[تەھرىرلەش]

1896-يىلى فىرانسىيەلىك فىزىكا ئالىمى Becquerel ئۇراننىڭ رادىيوئاكتىپلىق خۇسۇسىيىتىنى بايقىغان، رادىىوئاكتىپ نۇر چىقىرىش ھادىسىسىنى تۇنجى قېتىم تونۇپ يەتكەن.

مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

رادىئاكتىپلىق دورىلار[تەھرىرلەش]

رادىئاكتىپلىق دورىلار بولسا ئادەم ئىستېمال قىلسا بولىدىغان، خىمىيىلىك تەركىبىدە بىرخىل ياكى بىر نەچچە خىل رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنت ياكى رادىئاكتىپلىق ئىزوتوپ بار بولغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل دورىلارنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئالاھىدە تەييارلانغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى بەلگىلەنگەن ئورگان ياكى ھۈجەيرە قۇرۇلمىسىغا، نىشانلىق ھالدا، قان ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. رادىئاكتىپلىق دورىلارنىڭ بىرنەچچە خىل مۇھىم شەرتلىرى بار:

1) ئادەم بەدىنىگە خەۋپ يەتكۈزمەسلىك: بۇ دېگەنلىك، رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى ئادەم بەدىنىدە، ئورگان ھۈجەيرىلىرىگە زەخمەت يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

2) رادىئاتسىيە ئاكتىپلىقى ئېنىق ۋە روشەن بولۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك كۆزەتكۈچ ئارقىلىق ئېنىق كۆزەتكىلى بولۇشى كېرەك.

3) دورىنىڭ خىمىيە تەركىبى ئادەم بەدىنىگە زەھەرسىز بولۇشى ياكى زەھىرى ناھايىتى چەكلىك بولۇشى كېرەك.

4) تەنئەرقى تۆۋەن، ئىشلەپ چىقىرىلىشى ئاسان ۋە تىز بولۇشى كېرەك.

رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنت ياكى رادىئاكتىپلىق ئىزوتوپ[تەھرىرلەش]

رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنت ياكى رادىئاكتىپلىق ئىزوتوپ دېگىنىمىز، ئاتوم يادروسىدا ئېنېرگىيە تۇراقسىزلىقتىن كېلىپ چىققان، ھەرخىل زەررىچىلەرنى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئېلېمېنت ياكى ئىزوتوپلارنى كۆرسىتىدۇ (تۇراقلىق ئاتوم يادروسى ئىچىدە، ئېنېرگىيە تۇراقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن، پروتون ۋە نېيترونلارنىڭ سانى بەلگىلىك بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پروتون ياكى نېيترون يادرودىن ئاجرىتىلسا تۇراقسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. ئوخشاش ساندىكى پروتون، ئوخشىمىغان ساندىكى نېيتروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتوم يادروسى ئىزوتوپ دەپ ئاتىلىدۇ). رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنتلار رادىئاتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە قۇيۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يادرو مېدىتسىناسىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ئامىل رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ تارقاتقان ئۆزگىچە رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى. رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنىڭ رادىئاتسىيە قىلغان ئېنېرگىيىسى شۇ ئېلېمېنتقا خاس بولغان خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتكە ئېگە بولۇپ، ئادەتتە رادىئاتسىيە قىلغان ئېنېرگىيىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىدىن پايدىلىنىپ قايسى ئېلېمېنتنىڭ رادىئاتسىيىسى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ بەلكىم "تاماق يەيتمە" دېسە ماۋۇ خوتەنلىككەن دېگەنگە ئوخشاش، قايسى ئېلېمېنت ئىكەنلىكىنى تارقاتقان ئۆزگىچە ئېنېرگىيىسىدىن بىلگىلى بولىدۇ. بۇ خىل رادىئاتسىيىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ رادىئاتسىيە قىلىشنىڭ يىمىرىلىش يېرىم دەۋرى. رادىئاتسىيىنىڭ ۋاقىتلىق بولۇشى تېببىي ئىلمىدە ناھايىتى پايدىلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ دورىنىڭ ئادەمگە بولغان خەۋپى زور دەرىجىدە كېمىيىدۇ ۋە شۇنداقلا تەدرىجىي يوقايدۇ.

رادىئاكتىپلىق دورا ئارقىلىق دىئاگنوز قۇيۇش[تەھرىرلەش]

رادىئاكتىپلىق دورا ئوكۇل ياكى ئېغىز ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئورگاندىن ئايلىنىپ ئۆتىدۇ ياكى ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئورگان تەرىپىدىن سۈمۈرۈۋېلىنىدۇ. دورىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ۋە بەدەنگە ئۇرۇلۇش ئۇسۇلى قايسى خىل ئورگاننى نىشان قىلىشنى بەلگىلەيدۇ. ئادەم بۇ خىل دورىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، نىشان قىلىنغان ئورگان ياكى بەدەننىڭ نىشان قىلىنغان قىسمى كۆزەتكۈچ ئارقىلىق رەسىمگە تارتىلىدۇ. ئالدىدا دېيىلگەندەك، رادىئاكتىپلىق دورا خاراكتېرلىك رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئېنېرگىيە ئادەم بەدىنىدىن كېسىپ ئۆتۈپ كۆزەتكۈچكە يېتىپ بارىدۇ ۋە شۇ جەرياندا نىشانلانغان ئورگاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى، ئادەم بەدىنىدىكى راك، ئۆسمە ۋە باشقا غەيرىي ئوخشىماسلىقلارنى تېببىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق دىئاگنوز قۇيۇپ چىققىلى بولىدۇ.

مىسال: مەسىلەن بىرىنىڭ ئۆتىدە تاش بار دەيلى، ئالدى بىلەن ئۆتتىكى تاشنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى، بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى قاتارلىقلارنى ئېنىق بىلگەندىن كىيىن، رادىئاكتىپلىق دورا ياساش لازىم. بۇ خىل رادىئاكتىپلىق دورىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ئۆتتىكى تاشنىڭ ئەتراپىغا چاپلىشىدىغان بولۇشى كېرەك. رادىئاكتىپلىق دورىنىڭ ئىچىگە مۇۋاپىق ھالدا رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنت يۇغۇرۇلۇشى كېرەك.  بۇ خىل دورىنى ئىستېمال قىلغاندىن كىيىن، دورا قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆتتىكى تاش ئەتراپىغا يىغىلىپ چاپلىشىپ تۇرىدۇ. كۆزەتكۈچ ئارقىلىق رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسىنى كۆزەتكەندە، ئەگەر ئۆتتە راستىنىلا تاش بولسا، رادىئاتسىيە ئارقىلىق تارتىلغان رەسىمدە ئاشكارىلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۆتتە تاش باركەن دەپ دىئاگنوز قۇيۇلىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بىر ئاددىي مىسال، ئۆتتىكى تاشنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا تەكشۈرۈلۈشى ھاجەتسىز ئەمەلىيەتتە.

رادىئاكتىپلىق دورا ئارقىلىق تېببىي داۋالاش[تەھرىرلەش]

رادىئاكتىپلىق دورىلارنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسىنىڭ خاراكتېرلىك بولۇشى ئۇلارنىڭ تېببىي مېدىتسىناسىدا دىئاگنوز قۇيۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. رادىئاكتىپلىق دورىنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى (ئىسسىقلىق پەيدا قىلىشى) پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەنە بىر ھالقا. رادىئاتسىيە دېگەنلىك ئېنېرگىيە دېگەنلىك، ئېنېرگىيە دېگەنلىك ئىسسىقلىق دېگەنلىك، ئادەم بەدىنىدە مەركەزلەشتۈرۈلگەن زىچ ئىسسىقلىق مەنبەسى بولسا بىئولوگىيىلىك ھۈجەيرىلەرنى ياكى قۇرۇلمىلارنى كۆيدۈرگىلى جۈملىدىن ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

مىسال: يەنە بىر ئاددىي مىسال ئالايلى، مەسىلەن بىر ئادەمنىڭ كۆكسىدە ئۆسمە بار دەيلى، ئالدى بىلەن رادىئاكتىپلىق دورىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى شۇ ئۆسمىگە چاپلىشىدىغان قىلىپ ياسىلىشىنى كېرەك. ئىككىنچى باسقۇچتا، رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنت تاللاش. شۇ ئۆسمىنى رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ئېنېرگىيىنى ۋە رادىئاتسىيە قىلىش مېخانىزمنى تاللاش. رادىئاكتىپلىق دورا ياسىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئادەم بەدىنىگە ئۇرۇلسا، دورا قان ئايلىنىش ئارقىلىق كۆكسىدىكى ئۆسمە ئەتراپىغا يىغىلىپ چاپلىشىدۇ، شۇنداقلا رادىئاتسىيە ئارقىلىق ئېنېرگىيە تارقىتىشقا باشلايدۇ. بۇنى كۆكسىدىكى ئۆسمە ئەتراپىدا مىكرو تىپتىكى ئىسسىقلىق مەنبەسى دەپ قارىساق، مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىسسىقلىق (ئېنېرگىيە) تارقىتىش ئارقىلىق ئەتراپىدىكى (ئەلۋەتتە ناھايىتى قىسقا ۋە كىچىك دائىرە ئىچىدە) ئۆسمە ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆسمە مەنبەسىنى يوقاتقىلى شۇنداقلا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل رادىئاكتىپلىق دورا ئارقىلىق تېببىي داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ.