ياغاچ نەقىش سەنئىتى

ئورنى Wikipedia

      ياغاچ نەقىش سەنئىتى دېگىنىمىز ، پىچاقتا ياغاچنى يۇنۇش ئارقىلىق گۈل چىقىرىش سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى بىناكارلىقتا قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇر، ئۆزبىك قاتارلىق مىللەتلەر مەسچىت ھەم ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ ئىشىك، دېرىزە، لەمپە، تۈۋرۈك، لىم، چەڭزە ئۇچى، تۈۋرۈك تەگلىكى قاتارلىق جايلىرىغا تۈرلۈك گۈل - نەقىشلەرنى ئويۇشقا ئامراق. بۇ گۈل- نەقىشلەرنىڭ تولىسى گېئومېتىرىك شەكىللەر ۋە گۈل- گىياھ نەقىشلىرى بولۇپ ، بىنانىڭ قۇرۇلمىسى، تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ، شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، بىر- بىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان نەشقىلەرنى چۈشۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. نەشقىلەردە تۈز سىزىق شەكلى ئاساس قىلىنىدۇ. نەقىشلەر تولىمۇ كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، نەقىش بىلەن ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئورگانىك بىرلىشىپ ، بىناغا ئالاھىدە ھۆسىن قوشىدۇ . شىبە مىللىتى ئولتۇراق ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە، ساندۇق، جاۋەن قاتارلىق ئۆي جاھازىلىرىغا مودەنگۈل، نېلۇپەر گۈلى ئاساس قىلىنغان نەقىشلەرنى ئويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. قازاقلارنىڭ كېگىز ئۆيى ھەم ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان سوغا (ياغاچ چىلەك)، ئاياق( ياغاچ قاچا)، ساپلىق، قوشۇق قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىدە ئويما نەقىشلەر بار. موڭغۇللارنىڭ چالغۇ ئەسۋابىنىڭ دەستە ئۇچىغا ياغاچتىن ئويۇلغان كىچىك ئات بېشى قوندۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇ ئات باشلىق غېجەك دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياغاچ ئويما سەنئىتى مەخسۇس بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بۆشۈكتە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ياغاچ ئويمىنىڭ بېكىتىپ قويۇلغان قىلىپ شەكلى يوق. ئۇنى سەنئەتكارلار تامامەن ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە قاراپ ئويۇپ چىقىدۇ. شۇڭا جايلارنىڭ ياغاچ ئويمىلىرى بىر- بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. [1]

  1. مۇھەررىر : قەيسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى ؛ۋاقىت:2008- 04- 14 14:48 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-04/14/content_64647.htm؛