ياغلىق تاشلاش

ئورنى Wikipedia

ياغلىق تاشلاش - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېزلىك، ھوشيارلىق تەلەپ قىلىدىغان قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى، بۇ ئويۇنغا ئاز بولغاندا 15 تىن ئارتۇق قىز - ئوغۇل قاتناشسا بولىدۇ. قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن ئاز بولسا، ئويۇن قىزىمايدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىچىدىن ئىختىيارىي ئاساستا ياكى چەك تاشلاش ئارقىلىق ياغلىق تاشلىغۇچى بەلگىلىنىدۇ. قالغانلار دۈگىلەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ يېقىن - يېقىن ئولتۇرىدۇ. ياغلىق تاشلىغۇچى دۈگىلەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ، ياغلىقنى خالىغان بىرىنىڭ كەينىگە بىلدۈرمەي تاشلايدۇ. ئەگەر ئارقىغا ياغلىق تاشلانغان بالا ياغلىق تاشلىغۇچى ئايلىنىپ ئۆز يېنىغا كەلگۈچە ياغلىقنىڭ كەينىگە قويۇلغانلىقىنى بىلمەي قالسا، ياغلىق تاشلىغۇچى تاشلانغان ياغلىقنى ئېلىپ ياغلىق تاشلانغان بالىنى چەمبەرنى ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ ئۆز يېنىغا كەلگۈچە ئۇرىدۇ. ئاندىن ئىككىسى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر ياغلىقنىڭ ئارقىغا قويۇلغانلىقىنى سېزىپ قالسا، ئۇ ھالدا ياغلىقنى ئېلىپ ياغلىق تاشلىغۇچىنى قوغلاپ، ياغلىق تاشلانغان بالىنىڭ ئورنىغا كېلىۋالغىچە ئۇرىدۇ. ئۇرالمىسا، ئۇنىڭ ئورنىغا ياغلىق تاشلىغۇچى ئولتۇرىدۇ - دە، ياغلىق تاشلىغۇچى ئويۇن باشلايدۇ. ئويۇن ئاشۇ تەرىقىدە تاكى ئويۇنچىلار بولدى قىلغىچە داۋاملىشىدۇ. دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: ئىككى قات قىلىپ ئىشلىگەن ياغلىق بىلەن بىر - بىرىنىڭ باش قىسمىغا ئۇرۇشتىن ۋە باشقا جايلىرىغا ئورغاندىمۇ قاتتىق ئۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]