يانتاققۇدۇق تۇر خارابىسى

ئورنى Wikipedia

يانتاققۇدۇق تۇر خارابىسى (خەنزۇچە: 央达库都克烽燧遗址) توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ دۆلەت تاشيولى 314-لىنيەسىنى بويلاپ غەربكە قاراپ 96 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، 887 كىلومېتىرلىق جايغا بارغاندا تاشيولنىڭ جەنۇبىغا 50 مېتىر كېلىدىغان جايدا بىر تۇر خارابىسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ خارابىلىق مىلادى 2- ئەسرگە ئائىت يانتاققۇدۇق تۇر خارابىسىدۇر. تۇرنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 9.5 مېتىر، ئۇلىنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر كېلىدۇ. ھازىرقى ساقلىنىپ قالغان قالدۇق تۇر 20 قەۋەت بولۇپ، ھەر بىر قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى 50 سانتىمېتىر كىلىدۇ. بۇ تۇر كېسەك ۋە قۇمتاش بىلەن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئەتراپىدىن ساپال قاچا،مىس ئەينەك،مارجەن قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىنغان. تۇر خارابىسىنىڭ شەرق،جەنۇپ ۋە غەرپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپىدە قۇم دۆۋىسى بار بولۇپ، ئۈستىدە قۇرغاقچىلىق ۋە شورغا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەردىن يۇلغۇن ۋە يانتاق قاتارلىقلار ئۆسكەن. 1997-يىلى بۇ خارابىدىن ئانا مايمۇننىڭ قۇچىقىدىكى بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ھالىتى ناھايىتى ئوبرازلىق گەۋدىلەنگەن بىر ساپال قونچاق بايقالغان. مايمۇن ساپال قونچاقنىڭ ئېگىزلىكى 7.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3.9 سانتىمېتىر كىلىدۇ. مايمۇننىڭ كۆزى ئالدىغا تىكىلىپ تۇرغان، بوينى بېزەلگەن، يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان بولۇپ، ئانا-بالا مېھرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەنلىگى يارقىن نامايەن قىلىنغان. بۇ ساپال قونچاقنىڭ ياسىلىشى جانلىق ۋە ئوبرازلىق بولۇپ، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

يانتاققۇدۇق تۇر خارابىسى 2000-يىل مايدا توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئورنى قىلىپ بېكىتىلىپ، خارابىنىڭ ئالدىغا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقىدا ‹‹ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئورنى، يانتاققۇدۇق تۇر خارابىسى توقسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2000-يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان›› دېگەن خەتلىك ئابىدە تىكلىگەن. 2009-يىلى ئىيۇندا 6-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.