ياڭاق ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ياڭاق ئويۇنى - نىشانغا تەگكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياڭاق كۆپ چىقىدىغان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان. بۇ ئويۇن ئادەتتە ھېيت - بايرام ۋە ھەر خىل سەيلە پائالىيەتلىرىدە ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. كىمنىڭ ياڭىقى بولسا ئىختىيارىي ئويناۋېرىدۇ. بۇ ئويۇن ئۈچۈن تامنىڭ تۈۋىگە ياكى تۈزلەڭ يەرگە 10 - 20 ياڭاق سىغقۇدەك بىر ئورەك كولىنىدۇ. ياڭاق ئويۇنى ئوينىغۇچىلار ئۆز ئارا كېڭىشىپ، ئورەككە ياڭاق ئاتىدىغان چېگرا سىزىقى بەلگىلىۋالىدۇ ياكى تامغا بىر پارچە تاختاينى يانتۇ تىكلەپ، تاختاينىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن پەسكە قارىتىپ بىر ياڭاقنى دومىلىتىدۇ. شۇ ياڭاقنىڭ دومىلاپ بېرىپ توختىغان يېرى ياڭاق ئېتىش چېگرا سىزىقى قىلىنىدۇ. قاتناشقۇچىلار مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن كېلىشىپ ئورەككە ياڭاق ئېتىش نۆۋىتى بەلگىلەيدۇ. شۇ رەت بويىچە بىرىنچى ياڭاق ئاتقۇچىغا ئويۇنغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر كىشى ئوخشاش ساندىكى ياڭاقنى بېرىدۇ. ياڭاق ئاتقۇچى قولىدىكى پاي قىلىپ قوشۇلغان ياڭاقنى <جۈپ> ياكى <تاق> دەپ تۇرۇپ ئورەككە تاشلايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئورەك بىلەن چېگرا سىزىقىنىڭ ئارىلىقى 4 - 5 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر ياڭاق ئاتقۇچى <جۈپ> دەپ توۋلىغان بولسا، ئورەككە چۈشكەن ياڭاقنىڭ سانى جۈپ بولسا ئۇتقان ھېسابلىنىپ، باشقىلار پاي قىلىپ قوشقان ياڭاق شۇ كىشىگە تەۋە بولىدۇ. ئورەككە چۈشكەن ياڭاقنىڭ سانى تاق بولسا ئۇتتۇرغان بولىدۇ ۋە ئويۇنغا قاتناشقانلار قانچە ياڭاق پاي قوشقان بولسا، شۇنچە ياڭاق ئېتىش نۆۋىتى ئالمىشىدۇ. ھەر قېتىم ئورەككە ياڭاق ئاتقاندا ئويۇنغا قاتناشقانلار يۇقىرىقىدەك ئوخشاش ساندىكى ياڭاقنى ئالدىن پاي قىلىپ تاپشۇرىدۇ. ياڭىقى تۈگەپ ئويناشنى خالىمىسا مەجبۇرلانمايدۇ. بىر ئورەكتە ئوينايدىغانلار ئادەتتە 3 - 4 ئادەمدىن ئاشمايدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]