ياڭ زېڭشىن

ئورنى Wikipedia
ياڭ زېڭشىن

مۇستەبىت ھۆكۈمدار،خەلىقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى قوللانغان ياڭ زېڭشىن

ياڭ زېڭشىن 1863-يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مېڭزى ناھىيىسىدە بيۇكرات ئائىلىسىدەتۇغۇلغان.1889-يىلى يىگىرمە ئالتە يېشىدا بېيجىڭدا دۆلەتلىك كېجۈي ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، جىنشى ئۇنۋانىنى ئېلىپ ئەمەلدار بولغان ۋە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭۋېي ناھىيىسىدە ئامبال،خېجۇ ۋىلايىتىدە ۋالىي،گەنسۇ ھەربىي مەكتىپىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.

ئۇ 1907-يىلى44يېشىدا،شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى باش مۇپەتتىشى ليەن كۈينىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭغا چىقىپ،شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.1912-يىلى شىنجاڭنىڭ ھەربىي، مەمۇرى ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئالغان ياڭ زېڭشىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش،يەرلىك خەلقنى قۇل قىلىش،تالان-تاراج قىلىش ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان شۇملۇقلارنى قىلغان. ياڭ زېڭشىن 1928-يىلى7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆلكىلىك رۇسچە قانۇن مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارار مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا فەن ياۋنەن ئەۋەتكەن سولچىلار تەرپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.