ياۋروئاسىيا تونېلى

ئورنى Wikipedia

ياۋروئاسىيا تونىلى (تۈركچە: Avrasya tüneli) ياكى ئىستانبۇل بوغۇزى قۇرۇقلۇق يولى سۈنئىي ئۆتۈشمە تۈرى، ئۇلى 2011- يىل 26- ھۇد كۈنى سېلىنغان، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىرغاقلىرىنى، دېڭىز تېگىنىڭ ئاستىدىن كېنىدىي كوچىسىدا قۇمقاپى بىلەن D-100 تاشيولىدا كوشۇيولۇ (يۈگرەش يولى) مەۋقىئى ئاراسىدىكى لېنىيىدە بىر تاشيول تونىلى ۋە باغلانما يوللىرى بىلەن بىر-بىرىگە باغلىغان تونىل. ئومۇمىي لېنىيە تۇنېل ۋە باغلانما يوللارى بىلەن 14.6 كلومېتردۇر. قۇمقاپى بىلەن كوشۇيولۇ ئاراسىدا قاتناش قىستاڭ ھالدا 100 مىنۇتقىچە سۈرىدىغان مۇساپە 15 مىنۇتقا قىسقارتىلىشى مەقسەد قىلىنغان.

ئىستنابۇل بوغۇزىدا ئۈچ كۆۋرۈك ۋە بىر ماشىنا توشۇيدىغان فېرىبوت بىلەن بىرگە تاللاش سۈپىتىدە بىر تاشيول ئۆتۈشمە ئىمكانى ياراتماق مەقسەدى بىرلە، مارماراينىڭ 1.8 كلومېتر جەنۇبىغا قۇرۇلغان بۇ تۈر مەۋجۇت ئۈچ كۆۋرۈكنىڭ ۋە ماشىنا توشىيىدىغان فېرىبوتنىڭ قاتناش يۈكلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئىستانبۇلغا تېخىمۇ تەڭپۇڭچان بىر شەھەر ئىچى ئۇلاشمىسى قازاندۇرىشى كۈتۈلمەكتە. ئىستانبۇلدا مارماراي سۈنئىي ئۆتۈشمىسىدىن سوڭرە ئىككىنچى سۈنئىي ئۆتۈشمىدۇر. تۇنىلنىڭ ئۆتۈش ھەققى تاق يۆنىلىش 15 لىرا دۇر. 2017 يىلى ئۆتۈش ھەققى بولسا 16.5 لىرا بولىدۇ.